
كوسوۋا مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن كېيىن، رۇسىيە، خىتاي قاتارلىق بىر قىسىم مەملىكەتلەر ئۇنى ئېتىراپ قىلمىدى. رۇسىيە ھۆكۈمىتى بولسا، گرۇزىيە تەۋەلىكىدىكى ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئاسسېتىيىنىڭمۇ بۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ، مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ھەقىقەتەن ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئاسسېتىيە ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتلەرنى باشلىغان.
ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئاسسېتىيە گرۇزىيە بىلەن بىر دۆلەتتە ياشىيالمايدۇ
5 - مارت كۈنى نامدا گرۇزىيىگە تەۋە، ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنى ئايرىم دەپ ھېسابلاپ كېلىۋاتقان تاشقى كاۋكازىيىدىكى ئابخازىيە جۇمھۇرىيىتى بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە قايتىدىن رەسمىي مۇستەقىللىق جاكارلىشى مۇمكىن ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ھەققىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا ئەزا دۆلەتلەر جۈملىدىن رۇسىيە فېدېراتسىيىسىگە رەسمىي بىلدۈرۈش ئېلان قىلماقچى.
رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئابخازىيە پرېزىدېنتى سېرگېي باگاپش " بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئابخازىيە پارلامېنتى رۇسىيە، ب د ت ھەم مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە مۇستەقىللىقىمىزنى ئېتىراپ قىلىش ھەققىدە بىلدۈرۈش ئېلان قىلىش توغرىسىدا قارار ماقۇللايدۇ" دەپ جاكارلىغان.
پەقەت نامدىلا گرۇزىيىگە تەۋە بولغان يەنە بىر جۇمھۇرىيەت جەنۇبىي ئاسسېتىيە پارلامېنتى بولسا 4 - مارت كۈنى بۇ خىل قارار قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدا رەسمىي بىلدۈرۈش ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىدىن ھېچقانداق جاۋاب تاپشۇرىۋالمىغان.
جەنۇبىي ئاسسېتىيە ھۆكۈمىتى مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ھەققىدە ئېلان قىلغان بىلدۈرۈشىدە " جەنۇبىي ئاسسېتىيە خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا ئىنتىلىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىغا ۋە باشقا ھەممە ئېتىراپ قىلغان خەلقئارالىق قانۇنىي ھۆججەتلەرگە ئۇيغۇن" دەپ يېزىلغان بولۇپ، جەنۇبىي ئاسسېتىيە پارلامېنت ئەزالىرى كوسوۋا مۇستەقىللىقىدىن كېيىن، "دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى پرىنسىپىنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولالمايدىغانلىقى"نى ئەسكەرتكەن شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىدىكى ئاساسىي سەۋەبنىڭ گرۇزىيە بىلەن جەنۇبىي ئاسسېتىيىنىڭ بىر دۆلەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يوقلۇقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە زور كۆپچىلىك ئاھالىنىڭ رۇسىيە پۇقرالىقىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئاممىنىڭ رايىنى سىناشتا %99 ئادەم مۇستەقىللىققا ئاۋاز بەرگەن
بۇلاردىن باشقا يەنە 2006 - يىلى 12 - نويابىردا جەنۇبىي ئاسسېتىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاممىنىڭ رايىنى سىناشتا %99 ئادەم مۇستەقىللىققا ئاۋاز بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر ئەھۋال بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن تۈرتكە بولغان.
