
رۇسىيە نۆۋەتتە، مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن قانداق تاشقى ۋە ئىچكى سىياسەت يۈرگۈزۈش سىنىقىغا دۇچ كەلمەكتە. رۇسىيە تاشقى جەھەتتىن ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشقا تىرىشماقتا. دۈشەنبە كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ئوتتۇرا شەرقتىكى سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار ۋە ئىدوردانىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتكە قاراتقان زىيارىتىنى باشلىغان.
دۈشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ كېلىپ، سەئۇدى پادىشاھى بىلەن كۆرۈشۈپ، سودا-ئىقتىساد ۋە تېررورچىلىققا قارشى كۈرەش ۋە باشقا تېمىلاردا سۆھبەت قىلغان. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، رۇسىيىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى 30 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، چەچەنىستان ۋەقەلىردىن كېيىن رۇسىيىنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى تەسىرى سەلبىي تۈس ئالغان ھەمدە رۇسىيىنىڭ ئوز ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەنمۇ ناچار مۇئامىلىلەردە بولۇۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنماقتا. بىراق، ئامېرىكا ئالىمى پاۋىل گوبەلنىڭ قارىشىچە، رۇسىيىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، كەلگۈسىدە رۇسىيىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى رۇسلاردىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇزۇن يىللار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغان ئالىم پاۋل گوبلە ئەپەندى رۇسىيىنىنىڭ ھازىرقى نوپۇس ئەھۋالى، رۇسلارنىڭ نوپۇس جەھەتتە ئازىيىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، رۇسىيىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سان جەھەتتە رۇسلاردىن ئېشىپ كېتىش بىلەن مۇسۇلمان دۆلىتىگە ئايلىنىش مۇمكىنلىكى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇسۇلمانلارنىڭ سانى تېز ئاشقان
ئامېرىكا ئالىمى گوبلېنىڭ پىكىرلىرىغا تايانغاندا مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇس جەھەتتە ئېشىشى تەبىئىي كۆپىيىشتىن باشقا يەنە يېڭى كۆچمەنلەر ھېسابىغىمۇ كۆپەيمەكتە. ھەر يىلى مەركىزىي ئاسىيا ۋە كاۋكازىيە رايونلىرىدىن مىڭلاپ مۇسۇلمانلار رۇسىيىگە كەلدى ھەم كەلمەكتە، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇسۇلمانلارنىڭ ئائىلىسى كۆپ بالىلىق بولۇپ، بۇ نوپۇسنىڭ تېز ئېشىشىدىكى مۇھىم بىر ئامىل، مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنىڭ ئاشقانلىقىنىڭ ئىسپاتلىرىدىن بىرى 1991-يىلى رۇسىيىدە 300 مەسچىت بار بولغان بولسا، ھازىر 8 مىڭغا يەتكەن، 1989-يىلىدىن بەرى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى 40-50% بولغان.رۇسىيىدىن ئۆتكەن بىر يىلدا 13 مىڭ ئادەم ھەجگە بارغان.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدىن بىر قانچە مىليون ئاھالىنىڭ رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي سىبىرىيە ھەتتا يىراق شەرق رايونلىرىغىچە تارقىلىپ، تۈرلۈك كەسىپ بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ، ۋولگا-ئۇرال بويلىرى ھەم سىبىرىيە رايونىدىكى كۆپلىگەن دەھقانچىلىق ئىشلىرى ئۆزبېكلەر تەرىپىدىن بېجىرىلگەن بولۇپ، رۇسىيە بۇ ئەمگەك كۈچلىرىگە مۇھتاج ئىكەن. ئەگەر بۇ ئاھالىلار ئۇ يەردە ماكانلىشىپ قالسا، ئۇلارنىڭ كۆپىيىشىمۇ تېز بولىدىكەن.
ئامېرىكا ئالىمى گوبلې مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىيىش سۈرىتىنى ھېسابلاش ئارقىلىق "2030 يىلغا بارغاندا رۇسىيەدە مۇسۇلمانلار سان جەھەتتىن رۇسلاردىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، ھازىر موسكۋا – ياۋروپادىكى ئەڭ كۆپ مۇسۇلمانلار ياشايدىغان شەھەردۇر".
