تارىخ قەھرىمانلارنى يارىتىدۇ، قەھرىمانلار يەنە ئۆز تۆھپىلىرى بىلەن تارىخىي يالدامىلارنى قالدۇرۇش ئارقىلىق تارىخ بەتلىرىنى بېيىتىدۇ. تارىخىي قەھرىمانلارنىڭ شانلىق ئىش ئىزلىرى بىر مىللەت ۋە دۆلەت ئۈچۈن مۇھىم روھىي بايلىقتىن ئىبارەت بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر قانداق بىر مىللەت ۋە ھۆكۈمەت ئۆز قەھرىمانلىرىغا يۈكسەك ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ياش ئەۋلادلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەم مىللەتپەرۋەرلىك روھى بىلەن تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
لېكىن، ئىنسانىيەت تارىخىدا مەلۇم بىر ئېھتىياج ئۈچۈن قەھرىمانلارنى ياساش ۋە ئويدۇرۇپ چىقىرىش ھەم تىكلەش ئارقىلىق كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە يېتىش ۋەقەلىرىمۇ سادىر بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەنە شۇنداق سۈنئىي قەھرىمانلىق ئوبرازلىرىنى ياساپ چىققانلىقىنى بىلىۋېلىشتى . ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ قەھرىمانى زويادۇر.
ياسالما قەھرىمان زويا
سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، سوۋېت كوممۇنىستلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان جىنايى قىلمىشلىرى پاش بولدى. كىشىلەر لېنىننىڭ ئەسىرگە چۈشكەن چار پادىشاھنى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئۆلتۈرىۋېتىشكە بۇيرۇق بەرگەنلىكى، ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا مىليونلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قىرغىن قىلىنىشى، 1937-1938-يىللىرىدىكى چوڭ تازىلاشتا مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئەمگەك لاگېرلىرىغا ھەيدىلىپ، خانىۋەيران قىلىنغانلىقى شۇنىڭدەك 1941-1945-يىللىرىدىكى سوۋېت -گېرمان ئۇرۇشى مەزگىلىدە ستالىننىڭ سوۋېت خەلقى ۋە ئەسكەرلىرىگە سالغان زۇلۇمى ھەم باشقا كۆپلىگەن ۋەقەلەرنىڭ سىرلىرىنى بىلىۋالدى.
ئەنە شۇنداق ۋەقەلەرنىڭ بىرى ستالىننىڭ سۈنئىي قەھرىمانلارنى ياساپ چىقىپ، بۇنى قەھرىمانلىقنى تەشۋىقات قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكى بولۇپ، ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە ۋە 50-يىللاردا داڭقى پۈتۈن كوممۇنىستىك ئەللەرگە كەڭ تارالغان زويانىڭ ھېكايىسى بۇنىڭ مىسالى بولسا كېرەك.
1941-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنى گېرمانىيىنىڭ تاجاۋۇزىدىن قوغداش ئۇرۇشىغا ئاتلىنىپ، پارتىزانلىق ئۇرۇش جەريانىدا دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ، تىز پۈكمىگەندىن كېيىن دارغا ئېسىلغان زويانىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى ئەينى مەزگىلدە پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە باشقا سوتسىيالىستىك ئەللەردىكى ياشلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان. ستالىن پۈتۈن ياشلارنى زويادىن ئۈلگە ئېلىپ، جەڭ مەيدانىغا ئاتلىنىشقا چاقىرغان بولۇپ، سانسىزلىغان ياشلار ئەنە شۇ زويانىڭ قەھرىمانلىق روھىنىڭ ئىلھامى ئاستىدا گېرمانىيە ئەسكەرلىرى بىلەن بولغان جەڭلەردە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
50-يىللاردا زويا ھەققىدە كىنو ۋە تىياتىرلار ئىشلەندى، رومان-پوۋېستلار ۋە باشقا خىل ژانىردىكى ئەسەرلەر يېزىلدى. زويا ھەققىدىكى ئەسەرلەر خىتاي ۋە باشقا سوتسىيالىستىك مەملىكەتلەردىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىپ، ياشلارنى زويادىن ئۈلگە ئېلىشقا چاقىرىلدى.
