مىس ھەيكەلدىن تۇغۇلغان جىدەللەر: ئېستونىيە - رۇسىيە دىپلوماتىك كۈرەشلىرى


2007.05.01

بالتىق دېڭىز بويىدىكى ئېستونىيە، لاتۋىيە ۋە لىتۋا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قالغان مەسىلىلەر دائىم تالاش-تارتىش تۈسى ئېلىپ كەلمەكتە. يېقىندا ئېستونىيە ھۆكۈمىتى بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا يەنە بىر مەيدان سوغۇقچىلىق پەيدا بولدى. بۇنىڭغا ئېستونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تالىن شەھىرىدىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشى خاتىرىسى ئۈچۈن تىكلىگەن "سوۋېت ئەسكىرى" نىڭ مىس ھەيكىلىنى ئېلىۋېتىش ئىشى سەۋەب بولغان.

مىس ھەيكەلدىن تۇغۇلغان ماجرالار

بالتىق دېڭىزى بويىدىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ئېستونىيە مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان مەزكۇر دۆلەتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەر ساھەدىكى قالدۇقلىرىنى قەدەممۇ-قەدەم تازىلماقتا. ئەمدىكى نۆۋەت تارىخىي مەسىلىلەرگە قارىتىلغان.

ئېستونىيىنىڭ پايتەختى تالىن شەھىرىدىكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئېستونىيىنى گىتلېر فاشىستلىرىنىڭ قولىدىن ئازاد قىلغانلىقىنىڭ سىمۋولى بولغان " سوۋېت ئەسكىرى" نىڭ مىس ھەيكىلىنى ئېلىۋېتىشىتىن كېلىپ چىققان ماجرالارغا باغلىق رۇسىيە -ئېستونىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ جىددىيلىشىپ قالغانلىقى، ئىككى ھەپتىدىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە.

تالىن شەھەر مەركىزىگە ئورنىتىلغان مەزكۇر "سوۋېت ئەسكىرى"نىڭ مىس ھەيكىلى مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان ئېستونىيە جامائىتى ئىچىدە غۇلغۇلا قوزغاپ كەلگەن بولۇپ، بۇ مىس ھەيكەلنى ئېلىۋېتىش ۋە ياكى ساقلاپ قېلىش ھەققىدە پارلامېنتتا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان.

27-ئاپرىل كۈنى، تالىن شەھىرىدە ياشايدىغان بىر قىسىم رۇسلار ۋە باشقا رۇس تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئېستونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مىس ھەيكەلنى ئېلىۋېتىش قارارىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. نامايىشچىلار ئۇرۇپ-چاققان ۋە بۇلاڭچىلىق قىلغان بولۇپ، نەتىجىدە ساقچىلار خېلى كۆپ ساندىكى ئادەمنى قولغا ئالغان.

ئېستونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بايانات ئېلان قىلىپ، "رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى تالىندا يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىقتىكى جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئېلىش كېرەك، چۈنكى، رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى ئېستونىيە ھەققىدىكى ئەمەلىي بولمىغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقان" دېگەن.

ئېستونىيە ھۆكۈمىتى بۇ نامايىش ۋە قالايمىقانچىلىقلارنىڭ ئارقىسىدا رۇسىيە ھۆكۈمىتى بارلىقىنى، رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ نامۇۋاپىق ئۇچۇر تارقىتىش ئارقىلىق كىشىلەرنى قالايمىقانچىلىققا ئۈندىگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان. ھەقىقەتەن، 26-ئاپرىل كۈنى ئېستونىيە ھۆكۈمىتى تالىندىكى مەزكۇر سوۋېت ئەسكىرى ھەيكىلىنى ئورنىدىن ئېلىشقا باشلىغاندا رۇسىيە دۆلەت دۇماسى دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئېستونىيىنى تەنقىد قىلغان بولۇپ، دۆلەت دۇماسىنىڭ ئەزاسى بافكوف "9-ماي فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇش غالىبىيەت كۈنى ھارپىسىدا ئېستونىيىنىڭ بۇ ھەيكەلنى ئېلىۋېتىشى مەقسەتلىك ھەرىكەت، ئېستونىيىنىڭ بۇ قىلمىشى فاشىزمغا قارشى جەڭ قىلىپ قۇربان بولغان رۇسىيە جەڭچىلىرىگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك بولۇپ قالماستىن بەلكى، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە رۇسىيە خەلقىنىڭ رايىنى ھۆرمەت قىلمىغانلىق، شۇڭا رۇسىيە ئېستونىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشى لازىم" دەپ تەلەپ قىلغان.

