رۇسىيە ئارمىيىسى شىتاب باشلىقىنىڭ خىتاي زىيارىتى ۋە رۇسىيە-خىتاي ھەربىي مۇناسىۋەتلىرى

0:00 / 0:00
RUSSIA-CHINA-MILITARY-69.jpg
2005 - يىلى 18 - ئاۋغۇست كۈنى، رۇسىيە بىلەن خىتاي بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان تىنچلىق 2005" ناملىق مانېۋىرى باشلانغان كۈنى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنى قوماندانى لياڭ گۇاڭليې ۋە رۇسىيە ئارمىيىسى قوماندانى يۇرى بالۇيېۋىسكي رۇسىيىنىڭ ۋلادىۋوستوك شەھىرىدە . AFP

رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى باش شىتاب باشلىقى بالۇيېۋسكىينىڭ خىتاي زىيارىتى ئىران يادرو كرىزىسى ئۆتكۈرلەشكەن، پەلەستىن –ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى، ئىراقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى مۇرەككەپلەشكەن شۇنىڭدەك پرېزىدېنت پۇتىننىڭ ئامېرىكىنى تەنقىد قىلىشى بىلەن ئىككى تەرەپ ئارىسىدا بىر-بىرىنىڭ ئادرېسىغا تەنقىدىي پىكىرلەرنى ئېيتىش مەيدانغا كەلگەن بىر پەيىتكە توغرا كەلگەن بولۇپ، ئەنگىلىيە رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتى ب ب س گېنېرال بالۇۋېۋسكىينىڭ مەقسىتى " خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى بىلەن ئىككى دۆلەت ھەربىي ھەمكارلىقلىرىنىڭ ئىستىقبالى، ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىقى ۋە قورال-ياراق سودىسى شۇنىڭدەك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش پىلانى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەر بويىچە مۇزاكىرىلىشىشتىن ئىبارەت" دەپ كۆرسەتتى.

زىيارەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى – بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر

رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرىمۇ رۇسىيە باش شىتابى باشلىقىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ بۇ يىل 7-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشقا قارىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى كېلىشىمگە بىنائەن رۇسىيە ۋە خىتاي ئارمىيىسى 7-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 25-كۈنىگە رۇسىيىنىڭ ئۇرال رايونىدا كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى. بۇ قېتىمقى مانىۋەر 2005-يىلىدىكىگە ئوخشاش " تىنچلىق ئۈچۈن " دەپ ئاتالغان بولۇپ، خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئۇرال رايونىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بىرلەشمە مانېۋىرغا رۇسىيە ۋە خىتاي ئارمىيىسى ھەر بىرى ئۈچ مىڭ كىشىلىك قوشۇن چىقارغاندىن باشقا يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستانلارمۇ ئايرىم -ئايرىم ھالدا 100 كىشىلىك ئەترەت، قىرغىزىستان 30 كىشىلىك ئەترەت ئەۋەتىپ، مانېۋىرغا قاتناشتۇرۇدىكەن، شۇنىڭدەك يەنە رۇسىيە ۋە خىتاي ئالىي دەرىجىلىك سىياسىي ھەم ھەربىي رەھبەرلىرى مانېۋىرنىڭ جەريانىنى كۆزدىن كەچۈرىدىكەن.

رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ تۇنجى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى 2005-يىلى، خىتاينىڭ شەندوڭ ئۆلكىسى ئەراپىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، رۇسىيە تانكا، ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ 1800 نەپەر جەڭچى –ئوفىتسېرى خىتاي تېررىتورىيىسىگە كىرىپ، مانېۋىرغا ئىشتىراك قىلغان، خىتاي سەككىز مىڭ ئەسكىرىنى قاتناشتۇرغان ئىدى. رۇسىيە –خىتاي ئارمىيىسىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرى ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلغان ھەمدە خىتاي ھەم رۇسىيە رەھبەرلىرى بۇ مانېۋىرنىڭ 3- دۆلەتكە قارىتىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىسىمۇ، بىراق، بەرىبىر كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي تەسىرىگە ھەيۋە قىلىش ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشقان ئىدى.

رۇسىيە خىتاينىڭ مۇھىم ھەربىي شېرىكى

خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يەكشەنبە كۈنى خىتاي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۇ بوشۇڭ، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۇئاڭچۇئەن قاتارلىقلار بېيجىڭدا بالۇيېۋسكىي بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشكەن.

