پۇتىننىڭ خىتاي زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيىدە پەيدا بولغان ئىنكاسلار
2004.10.14
ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ رۇس خىتاي دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى باشلانغانلىقىنىڭ 55 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قىلغان سەپىرى، تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئورۇن ئالدى. "ھۆرىيەت" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، پۇتىن بۇ قېتىمقى سەپىرىدە خىتاي بىلەن بىر قاتار توختاملارنى تۈزىدىكەن ۋە رۇسىيىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىشىدە خىتاينىڭ ياردىمىنى سورىشى مۇمكىن ئىكەن.
"ھۆرىيەت" گېزىتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارى ھەمكارلىقنىڭ يىللىق سوممىسى 20 مىليارد دوللار بولۇپ، رۇسىيە خىتايغا ئەڭ كۆپ ئېنېرگىيە ساتىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
رۇس خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلىشىشى ۋە بۇنىڭ ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە كۆپرەك مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم ياۋرو ئاسىيا ستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى رۇسىيە تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سىنا ئوكان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.