رۇسىيە دۇماسىدىكى بۇ ئىنكاس مەيدانغا چىققاننىڭ ئەتىسى تالىن شەھىرىدە چوڭ قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەن، تالىن دائىرىلىرى ۋەقەنى بىۋاسىتە موسكۋاغا باغلىغان. ئارقىدىنلا رۇسىيە دۇماسىنىڭ خەلقئارا ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئېستونىيىنىڭ ئىنكاسىنى رەت قىلىپ، بۇ قالايمىقانچىلىقنى رۇسىينىڭ كەلتۈرۈپ چىقارمىغانلىقىنى، ئەمما، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رۇسىيىنىڭ ئېستونىيىگە بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

رۇسىيە ئېستونىيىگە ئىقتىسادىي بېسىم قىلماقچى

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى سېرگېي ئىۋانوف بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رۇسىيىلىكلەردىن ئېستونىيە ماللىرىنى سېتىۋالماسلىقى، رۇسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئېستونىيە ماللىرىنى ئىمپورت قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە، ئېستونىيىگە تىجارەتتە چەك قويۇش باشلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە، ئېستونىيىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغان رۇسىيە شىركەتلىرى بۇ تەلەپكە ئاۋاز قوشقان.

ھەتتا بىر قىسىم سىياسىيونلار ئېستونىيىنى گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. رۇسىيە سىياسىيونلىرى ئىقتىسادىي بېسىم يەنى بايقۇت ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئېستونىيىدىن ئىنتىقام ئېلىشنى تەشەببۇس قىلماقتا.

رۇسىيىنىڭ "سترانا.رۇ" ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 1-ماي كۈنى تالىن شەھىرىدىكى رۇسلارنىڭ پارتىيىسى ھۆكۈمەتنىڭ نامايىش قىلىشنى چەكلىشىگە قارىماي، رۇس مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، ئېستونىيە باش مىنىستىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە چاقىرغان.

ئېستونىينىڭ مىس ھەيكەلنى ئېلىۋېتىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى

ئېستونىيە ھۆكۈمىتى رۇسىيىنىڭ مەيدانىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر مىس ھەيكەلنى چېقىۋەتمىگەنلىكىنى، ئۇنى پەقەت تالىن شەھىرىدىكى ھەربىيلەر قەبرىستانلىقىغا يۆتكەپ، 9-ماي غالىبىيەت بايرىمى كۈنى قايتىدىن يوپۇق ئاچىدىغانلىقىنى، بۇ مۇراسىمغا رۇسىيىلىكلەرنىڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئېستونىيە دائىرىلىرى رۇسىيىگە رەددىيە بېرىپ، ئېستونىيىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكى، رۇسىيىنىڭ باشقىلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوقلىقىى، ئېستونىيىنىڭ ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ بېسىمىغا بويسۇنمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئېستونىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى تالىن شەھىرىدىكى مەزكۇر مىس ھەيكەلنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئېستونىيىنى بېسىۋالغانلىقىنىڭ سىمۋولى دەپ چۈشەنگەن بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بۇنى ئېستونىيە ئازادلىقىنىڭ سىمۋولى دەپ ھېسابلىغان. رۇسىيە دائىرىلىرى يەنىلا مەزكۇر ئىدىيىدە بولغان.

ئېستونىيىلىكلەرنىڭ قارىشىچە، بالتىق دېڭىز بويىدىكى ئېستونىيە، لاتۋىيە ۋە لىتۋا ئەسلىدە مۇستەقىل دۆلەتلەر بولۇپ، 1940-يىللىرى ئۇلارنى سوۋېت ئىتتىپاقى بېسىۋالغان. ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدە گىتلېر گېرمانىيىسى بۇ يەرنى ئىگىلەپ، گېرمانىيە پەرەس يەرلىك ھاكىمىيەت قۇرغان. -1944يىلى، سوۋېت ئارمىيىسى قايتىدىن ئېستونىيە قاتارلىق بۇ ئۈچ جۇمھۇرىيەتنى ئىگىلىۋالغان ئىدى.

بۇ قېتىم لاتۋىيە، لىتۋا ۋە فىنلاندىيە ھۆكۈمىتى ئېستونىيىنىڭ سوۋېت ئەسكىرىنىڭ ھەيكىلىنى يۆتكىۋېتىشىنى قوللىغان. تارىخىي مەسىلىلەر دائىم بالتىق دېڭىز بويىدىكى جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش تۈسى ئالغان بولۇپ، ھەتتا تېخى يېقىندىلا 1939-يىلىدىكى گېرمانىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئارىسىدا تۈزۈلگەن بالتىق بويىنىڭ تەقدىرىگە ئائىت كونا كېلىشىم ماددىلىرى مەسىلىسى ھەققىدە بالتىق جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا مۇنازىرە يۈز بەرگەن ئىدى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.