دالاي لامانىڭ رۇسىيە زىيارىتى ۋە رۇسىيىنىڭ نەزىرىدىكى تىبەت مەسىلىسى

غەرب دۇنياسى تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ زىيارەت ۋە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان دائىملىق مەنزىلگاھى. لېكىن رۇسىيە دالاي لامانىڭ ناھايىتى كۆپ مۇرىتى بار دۆلەت بولۇشىغا قارىماي، ناھايىتى ئاز زىيارەت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇنىڭغا يارىشا بۇ قېتىم دالاي لامانىڭ سەپىرى رۇسىيىگە چۈشتى.

0:00 / 0:00

دالاي لامانىڭ زىيارىتى ۋە رۇسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ يېقىندا قىلغان تىبەت توغرىسىدىكى باياناتلىرى ئانالىزچىلاردا تۈرلۈك قىياسلارنى پەيدا قىلماقتا.

رۇسىيىنىڭ ھىندىستاندىكى باش ئەلچىسى ئالېكساندىر كاداكىن تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ يېقىندا رۇسىيىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رۇسىيە باش ئەلچىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دالاي لاما سىياسىئون سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى روھانىي داھى سالاھىيىتى بىلەن رۇسىيىنى زىيارەت قىلىدىكەن.

رۇسىيە يېقىندا تىبەت مەسىلىسىگە پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، خىتاي بىلەن دالاي لاما ئارىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ ھەل بولۇشىغا ياردەمدە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف 13 ‏- ماي كۈنى رۇسىيە فېدېراتسىيە كېڭىشىدە سۆزلىگەن بۇ ھەقتىكى سۆزىدە، "بىز بېيجىڭ بىلەن دالاي لاما ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ نورماللىشىشىنى خالايمىز" دېگەن. لاۋروف يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلىپ 3 ھەپتىدىن كېيىن دالاي لامانىڭ رۇسىيىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

لېكىن، رۇسىيە دالاي لامانىڭ زىيارىتىنى رۇسىيىدىكى بۇددىستلار بىلەن كۆرۈشۈش مۇددىئاسىدىكى دىنىي زىيارەت دەپ چۈشەندۈرۈپ، خىتاينى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشماقتا. باش ئەلچى كاداكىن ھىندىستان ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، دالاي لاما رۇسىيىگە كەلسە، دىنىي رەھبەرلىك سالاھىيىتى بىلەن كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "ئالتاي رايونى ۋە ئالتاي تاغلىرىدا بۇددىست ئاھالىلەر بار. رۇسىيىدە بۇددا مۇرىتلىرىنىڭ سانى خېلى كۆپ، ئۇلار ئۆزىنىڭ روھانىي رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ" دېگەن.

ئەگەر، بۇ زىيارەت توسالغۇغا ئۇچرىمىسا، بۇ دالاي لامانىڭ يېقىنقى 15 يىلدا 2 ‏- قېتىم رۇسىيىنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ 2004‏ - يىلى بىر قېتىم رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ قالمىقىيە ۋە بورىيات جۇمھۇرىيەتلىرىنى زىيارەت قىلغان ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن دالاي لامانى ياراشتۇرۇپ قويۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مەزگىلگە توغرا كەلدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئانالىزچىلار، دالاي لامانىڭ رۇسىيە زىيارىتى ۋە رۇسىيىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى رولىغا تۈرلۈك باھالارنى بېرىشمەكتە. سابىق سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ پودپولكوۋنىكى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى، دالاي لامانىڭ رۇسىيىنى زىيارەت قىلىشىدا تۆۋەندىكى 3 تۈرلۈك سەۋەبنىڭ تۈرتكىلىك رولى بارلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە تىبەت مەسىلىسىگە قارىغاندا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆپرەك قىزىقاتتى. رۇسىيە ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر بىلەن زىچ ئالاقىسى بار دۆلەت ئىدى. ياقۇپبەگ دۆلىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ، قەشقەرىيىنىڭ ئىشغالىيەتكە ئۇچرىشى، 1933 ‏- يىلى ۋە 1944‏ - يىلىدىكى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە مەغلۇبىيىتى، 1960 - ۋە 1970 - يىللاردىكى "شىنجاڭ"غا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي جۇغراپىيىلىك مەنپەئەتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئىدى.

لېكىن، رۇسىيە دەۋرىدە موسكۋانىڭ سىياسىتى ئۆزگىرىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاساسەن كۆرمەسكە سېلىش يولىنى تۇتقان. بەزى ئانالىزچىلار رۇسىيىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىشى ئازايغان بولسىمۇ، لېكىن تىبەت مەسىلىسىگە قىزىقىشى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، لاۋروفنىڭ سۆزى موسكۋانىڭ پوزىتسىيىسىدىكى ئۆزگىرىشنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. قازاقىستاندىكى سىياسىي ئانالىزچى قەھرىمان غوجامبەردى رۇسىيىنىڭ بۇ مەسىلىگە قىزىقىشىدىكى سەۋەبلەرنى مۇھاكىمە قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2002‏‏ - يىلدىن بېرى دالاي لامانىڭ ۋەكىلى بىلەن 9 قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن سۆھبەت ھېچقانداق ئەمەلىي نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى. خىتاي سۆھبەتنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىدا دالاي لاما تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، دالاي لاما تەرەپ بولسا خىتاينى سەمىمىيەتسىزلىك بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

خىتاي دالاي لامانىڭ ۋەكىلى بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن تىبەت روھانىي داھىيسىنىڭ چەتئەللەرنى زىيارەت قىلىشىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنى دالاي لاماغا ۋىزا بەرمەسلىك ياكى ئۇنىڭغا سورۇن ھازىرلاپ بەرمەسلىككە ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن. خىتاي بۇ قېتىمقى زىيارەتكە ھازىرغا قەدەر ئىنكاس قايتۇرمىدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە دالاي لامانىڭ رۇسىيە زىيارىتىنىڭ كونكرېت كۈن تەرتىپى، ئۇنىڭ رۇسىيىدىكى قايسى جۇمھۇرىيەتلەرنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىدى. قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى رۇسىيىنىڭ نۆۋەتتىكى شەرت -شارائىتى موسكۋانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىشىغا يار بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروف رۇسىيە فېدېراتسىيە كېڭىشىدە سۆزلىگەن 13 ‏- مايدىكى سۆزىدە دالاي لامانىڭ زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، "ئەگەر تەرەپلەردە زىيارەت سىياسىي مەقسەتلىك ئەمەس، دىنىي مەقسەتلىك دەيدىغان تونۇش ئايدىڭ بولسا، مەسىلە يېشىلگەن بولاتتى شۇنداقلا بىز بۇ يولدا ھەمكارلىققا تەييار تۇراتتۇق" دېگەن.

رۇسىيە باش ئەلچىسى كاداكىن ھىندىستان مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا رۇسىيىنىڭ دالاي لاماغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى چۈشەندۈرۈپ، "بىز دالاي لامانى دىنىي رەھبەر دەپ قارايمىز. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ ئەتراپىدا سىياسىيغا ئارىلاشقان شەخسلەر بار. دالاي لاما ھۆرمەتكە سازاۋەر (سىياسىي) رەھبەر. ئەگەر، ئۇ ئۆز دۆلىتى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئوڭشىسا ناھايىتى ياخشى بولاتتى" دەپ تەكىتلىگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.