ۋىلادىمېر پۇتىن رۇسىيىنىڭ ھاۋا ئارمىيە كۈچىنى نامايىش قىلدى
2007.08.21

21- ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى رۇسىيە، ژۇكوۋسكىي ھەربىي بازىسىدا 6 كۈن داۋام ئېتىدىغان خەلقئارالىق ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى كۆرگەزمىسىنى باشلىغان بولۇپ، مەزكۇر كۆرگەزمە رۇسىيە فېدېراتسىيىسى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئاۋىئاتسىيە كۆرگەزمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ ئاۋىئاتسىيە كۆرگەزمىسى موسكۋاغا يېقىن جايلاشقان مەخپى ھەربىي بازا ژوكوۋسكيدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمىدا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمېر پۇتىن سۆزگە چىقتى ۋە: "بۇ كۆرگەزمە بىزنىڭ ھەربىي ئاۋىئاتسىيە تېخنىكىسىدىكى يېتەكچى ئورنىمىزنى قۇۋۋەتلەپ تۇرۇۋاتىدۇ" دېدى. پۇتىن يەنە، رۇسىيە ئايروپىلان ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلىرى، سۈپىتى ياخشى مەھسۇلاتلار بىلەن ، يولۇچى ۋە ترانسپورت ئايروپىلانلىرىنىڭ دۇنياۋى ئاۋىئاتسىيە بازىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.
بۇ ئاۋىئاتسىيە كۆرگەزمىسىدە كۆپ يېڭىلىقلار بولمىغان
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك 6 كۈنلۈك ئاۋىئاتسىيە كۆرگەزمىسىدە، رۇسىيە ئۆزىنىڭ ئىلغار "سۇخوي" ۋە" مىگ" تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى ۋە S-400 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىلىرىنى كۆرگەزمە قىلغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 21- ئاۋغۇست رۇسىيىدىن بەرگەن خەۋەردە ئامېرىكىنىڭ ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ گېنېرالى ۋىليام ت. ھوبىنسنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۇ, "رۇسىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ مەن بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغان ئېسىل ئايرۇپىلانلىرى بار ئىكەن. سۇخوي , مىگ تىپلىق كۈرەشچى ئايرۇپىلانلارغا نۇرغۇن يېڭى تېخنىكىلار ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆردۈم" دەيدۇ.
ئەمما بەزى تەھلىلچىلەر رۇسىيىنىڭ ئايرۇپىلانلىرىدىكى بۇ يېڭىلىقلاردىن گۇمانسىرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھەربىي ئانالىزچى پاۋېل فېلېنھاۋېرنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئون يىلدىن بۇيان رۇسىيە ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئاۋىئاتسىيە كۆرگەزمىسىدە كۆپ يېڭىلىقلار بولمىغان بولۇپ ئۇ، "رۇسىيىنىڭ 'سۇخوي ' ۋە' مىگ' تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى "كۆپلەپ ئىشلەپچىرىشقا كىرىشتۈرۈلمىگەن ئويۇنچۇق ئايروپىلانلار، " دەپ ئاتىدى.
ھازىر تۈركىيىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئوتتۇرا سىيا سىياسىي تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم رۇسىيە ھەربىي ئاۋىئاتسىيە تېخنىكىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ۋە ئاۋىئاتسىيە تېخنىكىسىغا سېلىشتۇرغاندا خېلى ئارقىدا ئىكەنلىكنى كۆرسەتتى ۋە ئاۋىئاماتكىنى مىسال قىلىپ، رۇس كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ پەقەت ئۆرلەش تاختىسىنىڭ ياردىمىدىلا ئاۋئىاماتكىدىن ھاۋاغا كۆتىرىلەلەيدىغانلىقىنى ئەمما ئامېرىكىنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئاۋىئاماتكىدىن بىۋاسىتە ھاۋاغا كۆتىرىلەلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
خىتاي رۇسىيە قوراللىرىنىڭ ئەڭ چوڭ خېرىدارى
بۇ كۆرگەزمىگە دۇنيا بويىچە 70 گە يېقىن دۆلەت قاتناشقان بولۇپ، كۆرگەزمە ئۆمىكى ئىچىدە خىتاي، لاتىن ئامېرىكا ۋە ئەرەب ئەللىرىدىن كەلگەنلەر ئەڭ كوپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.
ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ قورال- ياراق تېخنىكا سىستېمىسىنىڭ ئوخشىمايدىغان ئىككى كاتېگورىيە يەنى ۋارشاۋا سىستېمىسى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى، مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا خىتاينىڭ رۇسىيىدىن قورال ياراق سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە خىتاينىڭ بۇ كۆرگەزمىگە كۆپ ئادەم ئەۋەتىشنىڭ نورمال ئىكەنلىكنى كۆرسەتتى.
ئالدىنقى ھەپتە رۇسىيە بىلەن خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىقى تەشكىلاتنىڭ قالقىنى ئاستىدا بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان"تىنچلىقى بۇرچى2007 "ناملىق ھەربىي مانېۋىر ئاياغلاشقىنىغا ئۇزۇن بولمىدى. شۇ مانېۋىر ئاياغلىشىش ئالدىدا 17-ئاۋغۇست جۈمە كۈنى، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمېر پۇتىن 15 يىلدىن بۇيان ئۇچۇشى توختىتىلغان ئۇزاق مۇساپىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى قايتىدىن ۋەزىپە ئۆتەشكە سالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم" : رۇسىيىنىڭ بۇ خىل سىياسەتلىرى ئامېرىكىغا ئانچە چوڭ يەتكۈزەلمەيدۇ"
پۇتىن، رۇسىيىنىڭ ئۇزاق مۇساپىلىك ئىستراتېگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى قايتا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىشى ئۈستىدە مۇخبىرلارغا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ خىلدىكى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشتىن توختاتمىغانلىقى رۇسىيىگە خەتەر پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئالدىنقى ھەپتە رۇسىيىنىڭ ئۇزاق مۇساپىلىك بومباردىمانچى ئايرۇپىلانلىرى ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى گۇئام ھەربىي بازىسىغا يېقىنلاشقان. ئەمما ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇس ئايرۇپىلانلىرى ئاگاھلاندۇرۇش بەرگىدەك دەرىجىدە يېقىنلاشمىغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى سىئان مېكورمېك: "ئەرگە رۇسىيە بۇ كونا ئايروپىلانلارنى ئېلىپ چىقىپ قايتا ئۇچۇرۇشنى خالىغان بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ قارارى" ئىكەنلىكنى بىلدۈرۈپ، بۇ جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ ئىنتايىن سالماق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.
تەتقىقاتچى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، رۇسىيىنىڭ بۇ خىل سىياسەتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا ئانچە چوڭ تەسىر يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە ھەربىي ۋە ئاۋىئاتسىيە سانائىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۆپلەپ مەبلەغ سالماقچى
ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سودىسىدىن ئالغان پايدىسىغا يەنىمۇ ئىلغار بولغان ھەربىي تېخنىكىلارغا مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن ھازىر قولىدا بار تېخنىكىلىرىنى سېتىش يولىنى تۇتقان ئىكەن.
سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلاپ چۈشكەندىن كىيىن رۇسىيە ئاۋىئاتسىيە سانائىتىگە سالىدىغان مەبلەغنى كۆپلەپ قىسقارتقانلىقى ۋە غەرب ئەللىرىدە ياسالغان كۈرەشچى ۋە يولۇچى ئايروپىلانلار تېخنىكا ئىلغارلىقى ھەم لايىھىلىنىشتىكى كۆركەملىكى بىلەن رۇسىيىنىڭ ئايروپىلانلىرىدىن ئېشىپ چۈشكەن بولغاچقا رۇسىيە ئاۋىئاتسىيە سانائىتى چۆكۈشكە باشلىغان ئىدى.
رۇسىيە بىرلەشمە ئاۋىئاتسىيە سانائىتى شىركىتىنى پرېزىدېنتى ئالېكسېي فيدوروۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت رۇس ئاۋىئاتسىيە سانائىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن 250 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- داۋاملىشىۋاتقان ئىككى چوڭ ھەربىي مانېۋىر ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىماقتا
- خىتاينىڭ ھىندىستان بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزمەكچى بولغان ھەربىي مانېۋىرىنىڭ مەقسىتى نېمە؟
- خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ مانېۋىر ئارقىلىق ئېرىشمەكچى بولغان يوشۇرۇن مەقسەتلىرىمۇ بار
- خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيىنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتمەكتە
- رۇسىيە ئارمىيىسىدىكى ۋەھشىيانە قىلمىشلار
- جەڭگىۋارلىقىنى يوقىتىۋاتقان رۇسىيە ئارمىيىسى