ئۇنداقتا زويا راستىنلا شۇنداق قەھرىمانمۇ؟ زويا ھەققىدىكى ھېكايىلەرنىڭ ھەممىسى راستمۇ؟ سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن رۇسىيىدە زويا ھەققىدىكى ھېكايىلەرنىڭ ئويدۇرما ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆز چۆچەكلەر تارقالدى.
زويانىڭ ئەسلى ھېكايىسى
يېقىندا بىر خىتاي ئاپتور بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ زويانى تەتقىق قىلغان رۇسىيە تارىخشۇناسى ئالېكساندىر بېلوفنى زىيارەت قىلغان. ئالېكساندىر بېلوف زويانىڭ ھېكايىلەردە تەسۋىرلەنگەندەك موسكۋالىق بولماستىن بەلكى موسكۋاغا كۆچۈپ كەلگەنلىكى ھەمدە موسكۋادا ئوقۇتقۇچىلىققا ئورۇنلاشقان ئۇنىڭ دادىسىنىڭ 1937-1938-يىللىرى خەلق دۈشمىنى دەپ قارىلىپ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتقان. زويا ھېكايىلەردە تەسۋىرلەنگەندەك ئۇنداق ئوچۇق يورۇق، شوخ قىز بولماستىن بەلكى غەمكىن يۈرىدىغان ، ھېچ كىم بىلەن ئارىلاشمايدىغان قىز ئىكەن.
ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان " زويا ۋە شۇرا" ناملىق كىتابتا ھەمدە "زويا" ناملىق كىنودا زويانىڭ گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھەربىي لاگېرىنى كۆيدۈرۈش جەريانىدا دۇشمەن تەرىپىدىن سېزىپ قېلىنىپ، قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقى سۆزلەنگەندە بولسا، يەنە باشقا ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىدا ئۇنىڭ گېرمان ئەسكەرلىرىنىڭ ھەربىي ئاتخانىسىنى كۆيدۈرىۋەتمەكچى بولغاندا قولغا چۈشكەنلىكى سۆزلىنىدۇ.
ئەسلى ۋەقە : زويا پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈش جەريانىدا قولغا چۈشكەن
مەتبۇئاتلاردا يېزىلىشىچە، مەخسۇس زويانىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تەتقىق قىلغان رۇسىيە تارىخچىسى ئالېكسېي لېبخودوف 2006-يىلى زويا دارغا ئېسىلغان موسكۋا ئوبلاستىنىڭ پېتروشوۋ يېزىسىنى زىيارەت قىلغاندا ، ئەينى ۋاقىتتا زويانىڭ دارغا ئېسىلغان ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان. ئۇ كىشى 1941-يىلى گېرمانلارنىڭ زويانى دارغا ئاسقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەمدە زويانىڭ دارغا ئېسىلىشىدىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ يېزىسىدىكى بىر قانچە ئۆينىڭ كۆيدۈرىۋېتىلگەنلىكى، بۇ ئۆيلەرنىڭ بىر قانچە كېچە-كۈندۈز كۆيگەنلىكىنى، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆي-ماكانسىز قالغانلىقى ھەمدە نېمىسلارنىڭ كۆزەتچىلىكنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن.
بۇ كىشىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇلارنىڭ قوشنىسى ئىستىپان ئىسىملىك كىشى زويا ئىسىملىك بىر قىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆيىنى كۆيدۈرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى تۇتۇۋالغانلىقى، ئەگەردە ئۇنى تۇتۇۋالمىغاندا ئۇنىڭ يەنە يېزىدىكى قانچىلىغان ئۆيلەرنى كۆيدۈرىۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئىستىپان زويانى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۆيىدە بىراز قاماپ قويۇپ، ئاندىن كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، سىرتقا ئېلىپ چىقىپ، كۆيدۈرۈۋەتكەن ئۆيلەرنى كۆرسىتىپ سازايى قىلغان، بىر ئايال زوياغا بىر مالتاق مەينەت سۇنى چېچىۋەتكەن، يەنە بىر ئايال زويانى كالتەك بىلەن ئۇرغان. ئەتىگەندە ، گېرمان ئەسكەرلىرى يېتىپ كېلىپ، زويانى ئۇرغان.
