رۇسىيە-گرۇزىيە توقۇنۇشى


2006.10.16

بۇنىڭدىن بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى گرۇزىيە دائىرىلىرىنىڭ تۆت نەپەر رۇسىيە ھەربىي ئوفىتسېرىنى جاسۇسلۇق پائالىيىتى بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئېلىش ۋەقەسىدىن كېيىن رۇسىيە-گرۇزىيە مۇناسىۋەتلىرى بىردىنلا جىددىيلىك باسقۇچىغا كىرىپ، ۋەزىيەت كۈنسايىن مۇرەككەپلىشىشكە قاراپ يۈزلەندى.

رۇسىيە-گرۇزىيە مۇناسىۋەتلىرى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققەت ئېتىبارىدىن ئورۇن ئېلىش بىلەن بىرگە ئەگەردە گرۇزىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرسە، بۇنىڭ پۈتۈن كاۋكازىيە رايونىغا جۈملىدىن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مەملىكەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا. ئۇنداق شارائىتتا، رۇسىيە گرۇزىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىپ قېلىشى مۇمكىنمۇ؟

رۇسىيە گرۇزىيە بىلەن ئۇرۇش قىلمايدۇ

گرۇزىيە دائىرىلىرىنىڭ رۇسىيە ھەربىي خادىملىرىنى جاسۇسلۇق پائالىيىتى بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئېلىپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان جىددىيلىكنى، گەرچە گرۇزىيە ھۆكۈمىتى مەزكۇر ھەربىي ئوفىتسېرلارنى قويۇپ بېرىشى بىلەن نورماللاشتۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق ھېچقانداق ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىدى. ئەكسىچە، رۇسىيە-گرۇزىيە مۇناسىۋەتلىرى كۈنسايىن يىرىكلىشىش ھەتتا بىر-بىرىنىڭ پۇقرالىرىغا قوپاللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشتەك ۋەقەلەر كېلىپ چىقتى.

نۆۋەتتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى تارىختىكى ئەڭ ناچار باسقۇچقا كىرگەن بولۇپ، ھەتتا، ئىككى مەملىكەت ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلاپ قېلىش ئېھتىماللىقىمۇ چەتكە قېقىلمىدى. بىراق، 16-ئۆكتەبىر كۈنى رۇسىيە ئارمىيىسى باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ باشلىقى گېنېرال ئارمىيە يۇرىي بالۇيېۋسكىي رۇسىيىنىڭ گرۇزىيىگە قارشى ئۇرۇش قوزغاشنى مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، " رۇسىيە بۇ ئۇرۇشنىڭ گرۇزىن خەلقى بىلەن رۇسىيە خەلقى ئارىسىدىكى ئۇرۇش بولۇپ قېلىشىنى چۈشەنگەنلىكىدىن گرۇزىيە بىلەن ئۇرۇش قىلمايدۇ" دېدى.

بۇ ھەقتە رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقى ئۇچۇر تارقاتقان بولۇپ، گېنېرال ئارمىيە بالۇيېۋسكىي ئىنەرفاكىسقا ئېيتقان سۆزىدە يەنە ئەگەردە گرۇزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خەلقىغە ۋە ئابخازىيە ھەم جەنۇبىي ئاسسېتىيىدە ياشاۋاتقان رۇسىيە پۇقرالىرىغا، رايوننىڭ مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىۋاتقان بىردىن بىر كۈچ - تىنچلىق ساقلاش قوشۇنلىرىغا قارشى ئۇرۇش قوزغاپ، ئادەملەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، جاۋابكارلىقنى گرۇزىن سىياسەتچىلىرىنىڭ ئۆز زىممىسىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. چۈنكى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى گرۇزىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوكاشىۋىلى گرۇزىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا پارتلاپ قېلىشى مۇمكىن بولغان ئۇرۇش ھەققىدە توختىلىپ، " بىز ھەتتا ئەتىلا جەڭگە مېڭىشقا تەييار، چۈنكى، بىزنىڭ قوغدايدىغان نەرسىمىز بار، بىز ئۇنى قىلالايمىز" دېگەن ئىدى.