گۇ بوشۇڭ سۆزىدە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ " ئەۋلادتىن ئەۋلاد دوست بولۇش، مەڭگۈ دۈشمەنلەشمەسلىك پىرىنسىپى بويىچە " ئۆزارا مۇناسىۋەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىغا يۇقىرى باھا بەرگەن. بالۇيېۋسكىيمۇ رۇسىيە-خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.

رۇسىيىنىڭ "مۇستەقىللىق گېزىتى" رۇسىيە-خىتاي ھەربىي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتە، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ھەم شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارغانسىرى سوغۇقلىشىپ قېلىشىغا ئەگىشىپ، رۇسىيە ھەربىي رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىدىكى رايونلارنى قۇرۇش ۋە كۈچەيتىشنى قارار قىلىپ، ئاسىيانى نىشان قىلغانلىقى، خىتاينىڭ رۇسىيىنىڭ چەتئەللەردىكى ئاساسلىق ھەربىي شېرىكىگە ئايلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

رۇسىيە ئامېرىكىغا قارشى خىتاي قەرتى ئوينىماقتا

بىر قىسىم رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە بىر –بىرىنى دائىم قەرت قىلىپ ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. "مۇستەقىللىق گېزىتى"دىكى ماقالىدە موسكۋانىڭ بېيجىڭنى ھەربىي ئىتتىپاققا ئەكىرىشنى بۇرۇندىنلا، بولۇپمۇ، موسكۋانىڭ غەرب بىلەن جۈملىدىن ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى جىددىيلىشىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا ئويلاشقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. چۈنكى، تېخى يېقىندا رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ گېرمانىيىدىكى بىخەتەرلىك يىغىنىدا ئامېرىكىنى ئەيىبلىشىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا بىر-بىرىنى تەنقىد قىلىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئامېرىكىنىڭ چېخىيە قاتارلىق شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىش پىلانى رۇسىيىنى تېخىمۇ نارازى قىلدى.

"ئامېرىكا ئاۋازى" رادىئوسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە ھەربىي ئىشلا مۇتەخەسسىسى فېلىكخاۋەر رۇسىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادە قىلماقچى بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

خىتاينىڭ مەقسىتى ھەربىي تېخنىكا ۋە قورال-ياراق

رۇسىيە بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقلاردىن خىتاينىڭمۇ ئۆز ئالدىغا كۆزلىگەن مەقسىتى بار بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ مەقسىتىنىڭ بىر تەرەپتىن رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق ئاسىيا–تىنچ ئوكيان رايونىغا ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن رۇسىيىنىڭ ھەربىي تېخنىكىلىرىغا ئېرىشىش ھەم ئىلغار قورال-ياراقلىرىنى سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشتى. چۈنكى، خىتاي رۇسىيىنىڭ ئىلغا كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىغا مۇھتاج بولۇپ، ئۆتكەن يىلى رۇسىيە دائىرىلىرى بۇلارنى سېتىپ بېرىشقا قارشى چىققان، ئەممابۇ قېتىم بۇنىڭغا قوشۇلغان ئىكەن.

لېكىن، رۇسىيە مۇتەخخەسىسلىرىنىڭ كۆز قارىشى بىردەك ئەمەس بولۇپ، كۆپىنچە مۇتەخەسسىسلەر رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بىر-بىرىدىن پايدىلىنىش تۈسى ئالغانلىقى، ئۇنىڭ مۇستەھكەم ئەمەسلىكى ھەم ئۆزارا ئىشەنچنىڭ يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا، رۇسىيە مۇتەخەسسىسى ئارباتوپ " رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ھەر قانداق ئىتتىپاقچىلىق مۇناسىۋەت رۇسىيىنى ئاكىلىق ئورۇنغا ئەمەس بەلكى كىچىك ئۇكىلىق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. چۈنكى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى رۇسىيىدىن كۈچلۈك، كەلگۈسىدە خىتاي ھەربىي جەھەتتىن رۇسىيىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا رۇسىيە خىتاي بىلەن ھەربىي ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەت ئورناتماسلىقى مۇمكىن" دەيدۇ.

بىر قىسىم رۇس ئانالىزچىلىرى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئېھتىياتچان بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويسا، خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئەمدى رۇسىيىنىڭ بۇرۇنقى سوۋېت ئىتتىپاقىدەك ئۆزىنى جۇڭگونىڭ ئاكىسى كەبى كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكە سالماقتا. ھەقىقەتەن، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىكى سوۋېت –خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە موسكۋا ئاكا، بېيجىڭ ئۇكا ھالىتىدە بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال ئاخىرى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. (ئۈمىدۋار)