زويا دادىسىنىڭ جىنايىتىنى ئاقلىماقچى بولغان
ئالېكساندىر بېلوفنىڭ قارىشىچە، زويا خەلق دۈشمىنى دەپ تۇتۇپ كېتىلگەن دادىسىنىڭ جىنايىتىنى يۇيۇش ئۈچۈن كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي رازۋېتكا گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارغا دۈشمەن ئەھۋالىنى رازۋېتكا قىلىش ۋەزىپىسى بېرىلگەن.
ئۇ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈپ، دۈشمەننىڭ ئەھۋالى تولۇق ئىگىلەنمەي تۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى خاتا كۆيدۈرگەندە يەرلىك رۇس پۇقرالىرى تەرىپىدىن تۇتىۋېلىنىپ، گېرمانلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن، زويانىڭ دارغا ئېسىلىش ئەھۋالىنى كۆرگەن گرىگورىي تاراسوف ئەينى ۋاقىتتا نېمىسلارنىڭ زويانى بارلىق يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئالدىدا دارغا ئاسقانلىقى، زويانىڭ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ھېچ نېمە دېمەي تۇرغانلىقى، نېمىسلار ئۇنىڭ بوينىغا ئاغامچىنى سالغاندا ئۇنىڭ نېمىسلارنى قورال تاشلاپ تەسلىم بولۇشقا چاقىرغانلىقى ھەمدە ئاستىدىكى يەشىك تېپىپ يىقىتىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئەمما ئۇنىڭ "ستالىن ياشىسۇن !" دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلىمىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. زويانىڭ جەسىتى داردا بىر ئاي تۇرغاندىن كېيىن، بىر قانچە قېرى-چۆرىلەر ئۇنى دەپنە قىلغان ئىكەن.
قەھرىماننى تالىشىش
زويانى ئۆز قوللىرى بىلەن تۇتۇۋېلىپ، ئۇنى ئۆز ئۆيلىرىنى كۆيدۈرىۋەتكەنلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا مەينەت سۇ چاچقان، ئۇنى كالتەكلىگەن ۋە ئۇنى يالىڭاچ ھالدا سازايى قىلغان ھەمدە ئاخىرىدا تاجاۋۇزچى گىتلېر ئەسكەرلىرىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن پېتروشوۋ يېزىسىدىكى كىشىلەر 1942-يىلى زويانىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەھرىمانى دېگەن نامغا ئېرىشىپ، ئۇنىڭ قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرى تەشۋىق قىلىنغاندىن كېيىن ، بىردىنلا زويانى تالىشىپ، ئۇنى " بىزنىڭ قىزىمىز، بىزنىڭ يېزىمىزنىڭ قەھرىمان قىزى" دەپ پەخىرلىنىشكە باشلىغان. پېتروشوۋ يېزىسىدىكىلەر تەخمىنەن 60 يىل ۋاقىت زويادىن پەخىرلىنىپ يۈرگەن بولسا، سوۋىت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن قايتىدىن زويانىڭ ھېكايىسىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ھەققىدە سۆزلەشكە باشلىغان.
زويانىڭ ھېكايىسى راستچىللىق بىلەن يالغانچىلىقنىڭ توقۇنۇش نۇقتىسى بولۇپ، ئۇ مىليونلىغان بىگۇناھ جانلارنىڭ سىياسىي ئويۇنلارنىڭ قۇربانى سۈپىتىدە قانداق ۋەيران قىلىنغانلىقىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالدى. ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇنلىغان سىرلىرى ، رەزىللىكلىرى ۋە يالغانچىلىقلىرى تارىخنىڭ ئادىل سوتى ئالدىدا بىر-بىرلەپ پاش بولۇشقا باشلىدى.(ئۈمىدۋار)