ناتو گرۇزىيىگە قوشۇن ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

www.newsru.com نىڭ خەۋەر تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى گەرچە كاۋكازىيە رايونىنى كۆزىتىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق گرۇزىيە -ئابخازىيە، گرۇزىيە- جەنۇبىي ئاسسېتىيە توقۇنۇش نۇقتىلىرىغا ھەربىي قوشۇن ئەۋەتىشنى پىلانلىمايۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

بۇ سۆزنى ناتو نىڭ ھەربىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى رېيمون ئەمو رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى باش شىتابىنىڭ باشلىقى گېنېرال يۇرىي بالۇيېۋسكىي بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەتلەشكەندە ئېيتقان. ئەمما، ناتو رۇسىيە بىلەن گرۇزىيىنى ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىشقا دەۋەت قىلسىمۇ، بىراق مەزكۇر نۇقتىلارغا ھەربىي جەھەتتىن ئارىلاشمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

رۇسىيە -گۇرىزىيە توقۇنۇشىدىكى ئاساسىي سەۋەب

بۇ قېتىم گرۇزىيە دائىرىلىرىنىڭ تۆت نەپەر رۇسىيىلىك ئوفىتسېرنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى تەسادىپىي ئەمەس، ئۇنىڭ مەلۇم ئاساسىي بار بولۇپ، بۇ گرۇزىيىنىڭ رۇسىيىگە بولغان ھەر تەرەپلىمە نارازىلىقلىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.

ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، گرۇزىيە ھۆكۈمىتى بىرىنچىدىن ئابخازىيە، جەنۇبىي ئاسسېتىيە مەسىلىسىدە رۇسىيىگە نارازى بولغان بولۇپ، چۈنكى، ئابخازىيە ئەسلىدە گرۇزىيىگە تەۋە بىر رايون ئىدى. 90-يىللارنىڭ بېشىدا ئابخازلار بىلەن گرۇزىنلار ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلاپ، ئابخازىيە مۇستەقىل ھالدا مەۋجۇت بولۇشقا ئېرىشكەن. گرۇزىيە ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا رۇسىيىنى ئابخازىيىنى قوللىغانلىق بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە. جەنۇبىي ئاسسېتىيەمۇ شۇنداق بولۇپ، جەنۇبىي ئاسسېتىيە دائىرىلىرى گرۇزىيىدىن ئايرىلىپ چىقىپ رۇسىيىگە قوشۇلۇش تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تىبلىس رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلغىلى ئۇنىمىغان. سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە گرۇزىيىگە تەۋە مەزكۇر رايونلار ئىزچىل ھالدا گرۇزىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇش ۋە ياكى رۇسىيىگە قوشۇلۇش مەيدانىنى ئىپادىلەپ كەلگەن بولۇپ، گرۇزىن رەھبەرلىرى بىر پۈتۈن گرۇزىيىنىڭ پارچىلانمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

ئىككىنچىدىن، رۇسىيە گرۇزىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە چېچەن پىدائىيلىرىنى تازىلاش نامىدا گرۇزىيىگە مەلۇم ساندا ھەربىي قوشۇنلىرىنى كىرگۈزۈپ تۇرغۇزغان بولۇپ، تىبلىس رەھبەرلىرى ئىزچىل تۈردە رۇسىيە قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق رۇسىيە ھۆكۈمىتى قوشۇن چېكىندۈرۈشنى كېچىكتۈرۈپ كەلگەن.

ئۈچىنچىدىن، سىياسىي جەھەتتە، ئالدىنقى يىلىدىكى دېموكراتىك ئىنقىلابتىن كېيىن، گرۇزىيىدە كونا سوۋېت دەۋرىدىن قالغان شىۋاردنادزە ۋەزىپىدىن قېلىپ، مىللەتچىلىك ۋە دېموكراتىك پىكىر ئېقىمىغا مەنسۇپ مىخائىل ساكاشىۋىلى ھاكىمىيەتنى ئىگىلەپ، دېموكراتىك ئىنقىلاب غەلىبىگە ئېرىشكەن شۇنىڭدەك ئۇكرائىنىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا رايونلارغا تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ ئەھۋال رۇسىيە دائىرىلىرىغا ئانچە ياقمىغان بولۇپ، گرۇزىن-رۇس مۇناسىۋەتلىرى ئىزچىل تۈردە سوغۇقلاشقان.

