غەرىپنىڭ نارازىلىقى ئاستىدىكى پۇتىن ئىسلاھاتى
2004.09.15
بېسلان ۋەقەسىدىن كېيىن رۇسىيە پرىزدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن رۇسىيە دۆلەت تۈزۈلمىسىدە بىر قاتار ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئىسلاھاتى بىۋاستە رۇسىيە پارلامېنت سايلىمى، يەرلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدىكى سايلام جۈملىدىن ئۆلكە ۋە ھەر قايسى ئاپتونومىيىلىك بىرلىكلەر باشلىقلىرى سايلىمى قاتارلىقلارغا قارىتىلغان بولۇپ، كۈزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە بۇ ئۆلكە باشلىقلىرى ۋە باشقا يەرلىك ھاكىمىيەت باشلىقلىرىنىڭ بىۋاستە مەركەز تەرىپىدىن تەيىنلىنىشىگە بېرىپ تۇتىشىدىكەن.
ۋلادىمىر پۇتىننىڭ بۇ خىل ئىسلاھاتى فېدېرال ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەتنى مەركەزگە يىغىشىنىڭ بىر خىل يېڭى قەدىمىدىن ئىبارەت بولۇپ، مەزكۇر ئىسلاھات ئىلگىرى پرىزدېنت يېلسىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن چاغدىكىدەك رۇسىيە فېدېراتسىيىسىگە تەۋە 86 جۇمھۇرىيەت، ئاپتونوم رايون ۋە ئۆلكىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنىڭ كەڭ يولغا قويۇلىشىدەك ئەھۋالغا خاتىمە بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.
پۇتىن يەنە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا نىسبەتەنمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت رولى ۋە مۇمكىنچىلىكىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چۈنكى، بېسلان ۋەقەسىدىن كېيىن رۇسىيىنىڭ بىخەتەرلىك ساھەسىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ ئۈنۈمسىز ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تەنقىدلەر كۆپەيگەن بولۇپ، رۇسىيە جامائەتچىلىكى ۋە كۈزەتكۈچىلەر بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ سادىر بولۇشىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەرنى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىغا باغلىغان ئىدى.
خەلقارا جەمىيەت پۇتىننى تەنقىد قىلماقتا
پۇتىننىڭ بۇ خىل ھاكىمىيەتنى مەركەزگە توپلاشتەك سىياسىي ئىسلاھاتى تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىش ۋە تېررورىزىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش شۇئارى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، پۇتىننىڭ ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ قاتتىق سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى خەلقارا جەمىيەتنىڭ تەنقىدلىرىگە ئۇچرىماقتا.
رۇسىيە ئۆكتىچىلىرى ھەتتا بۇنىڭ دېموكراتىيىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىشمەكتە
پۇتىننىڭ بۇ يېڭى ئىسلاھاتى ئالدى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ دىققەت نەزىرىدىن ئورۇن ئالدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولېن پوۋېل رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا پۇتىننىڭ بۇ خىل ئىسلاھاتىنىڭ رۇسىيىنى دېموكراتىك تەرەققىياتتىن چېكىندۈرىۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ، "بىزنىڭ ھەقىقەتەن بۇنىڭغا نارازىلىقىمىز بار، خەلقارا جەمىيەت بۇنى شۇنداق ھېساپلايدۇكى، بۇ ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان دېموكراتىك ئىسلاھات ساھەسىنى ئارقىغا ئىتتىرىدۇ" دېگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ بۇ مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، پۇتىننى تەنقىد قىلغان
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ شىمالىي كاۋكازىيە ۋە بېسلان ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى مۇزاكىرە قىلىشقا قارىتىلغان يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسۇل كومىسسارى كىرس پاتتېن پۇتىننىڭ ئىسلاھاتى ھەققىدە توختۇلۇپ، "مەن ئىشىنىمەنكى، مەسىلە ھەل قىلىنىدۇ. رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ھۆكۈمىتى كرېمىلنىڭ ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىشىنىڭ تېررورىزىمغا بېرىلگەن بىردىن بىر جاۋاب ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ" دېگەن .ئۇ، يەنە پۇتىننىڭ تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش نامىدىكى بۇ خىل سىياسىتىنىڭ رۇسىيىدىكى بۇزۇلۇۋاتقان ئىنسان ھوقۇقى ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتكەن.
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى خوسېل بوررېل بولسا، تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشنىڭ ئۇسۇلى ۋە باشقا مەسىلىلىرى ھەققىدە توختۇلۇپ،تېررورىزىمنى پەقەت قاتتىق كۈچ ئىشلىتىش بىلەنلا ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولىنى تېپىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
پۇتىننىڭ ئىسلاھاتىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى
بېسلان ۋەقەسىدىن كېيىن پۇتىننىڭ چېچېنىستانغا جۈملىدىن چېچەن مەسىلىسىگە تۇتقان سىياسىتى تەنقىدلەرگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پۇتىننىڭ چېچەن مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان ،ئەمما پۇتىن بۇ تەكلىپنى رەت قىلىش بىلەن ئۆزىنىڭ چېچەنلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ خۇددى غەرىپنىڭ ئەلقائىدە ۋە ئوساما بىن لادېنغا تۇتقان پوزىتسىيىسى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
بۇ قېتىم، ئامېرىكىنىڭ پۇتىننىڭ سىياسىي ئىسلاھاتىغا تەنقىدىي پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرىشى رۇسىيە دائىرلىرىنىڭ يەنە نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروپ بايانات ئېلان قىلىپ، بۇنىڭ پۈتۈنلەي رۇسىيىنىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىمۇ خىتاينىڭ مەركىزىي تېلېۋىيىزىيىسىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ، پۇتىننىڭ ھاكىمىيەتنى مەركەزلەشۈرۈش سىياسىي ئىسلاھاتىغا يۇقىرى باھا بەرگەن ھەمدە ئۇنىڭ توغرا سىياسەت ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن . ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيىنىڭ دۆلەت بىرلىكى ھەم مۇقىملىقى ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان ھەر قانداق شەكىلدىكى ھەرىكىتىنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
350 نەچچە ئادەمنىڭ ئۆلۈشى بىلەن ئاخىرلاشقان بېسلان ۋەقەسىدىن كېيىن، خەلقارا جەمىيەت رۇسىيىنىڭ چېچەن سىياسىتىگە تېخىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. ۋلادىمىر پۇتىننىڭ چېچەن مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان تەكلىپلەر رەسمى يوسۇندا مەيدانغا چىقتى.(ئۈمىدۋار)