سەككىز دۆلەت يىغىنى ۋە رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى (2)


2006.07.05

7-ئاينىڭ 15 - كۈنى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، كانادا، ياپونىيە ۋە رۇسىيە قاتارلىق سەككىز سانائەت دۆلىتى باشلىقلىرىنىڭ رۇسىيىنىڭ سانكىتپېتربۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزمەكچى بولغان يىغىنىنىڭ مۇھىم خەلقئارالىق سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ قېتىمقى يىغىن جەرياندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئايرىم سۆھبەتلىشىدۇ. بۇ ئۇچرىشىش ۋاشىنگتون بىلەن موسكۋانىڭ ئارىسىنى ئىللىتىش رولىنى ئوينىيالامدۇ ياكى يوقمۇ دېگەن مەسىلە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلماقتا. چۈنكى، يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ۋاشىنگتون ئىزچىل ھالدا موسكۋانى دېموكراتىيىدە چېكىنىپ كەتكەنلىك ۋە مۇستەبىتلىك يولىغا مېڭىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە ھەمدە ئىككى مەملىكەت ئارىسىدا سوغۇق ئۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللىنىشكە قاراپ يۈزلەنگەن ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى رۇسىيىنى داۋاملىق تەنقىد قىلماقتا

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا رۇسىيىدىكى دېموكراتىك تەرەققىيات مەسىلىسى ھەققىدە بىر ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا سانكىتپېتربۇرگدا ئېچىلىدىغان سەككىز دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ كۈن تەرتىپى مۇزاكىرە قىلىنغان.

يىغىندا ئوقۇلغان دوكلاتلاردا رۇسىيىنىڭ دېموكراتىك تەرەققىياتىنىڭ ئارقىغا چېكىنىپ كېتىۋاتقانلىقى، پرېزىدېنت پۇتىننىڭ بارلىق ھوقۇقلارنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ، ھەر قايسى رايونلارنىڭ باشلىقلىرىنىڭ سايلام ئارقىلىق تەيىنلىنىشى بىكار قىلىۋاتقانلىقى، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بولغان كونتروللۇقنىڭ ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقى، پارىخورلۇققا يول قويۇلۇش بىلەن ئۆكتىچىلەرگە بولغان بېسىملارنىڭ ئېشىپ، ھۆكۈمەتكە تەۋە ئەمەس تەشكىلاتلارنىڭ بارا-بارا پالەچ ئورۇنغا چۈشۈرۈلىۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنغان. ھەتتا، بەزى مەجلىس ئەزالىرى ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنغا بايقۇت ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭغا قاتناشماسلىقىنى تەشەببۇس قىلغان. ئەمما، بۇ بىر قاتار مەسىلىلەرنى نەزەرگە ئالغان كېڭەش پالاتا تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى رىچارد لۇگار يەنىلا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ داۋاملىق تۈردە ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياپونىيە قاتارلىق مەملىكەتلەر بىلەن بىرلىكتە رۇسىيە جەمىيىتىنى قوللاپ، بۇ جايدىكى دېموكراتىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون بەيدىن رۇسىيىگە قاتتىق پوزىتسىيە قوللىنىشنى ئوتتۇرىغا قويدى

كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىدىكى جون بەيدىن سەككىز دۆلەت رەھبەرلىرىنى رۇسىيىگە نىسبەتەن قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىرغان. ئۇ،رۇسىيىنىڭ ئۆزىنى قۇدرەتلىك ئۇلۇغ دۆلەت ھېسابلاپ، ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى دىپلوماتىك تەھدىدلەر ئۈچۈن ئىشلىتىپ، ئۆز ئەتراپىدىكى قوشنىلىرىغا بېسىم قىلغانلىقىنى ھەمدە ياۋروپانى تەمىنلەۋاتان گاز سودىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇكرائىنىيە بىلەن تەبىئىي گاز جىدىلى قوزغىغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىپ، سەككىز دۆلەت يىغىنىغا قاتنىشىدىغان پرېزىدېنت بۇشنى بۇ يىغىندىن پايدىلىنىپ، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەر بويىچە پۇتىننى ئاگاھلاندۇرۇشقا چاقىردى.

ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندا لىزا رايىس موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيە دائىرىلىرى بىلەن 15-17-ئىيۇلدىكى مەزكۇر يىغىن ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغاندا، يەنە بىر قېتىم موسكۋا دائىرىلىرىغا ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيە مەسىلىسىدىكى تەنقىدىنى ئىپادە قىلدى. ئەمما، رۇسىيە پرېزىدېنت ئاپپاراتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋلادىمىر سۇسكوپ بۇ قېتىمقى يىغىندا ۋلادىمىر پۇتىنىڭ رۇسىيىنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلمايدىغانلىقىنى، رۇسىيىنىڭ دېموكراتىيە جەھەتتە چېكىنىپ كەتكەنلىك ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر يەنە 15-ئىيۇل كۈنى سانكىت پەتەرەبۇرگدا ئېچىلىدىغان سەككىز دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى جەريانىدا ۋلادىر پۇتىن بىلەن جورجى بۇش ئايرىم ئۇچراشقاندا، پۇتىنىڭ يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن بىر قاتار مەسىلىلەر بويىچە بۇشقا چۈشەنچە بېرىشى ھەمدە ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئىپادە قىلىشى مۇمكىنلىكىنى، بەلكى بۇ ئۇچىرىشىشنىڭ ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ئىللىتىش رولىنى ئوينىشى مۇمكىنكلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.