تۆتىنچىدىن، ئامېرىكىدا مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن پرېزىدېنت مىخائىل ساكاشىۋىلى ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ھەمدە ناتو بىلەن ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ئورناتقان بولۇپ، ئۇ ناتو غا كىرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، مىخائىل ساكاشىۋىلى ئامېرىكا بىلەن يېقىن ھەربىي-سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى ئورناتقان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا سازاۋەر بولغان. بۇ ئەھۋال رۇسىيىنى بىئارام قىلغان، نەتىجىدە، موسكۋا گرۇزىيىنىڭ ئۈزۈم ھاراقلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش بىلەن گرۇزىيىگە ئىقتىسادىي بېسىم قىلغان. چۈنكى، ئۈزۈم ھارىقى گرۇزىيىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.

رۇسىيە گرۇزىنلارغا زەربە بېرىشنى باشلىغان.

رۇسىيە ئۇچۇر ئاگېنتلىقلىرىدىن ۋۋۋ. نەۋسرۇ. كوم دىكى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، رۇسىيە ساقچى دائىرىلىرى كەڭ كۆلەمدە گرۇزىنلارنى تازىلاش يەنى ئۇلارنى تۇتۇش، ئۇلارنىڭ سودا نۇقتىلىرى، شىركەتلىرىنى كونترول قىلىش ھەتتا گرۇزىن پۇقرالىرىنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش ھەرىكىتى باشلىغان بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، سانكتپېتىربۇرگ، موسكۋا بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىق مەركىزىگە ئايلانغان. بۇنىڭغا جاۋابەن گرۇزىيىمۇ ئۇ يەردىكى بىر قىسىم رۇس پۇقرالىرىنى ھەيدىۋەتكەن ھەمدە گرۇزىيە پرېزىدېنتى مىخائىل ساكاشىۋىلى رۇسىيىدىكى بارلىق گرۇزىنلارنى ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىشكە چاقىرغان شۇنىڭدەك ئۇ يەنە ئابخازىيىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. نەتىجىدە، ئابخازىيە دائىرىلىرى رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئابخازىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

رۇسىيە پارلامېنتى ھەتتا گرۇزىيە رەھبەرلىرىنىڭ رۇسىيىگە كىرىشىنى چەكلەيدىغان قارارمۇ قوبۇل قىلغان بولۇپ، قىسقىسى ئىككى ھۆكۈمەت مۇناسىۋەتلىرى ئەڭ ناچار ھالەتكە كېلىپ قالغان.

گرۇزىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنى

گرۇزىيە تاشقى كاۋكازىيىگە جايلاشقان بولۇپ، قارا دېڭىزغا تۇتىشىدۇ، غەرب تەرىپىدە تۈركىيە، جەنۇبىدا ئازەربەيجان، ئەرمىنىيە بىلەن شىمالدا رۇسىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئۇنىڭ يەر مەيدانى 70 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، ئاھالىسى بەش مىليون ئەتراپىدا.

گرۇزىيىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى مۇھىم بولۇپ، گرۇزىيە ئارقىلىق قارا دېڭىزغا ھەم كىچىك ئاسىياغا چىققىلى بولىدۇ. ئەگەر بۇ رايون رۇسىيىنىڭ جۇغراپىيىۋى سىياسىي مەنپەئەت دائىرىسىدىن چىقىپ كەتسە، رۇسىيىنىڭ مەنپەئەتلىرى زور سەلبىي تەسىرگە ئۇچرايدۇ ھەتتا رايوننىڭ ۋەزىيىتى پۈتۈن كاۋكازىيە ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇڭا تارىختىن بەرى رۇسىيە گرۇزىيىنى قولدىن چىقارماي كەلگەن ئىدى. ( ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.