ئاساسلىق مۇسۇلمانلار رايونى
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان پروفېسسور گوبلېنىڭ پىكىرلىرىگە تايانغاندا، ھازىر رۇسىيە ئاھالىسى 150 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 30 مىليونى مۇسۇلمانلاردۇر. رۇسىيىنىڭ نوپۇس تارقىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى تەركىبىدىكى ۋولگا دەرياسى بىلەن ئۇرال تاغلىرى ئەتراپىنى ئاساس قىلغان تاتارىستان ۋە باشقۇرتىستان جۇمھۇرىيەتلىرى مۇسۇلمانلار ئەڭ كۆپ رايونلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە شىمالىي كاۋكازىيىدىكى داغىستان، قاباردىن-بالقار جۇمھۇرىيىتى، قاراچاي-چېركەس جۇمھۇرىيىتى، چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە ئىنگۇشىتىيە قاتارلىقلارمۇ ئاساسلىق مۇسۇلمانلار رايونىدۇر.
رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى ئىچىدە نوپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەت تاتارلار بولۇپ، نوپۇسى ئالتە مىليوندىن ئارتۇق ھېسابلىنىدىغان تاتارلار رۇسىيىنىڭ ھەممە شەھەرلىرىگە دېگۈدەك تارقالغان. پروفېسسور پاۋل گوبلېنىڭ قارىشىچە، مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئەكسىچە رۇسلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ، ئۇلار كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىمايدۇ. ھەر يىلى 2 مىليوندىن 5 مىليونغىچە ئايال بالا ئالدۇرۇش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرىدۇ.
"رۇس ئائىلىلىرىنى كۆپرەك فەرزەند كۆرۈشىگە ئۈندەشكە بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ پۇل كېرەك." دەيدۇ ئامېرىكا ئالىمى، رۇسىيىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رۇسلارنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش، بولۇپمۇ كۆپ پەرزەنتلىك بولۇش قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ كەتكەن. بۇ ئەھۋال ئاخىرقى ھېسابتا رۇسلارنىڭ ئازلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسى
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا رۇسلارنىڭ سانىنىڭ تېز سۈرەتتە ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن باشقا سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى رۇسلارنى رۇسىيىگە كۆچۈرۈپ كېلىش پىلانى تۈزۈلگەنلىكى، رۇسىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ رۇسلارنىڭ نوپۇس جەھەتتە ئازلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارىسى قوللىنىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن ئىدى. ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، رۇسلارنىڭ نوپۇس جەھەتتە ئازلاشقا قاراپ يۈزلىنىشى، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارىلىرىنى بېكىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، تېخى يېقىندىلا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ھەر قايسى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىغا ئەزا ئەللەردىكى 20-25 مىليون ئەتراپىدىكى رۇسلارنى رۇسىيىگە كۆچۈرۈپ كېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇلارغا ئىش بېرىش ھەتتا كۆچۈشىنى ئىقتىسادىي ياردەملەر بىلەن تەمىنلەش ھەققىدىكى ھۆججەتكە قول قويغان.
دوكتور پاۋۇلنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمىتى كەلگۈسىدە مۇسۇلمانلارنىڭ رۇسلاردىن ئۇستۇن ھالغا كېلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈرلۈك چارىلەرنى قوللانماقتا. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىر يولىنىڭ سىلاۋىيانلارنىڭ بىرلىشىپ، بىر دۆلەتكە ئايلىنىشى بولۇشى مۇمكىن.
"رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە مۇۋاپىق يەنە بىر يول – بۇ پان-سلاۋيان مەپكۇرىسىنى ئالغا سۈرگەن ھالدا بېل رۇسىيە، ئۇكرائىنىيە ۋە شىمالىي قازاقىستان بىلەن قوشۇلۇپ، بىرلىككە كەلگەن دۆلەت تۈزۈش ھەم شۇنىڭ ھېسابىغا مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىيىشىنى 100-150 يىلغا ئارقىغا سۈرۈۋېتىش" دەيدۇ پاۋل گوبلې ئەپەندى.
ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا جايلاردىن كېلىۋاتقان كۆچمەنلەر دولقۇنىنى كونترول قىلىش ئۈچۈنمۇ يېڭىدىن تىزىملاش، رۇخسەت ئېلىش تەدبىرلەرنى بېكىتكەن.
ئەلۋەتتە، رۇسىيە ھۆكۈمىتى پەقەت مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىيىشىدىنلا ئەمەس بەلكى يىراق شەرق رايونىدا خىتاي نوپۇسىنىڭ ئەشىپ كېتىپ، خىتايلارنىڭ كەلگۈسىدە رۇسىيىدىكى ئاساسلىق مىللەت بولۇش بىلەن سىياسىي ھوقۇق دەۋا قىلىشى ھەمدە خىتاينىڭ يىراق شەرقنى ئىگىلىشىدىنمۇ ئەندىشە قىلماقتا. بۇ ئادەتتە رۇسىيىدە "خىتاي تەھدىدى "كۆز قارىشى دەپ ئاتىلىدۇ (ئۈمىدۋار)