رۇسىيىنىڭ ئەندىشىسى: ئۆز تېررىتورىيىسى ۋە تەسىر دائىرىسىنىڭ داۋاملىق پارچىلىنىشىدۇر. خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە،، رۇسىيىنىڭ ئامېرىكىدىن ئەنسىرىگەن بىر نۇقتىسى شۇكى، يېقىندا غەربنىڭ قوللىشى نەتىجىسىدە قارا تاغ جۇمھۇرىيىتى سېربىيىدىن ئايرىلىپ، يۇگوسلاۋىيە ئۈزۈل كېسىل يوقىلىش بىلەن، قارا تاغ مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولدى. ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى يەنە كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. رۇسىيە بۇنى قەتئىي خالىمايدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب، كوسوۋا ئاممىۋى ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق مۇستەقىللىققا ئېرىشسە، ئۇ چاغدا، بۇ گرۇزىيە تەۋەسىدىن چىقىپ كېتىپ، رۇسىيىگە قېتىلىمىز دەۋاتقان ئابخازىيە، جەنۇبىي ئاسسېتىيە ۋە ئازارىيە قاتارلىق بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىش خائىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ھەتتا بىر قىسىم رۇس ئانالىزچىلىرى رۇسىيىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان مۇنداق ئاممىۋى ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق مۇستەقىللىق يولىغا مېڭىش ھەرىكەتلىرىنىڭ شىمالىي كاۋكازىيىدىكى چېچىنىيە، قاراچاي، بالقار قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەر ھەمدە ۋولگا-ئۇرال بويلىرىدىكى تاتارىستان، باشقۇرتىستان ۋە باشقىلارمۇ ئاممىۋى ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىغا مېڭىشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا،. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، موسكۋا بۇ جەھەتلەردە ئامېرىكىدىن جۈملىدىن غەرب دۆلەتلىرىدىن تولىمۇ ئەنسىرەيدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا،، ۋاشىنگتوننىڭ گرۇزىيە، ئۇكارائىنىيە بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىمۇ رۇسىيىنى بىئارام قىلغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلىدىكى بۇ دۆلەتلەردىكى رەڭلىك ئىنقىلابلار موكسۋانى خاپا قىلغان ئىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سانكىتپېتربۇرقا 10 كۈن قالغان بۇ كۈنلەردە يەنە پرېزىدېنت جورجى بۇش گرۇزىيە پرېزىدېنتى مىخائىل ساكاشىۋىلىنى دۆلەت زىيارىتى قىلىش ئۈچۈن ۋاشىڭتونغا تەكلىپ قىلغان.

خۇ جىنتاۋمۇ سەككىز دۆلەت يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ پرېزىدېنت پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن سەككىز دۆلەت يىغىنى جەريانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تەرەققى قىلغان سەككىز دۆلەت گۇرۇھى بىلەن تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سۆھبەت دەپ ئاتىلىدىغان ئۇچرىشىشقا ئىشتىراك قىلىدۇ. خۇ جىنتاۋ بۇنىڭدا خىتاينىڭ تەرەققى قىلغان سەككىز دۆلەت بىلەن بولىدىغان ھەمكارلىقلىرى ۋە باشقا مەسىلىلەر بويىچە ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنىڭدەك پۇتىن بىلەن رۇسىيە –خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلىشىدۇ. بىراق، خىتاينىڭ تېخى تەرەققى قىلغان دۇنياۋى سەككىز كۈچلۈك دۆلەت قاتارىغا كىرىش مۇساپىسى يىراق بولۇپ، بېيجىڭ بۇ سالاھىيەتكە ئېرىشىشكە ئىنتىلمەكتە. رۇسىيە بىلەن خىتاي ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربنىڭ دېموكراتىك ئىسلاھات تەلەپلىرى شۇنىڭدەك ئاسىيا رايونىغا نىسبەتەن ھەربىي-سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن تەسىر كۆرسىتىشىگە ئىزچىل قارشىلىق كۆرسەتمەكتە. غەربنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشتا ئۇلارنىڭ مەيدانى بىردەك بولماقتا ھەمدە بىر-بىرىدىن پايدىلانماقتا.

7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى ئۇچرىشىشتا جورجى بۇش بىلەن ۋلادىمىر پۇتىن مانا شۇ يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئامېرىكا –رۇسىيە ئارىسىدىكى بىر قاتار ئىختىلاپلارغا خاتىمە بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى بەلكى ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئەسلىدىكى ئىللىق ھاۋا كىلىماتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى مۇمكىنمۇ يوق دەگەن سوئالنىڭ قويۇلۇشى تەبىئىي.

جورجى بۇش ئىلگىرى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئامېرىكىدا ئۇچراشقاندا ئۇنى "مېنىڭ دوستۇم"دەپ ئاتىغان ئىدى. قىسقىسى، پۇتىنىڭ دوستى ھېسابلىنىدىغان خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋمۇ ئىشتىراك قىلىدىغان بۇ يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن كونا دوستلار جورجى بۇش بىلەن ۋلادىمىر پۇتىنىڭ دوستلۇقى ھەقىقەتەن قايتىدىن كۈچىيەمدۇ ياكى ئاجىزلىشامدۇ ؟ بۇ سوئالغا كېيىنكى نەتىجىلەر جاۋاب بېرىدۇ. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.