رۇسىيە " ۋەتەن ئۇرۇشى"نىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى


2007.05.09

بۇ يىل فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبە قازانغانلىقىغا 62 يىل توشتى. رۇسىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ئەللىرى ھەر يىلى 9-ماي كۈنىنى خاتىرىلەپ، بايرام ئۆتكۈزىدۇ. لېكىن، شەرقىي ياۋروپادىكى بىر قىسىم مەملىكەتلەر بۇ كۈنگە يەنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزلىرىنى ئازاد قىلغانلىقىغا نىسبەتەن سەلبىي ئىنكاسلاردا بولۇپ، تارىخقا قايتا باھا بېرىش پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. يېقىندا بالتىق دېڭىزى بويىدىكى ئېستونىيە "ۋەتەن ئۇرۇشى" خاتىرىسى ھېسابلىنىدىغان سوۋېت ئەسكىرىنىڭ ھەيكىلىنى ئېلىۋېتىش بىلەن رۇسىيىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

قىزىل مەيداندا ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلدى

8-9-ماي ياۋروپا خەلقىنىڭ جۈملىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ فاشىسىزىمغا قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان خاتىرە كۈنىدۇر. بىر قىسىم ياۋروپا مەملىكەتلىرىدە 8-ماي كۈنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 9-ماينى ئۆزىنىڭ گىتلېر گېرمانىيىسى ئۈستىدىن غەلىبە قازانغان غالىبىيەت كۈنى دەپ بېكىتكەن بولۇپ، گەرچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلگىنىگە 15 يىل بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر بايرام رۇسىيە ۋە باشقا جۇمھۇرىيەتلەردە ئىزچىل ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.

9-ماي كۈنى موسكۋادىكى قىزىل مەيداندا غالىبىيەت بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن يەتتە مىڭ نەپەر جەڭچى- ئوفىتسېر قاتناشقان پارات ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى پاراتنىڭ ئۆزگىچىلىكى شۇكى، ئۇنىڭغا ئافغان ئۇرۇشى، چېچەن ئۇرۇشىغا قاتناشقان رۇسىيە ھەربىي خادىملىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان.

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن نۇتۇق سۆزلەپ، ھازىرمۇ رۇسىيىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان كۈچلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشىنى ئىنكار قىلىدىغان ئەھۋاللارنى تەنقىد قىلىپ،" ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەقىقىي سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى تىنچ شارائىتتىكى خاتالىقلار ۋە خاتا ھۆكۈم قىلىشلاردىن ئىبارەت، ئۇرۇشنىڭ مەنبەسى قارشىلىشىش ۋە رادىكالىزمغا بولغان ئېتىقادلاردۇر" دەپ تەكىتلىگەن.

ئېستونىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ ئىنكاسى باشقىچە

گەرچە، پرېزىدېنت پۇتىن ئۆز نۇقتىدا ئاشكارا ھالدا ئېستونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئەيىبلىمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەنقىدلىرىنىڭ شۇلارغا قارىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. چۈنكى، ئېستونىيە ھۆكۈمىتى تالىن شەھىرىدىكى ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ خاتىرىسى ھېسابلانغان سوۋېت ئەسكىرىنىڭ ھەيكىلىنى ئېلىۋېتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئازاد قىلغۇچى ئەمەس بەلكى، بېسىۋالغۇچى دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىختىلاپ كېلىپ چىققان ئىدى.

پولشا ھۆكۈمىتىمۇ ئېستونىيىنىڭ ھەرىكىتىنى قوللاپ، ئۆزلىرىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئائىت خاتىرە قالدۇقلىرىنى يوق قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان.

بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ پائالىيىتىگىمۇ ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى تونىي بلايېر، گرۇزىيە پرېزىدېنتى ساكاشىۋېلى ھەمدە ئېستونىيە، لىتۋا قاتارلىق بالتىق جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىشنى رەت قىلغانلىقى ، چۈنكى، ئۇلارنىڭ موسكۋانى يەنىلا زومىگەرلىك بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. بالتىق جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رۇسىيىدىن 2-جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ دۆلەتلەرنى بېسىۋالغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، ئەمما، رۇسىيىنىڭ بۇ تەلەپنى رەت قىلغانلىقى مەلۇم.

موسكۋا ئۆزىنى 2-جاھان ئۇرۇشى دەۋرىدە شەرقىي ياۋروپانى فاشىستلاردىن ئازات قىلغۇچى دەپ مەدھىيىلىسىمۇ، لېكىن شەرقىي ياۋروپادىكى خەلقلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزلىرىنى فاشىستلاردىن ئازاد قىلغان بىلەن قايتىدىن دىكتاتورلۇق تۈزۈم ئورنىتىپ، ئۆزلىرىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئالغانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا.

ۋەتەن ئۇرۇشىدا قانچىلىك ئادەم ئۆلدى؟

1941-يىلى، 6-ئاينىڭ 22-كۈنى تاڭ سەھەردە گېرمانىيە ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېسىپ كىرگەندىن تارتىپ، تاكى 1945-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى بېرلىن ئىشغال قىلىنغانغا قەدەر بولغان تۆت يىل جەريانىدا 27 مىليونغا يېقىن سوۋېت پۇقراسىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ قۇدرىتىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، ئۇرۇش جەريانىدا تارتقان چىقىملىرىنى يوشۇرغان. ئەمما، رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي ئىۋانوف ئۆتكەن يىلى ۋەتەن ئۇرۇشى جەريانىدا 27 مىليونغا يېقىن سوۋېت پۇقراسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى رەسمىي بىلدۈرگەن .

ئۇنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇرۇش جەريانىدا 8 مىليون 606 مىڭدىن كۆپ سوۋېت ئىتتىپاقى جەڭچى-ئوفىتسېرى بىۋاستە جەڭ مەيدانىدا ئۆلگەندىن تاشقىرى يەنە 4 مىليون ( 4 مىليون 95 مىڭ ئادەم) دىن ئارتۇق ئادەم ئىز دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەن. 4 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ( 4 مىليون 559 مىڭ) ئادەم ئەسىرگە چۈشكەن. 15 مىليون پۇقرا تۈرلۈك ئاپەت ۋە كېسەللىكلەر ھەم باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆلگەن. ئومۇمەن، 2-جاھان ئۇرۇشى ئىنسانىيەتكە پۈتمەس-تۈگىمەس ئازاپ-ئوقۇبەت ئېلىپ كەلگەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.