رۇسىيىنىڭ " كوممېرسانت " گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كوسوۋا مۇستەقىللىق جاكارلاپ ئۈچ كۈندىن كېيىن جەنۇبىي ئاسسېتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى ئەدۋارد كوكويتى موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن " بۇ يىلنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم دۆلەتلەر ئابخازىيە، جەنۇبىي ئاسسېتىيە قاتارلىقلارنى ئېتىراپ قىلىشنى باشلايدۇ، بولۇپمۇ رۇسىيە بىرىنچى بولۇپ ئېتىراپ قىلىدۇ" دەپ بىلدۈرگەن. 21 - فېۋرال كۈنى بولسا، ئابخازىيە پرېزىدېنتى سېرگېي باگاپشمۇ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش ھەققىدە توختىلىپ، ئابخازىيىنىڭ پات ئارىدا مۇستەقىللىق پىلانى بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، گەرچە يۇقىرىقى ئىككى جۇمھۇرىيەت ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتكە بىلدۈرۈش ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ھېچقانداق ئىنكاس قوزغالمىغان. ئەمما، كوسوۋا مۇستەقىللىق جاكارلىغاندا بولسا، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بىلدۈرگەن نارازىلىقلىرىدا كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىق جاكارلىشىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكى، ئەگەر كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى ئېتىراپ قىلىنسا گرۇزىيىدىن مۇستەقىللىق جاكارلىغان ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئاسسېتىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسى كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئومۇمەن، ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئاسسېتىيىنىڭ ئىزچىل ھالدا رۇسىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقانلىقى ئېيتىلماقتا.
ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئاسسېتىينىڭ قىسقىچە كۈرەش تارىخى
ئابخازىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە گرۇزىيىگە تەۋە ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولۇپ، گرۇزىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئابخازىيە كرىزىسى كېلىپ چىقتى، يەنى ئابخازىيە گرۇزىيىدىن ئايرىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغاندا باستۇرۇشقا ئۇچراپ، 1992 - 1993 - يىللىرى گرۇزىن - ئابخاز ئۇرۇشى پارتلاپ، 90 مىڭ نوپۇسلۇق ئابخازلار 4 مىليون نوپۇسلۇق گرۇزىنلار بىلەن ئۇرۇش قىلدى. ئاخىرىدا رۇسىيىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ئۇرۇش توختاپ، ئابخازىيە مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنى مۇستەقىل مەملىكەت دەپ قارىسىمۇ، لېكىن ب د ت ۋە باشقا ھېچقانداق دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنماي، يەنىلا گرۇزىيىنىڭ بىر قىسىمى دەپ قارالدى. ئابخازىيىنىڭ مۇنداق ئېتىراپ قىلىنمىغان ھالىتى تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋاملاشماقتا.
جەنۇبىي ئاسسېتىيە بولسا، ئەسلىدە گرۇزىيە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىدىكى بىر ئاپتونوم ئوبلاست بولۇپ، ئاسسېتىنلار ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت ھوقۇقى دەۋاسى قىلغان. بىراق بۇ، ئەمەلگە ئاشماي، 1989 - يىلى قانلىق توقۇنۇش كېلىپ چىققان ھەم بۇ توقۇنۇش ئۇزۇنغىچە داۋاملاشقان. 1992 - يىلى بولسا، ئاسسېتىنلار جەنۇبىي ئاسسېتىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن گرۇزىنلار بىلەن ئاسسېتىيىلىكلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇش تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئاخىرىدا رۇسىيە، گرۇزىيە ۋە جەنۇبىي ئاسسېتىيە بىرلىكتە ئۇرۇش توختىتىشقا پۈتۈشكەن.
ناتو نىڭ گرۇزىيىدىكى تەسىرىگە بېرىلگەن جاۋابمۇ؟
11 - سېنتەبىردىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، كاۋكازىيە مەملىكەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى قويۇقلاشتى. گرۇزىيە كاۋكازىيىدە ئامېرىكا بىلەن ئەڭ قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان مەملىكەت بولۇپ، ھەتتا بۇ جايدا تۇنجى رەڭلىك ئىنقىلاب يۈز بېرىپ، ئەتراپقا ھەمدە رۇسىيىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى.
يېڭى پرېزىدېنت ساكاشىۋېلى بولسا، غەربپەرەس سىياسەت يۈرگۈزۈپ، رۇسىيىنىڭ تەسىرىنى سىقىپ چىقىرىشقا تىرىشتى. كاۋكازىيە مەسىلىلىرى كۆزەتكۈچىلىرى ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئاسسېتىيىنىڭ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكەتلىرىدە رۇسىيىنىڭ قوللىشىنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، موسكۋانىڭ بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىغا نىسبەتەن بىر جاۋاب بېرىش تاكتىكىسى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. (ئۈمىدۋار)