رۇسىيە دۇنيادىكى قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچى ۋە يۇقىرى ھەربىي تېخنىكىغا ئىگە دۆلەت بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە موسكۋا رەھبەرلىرى دۆلەت خامچوتىنىڭ زور بىر قىسىمىنى ھەربىي خىراجەتكە ئىشلىتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ھەربىي دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيىسى موسكۋانىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشقا تىرىشىپ، ئىلغار ھەربىي تېخنىكا ساپاسىنى ھەم قىسمەن ھەربىي قۇدرىتىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ئىنتىزام ،ھەربىي تەرتىپ ۋە ساپا جەھەتتىن كۆپ چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.
تېخى يېقىندا رۇسىيە ئارمىيىسىدە يۈز بەرگەن بىر يېڭى ئەسكەرنىڭ بىر توپ كونا ئەسكەرلەر ۋە ئوفىتسېرلار تەرىپىدىن ۋەھشىيانە ئۇرۇش، قىيناش ھەتتا باسقۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئاقىۋەتتە ھاياتىنىڭ خەۋپكە دۇچ كېلىشى ھەمدە ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ كېسىۋېتىلىش ۋەقەسى پۈتۈن رۇسىيىنى زىل-زىلىگە سالدى.
ۋەقە قانداق يۈز بەردى؟
خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتقان ، رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ۋە جامائەتچىلىكىنىڭ غۇل-غۇلىسىنى قوزغىغان مەزكۇر ۋەقەنىڭ جەريانىدا مۇنداق، رۇسىيىدىكى www.newsru.com ناملىق ئىنتېرنېت ئۇچۇر سەھىپىسىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ ۋەقە رۇسىيىنىڭ چېلىيابىنسك تانكا مەكتىپىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر توپ ھاراق ئىچىۋالغان كونا ئەسكەرلەر ۋە ئوفىتسېرلار تېخى يېڭىدىن ھەربىيگە كىرگەن ئاندرېي سىچېۋ ئىسىملىك 19 ياشلىق ئەسكەرنى بوزەك قىلىپ، ئۇنى كوللېكتىپ ھالدا ئۇرغان ۋە ھاقارەتلىگەن ،بۇنى ئاز دەپ مەزكۇر بىر توپ لۈكچەك ئەسكەرلەر بۇ يېڭى ئەسكەرنى كارىۋاتقا باغلاپ قويۇپ، ئۇنىڭغا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلغان. بۇ ئەسكەر ھايۋانلارچە ھاقارەتكە دۇچ كەلگەن ۋە ئېغىر جىسمانى زەربىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەربىي مەكتەپ رەھبەرلىكى تەرىپىدىن مەخپىي تۇتۇلغان ھەمدە كېچىكىپ دوختۇرغا كۆرسىتىلگەن. دوختۇرلارنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە دۇچ كەلگەنلىكى ھەمدە يىرىڭداپ كەتكەن ئىككى پۇتىنى كېسىۋېتىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، دەرھال موسكۋاغا يۆتكەپ داۋالىغان، رۇسىيە ئارمىيىسىدە يۈز بەرگەن مەزكۇر نومۇس قىلارلىق ۋەقە ئاخىرى مۇخبىرلار تەرىپىدىن جەمىيەتكە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئەزەلدىن ئارمىيىنىڭ ساپاسى ۋە ئىنتىزامىدىن سەسكىنىپ، پەرزەنتلىرىنى ئارمىيىگە ئەۋەتىشنى خالىمايۋاتقان جامائەتنىڭ غۇل-غۇلىسىنى قوزغىغان. رۇسىيە قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى بۇ ۋەقەنى ئاڭلاپ،" مەن ئۆمرۈمدە ئارمىيە ئىچىدىكى نۇرغۇن ئىنتىزامسىزلىقلارنى كۆرگەن، لېكىن بۇنىڭدەك ۋەھشىيانە، قىلمىشنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان ئىدىم" دەپ جىنايەتچىلەرنى ئەنىقلىغاندىن كېيىن ئەڭ قاتتىق چارە كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن.
خەلق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى
رۇسىيە جامائەتچىلىكىدە كۆتۈرۈلگەن رۇسىيە ھەربىي تۈزۈمى ھەققىدىكى نارازىلىقلار تەرەققى قىلىش نەتىجىسىدە ، رۇسىيە خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، 28-يانۋار كۈنى 200 دىن ئارتۇق ئادەم موسكۋادىكى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىناسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ھەتتا كىشىلەر " ئەگەر ھەقىقىي ھەربىي قوماندانى، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆزۈنى ئېتىۋالىدۇ" دېيىشىپ، ئارمىيىدىكى مەزكۇر ۋەقەدىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنى نومۇس قىلىشقا چاقىرغان. www.newsru.com دىكى خەۋەرلەردىن قارىغاندا، كىشىلەرنىڭ غەزەپلەنگەن تەرىپى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھېسابلانغان سېرگېي ئىۋانوپنىڭ رۇسىيە ئارمىيىسىدىكى لۈكچەكلىكلەر ۋە ئىنتىزامسىزلىقلارنى ئىنكار قىلغانلىقى شۇنىڭدەك ھەتتا ئۇنىڭ مەزكۇر ئاندرەي سىچېۋ ۋەقەسىگە ئېتىبار بەرمىگەنلىكى ئىكەن.
ۋلادىمىر پۇتىن ئارىلىشىشقا مەجبۇر بولغان
رۇسىيە ئارمىيىسىدىكى دەھشەتلىك ۋەقە ئاخىرى رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئالىي قوماندانى ھېسابلىنىدىغان پرېزىدېنت پۇتىنىڭ قۇلىقىغا يەتكەن. www.newsru.comdiki مەلۇماتلاردىن قارىغاندا. پۇتىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە باش ھەربىي تەپتىشكە بۇ دېلونى تولۇق ئېنىقلاپ، جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە جازالاش بۇيرۇقى بەرگەن شۇنىڭدەك بۇ ئەسكەرنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە داۋالاش ھەمدە ئۇنىڭغا موسكۋا شەھىرىدىن ئۆي تەقدىم قىلىشقا بۇيرىغان. لېكىن، پرېزىدېنتنىڭ بۇنداق ياخشىلىقلىرى بەرىبىر جەمىيەت خاراكتېرلىق نارازىلىقلار ۋە ئارمىيە ئىنتىزامى ھەم ساپاسىنى ئىسلاھ قىلىش تەلىپى ھەتتا خەلقنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىدىن تارتىپ، بارلىق ھەربىي قوماندانلارنىڭ ۋەزىپىلىرىدىن ئىستىپا بېرىشنى تەلەپ قىلىش خائىشلىرىنى توختىتىپ قالالمىغان.
رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ ساپاسى كۈنسايىن تۆۋەنلىمەكتە
ھەربىي كۆزەتكۈچىلەر رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ ساپاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.خەلقئارا ئىنسان ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىمۇ رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە ئارمىيىسىدە كونا ئەسكەرلەرنىڭ يېڭى ئەسكەرلەرنى بوزەك قىلىش ئىشلىرى ئەۋجى ئالغان. قوشۇن ئىچىدىكى زاغرا تىل بىلەن "بوۋا" دەپ ئاتالغان كونا ئەسكەرلەرنىڭ يېڭىدىن قوشۇنغا كىرگەنلەرنى خارلاش، ئۇرۇش –تىللاش ۋە ئۆز خىزمەتلىرىگە سېلىش قاتارلىق خۇسۇسىي جازالاش قىلمىشلىرى كۈنسايىن كۈچىيىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال چەكلەنمىگەن. نەتىجىدە، يېڭى ئەسكەرلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، قوشۇندىن قېچىش ئەھۋالى كۆپەيگەن. ئىنسان ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا يېزىلىشىچە، مەزكۇر دوكلاتنىڭ تەييارلىنىش باسقۇچىدىكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا 29 ئەسكەر ئەنە شۇنداق كونا ئەسكەرلەر يەنى "بوۋىلار" تەرىپىدىن بوزەك قىلىنىپ ئۆلتۈرىلگەن،109 ئەسكەر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا ئۆتكەن يىلى رۇسىيە دۆلەت مەجلىسى رۇسىيە ئارمىيىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بەش يىل ئىچىدە رۇسىيە ئارمىيىسىدە 10799 ئادەم ئۇرۇش بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆلگەن . رۇسىيىدىكى "ئەسكەرلەر ئانىسى" دەپ ئاتالغان ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ ئىسپاتلىشىچە، رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىدە يېڭىدىن ھەربىي خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان جەڭچىلەرنىڭ قېچىش ئەھۋالىمۇ ئېغىرلاشقان بولۇپ، مەزكۇر جەمىيەتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يىلىغا 40 مىڭ جەڭچى قوشۇندىن قېچىپ كېتىدىكەن. بۇنىڭدىكى سەۋەبلەر ئاساسلىقى قوشۇندىكى ئىنتىزامسىزلىق ۋە قانۇنسىزلىق قىلمىشلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
رۇسىيىنىڭ www.newsru.com ناملىق ئىنتېرنەت سەھىپىسىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، رۇسىيىدە ھەر يىلى، 350 مىڭدىن ئارتۇق يېشى 18دىن 27 ياشقىچە بولغان ياشلار ئىككى يىللىق مۆھلەت بىلەن مەجبۇرى ھەربىي خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىدىكەن. ئەمما، 90٪ ئادەم ھەربىي خىزمەت ئۆتەشتىن باش تارتىدىكەن. بۇ سەۋەبتىن پەقەت كەمبەغەللەرنىڭ پەرزەنتلىرىلا ھەربىي خىزمەتكە ئېلىنىدىكەن. لېكىن، رۇسىيە ھەربىي دائىرىلىرى بۇ خىل تەنقىدلەرنى ھەم ئۇچۇرلارنى ئىنكار قىلغان بولۇپ ،ئۇلار رۇسىيە ئارمىيىسىدىكى مەسىلىنىڭ ئۇنچىۋالا ئېغىر ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (ئۈمىدۋار)