2008- يىلى 26- فېۋرال كۈنى قاتارنىڭ "ئەل جەزىرە" تېلېۋىزىيە قانىلىدا، "كوسوۋا مۇستەقىللىق ئېلان قىلغاندىن كېيىنكى خەلقئارادىكى پىكىرلەر" دېگەن ماۋزۇدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلغان سۈرىيىلىك مەشھۇر ئوبزورچى دوكتور ئىسام سادىق كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغانلىقى ۋە رۇسىيىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دىدى: " رۇسىيە باش مىنىستىرىنىڭ مۇئاۋىنى دېمىترى مېدۋېدوفنىڭ بېلگرادتا سۆزلىگەن باياناتى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، رۇسىيىنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ مۇستەقىل ھالدا ھۆر ياشىشىغا قارشى تۇرۇش سىياسىتى بۇرۇنمۇ شۇنداق ئىدى ۋە پۇتىندىن كېيىنمۇ ئۆزگەرمەيدۇ.رۇسىيىنىڭ باشقا مىللەتلەرنى ئېزىش ۋە ئۇلارنىڭمۇ باشقا ھۆر ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇستەقىل ھۆر ياشىشىغا جان - جەھلى بىلەن قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۆزگەرمەس پرىنسىپى نېمىگە ئەسقاتىدۇ؟ زادى ئەسقاتقىنى يوق. تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق، بۇنىڭغا مىساللار كۆپ ئۇچرايدۇ.رۇسىيە ئاتالمىش سوۋېت ئىتتىپاقى ۋاقتىدا تۈركىستان ۋە بالقان رايونلىرىدىكى خەلقلەرنىڭ مۇستەقىل ياشىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئۇلارنى قانلىق باستۇرۇپ كەلگەننىڭ سىرتىدا، خىتايدىكى ھازىر 'شىنجاڭ' دەپ ئاتىلىدىغان تۈركىي مۇسۇلمان خەلقلىرى رايونىنىڭ ئىككى قېتىملىق مۇستەقىللىق ئىقبالىنى يانجىپ تاشلىغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى زادى بۇنى نېمە ئۈچۈن قىلدى؟ بۇنى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭمۇ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشىدىن قورقۇپ شۇنداق قىلدى. ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىش ۋاقتى يېتىپ كېلىپ، رۇسلارنىڭ تۆمۈر تاپانلىرى ئاستىدا ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلىشىنىڭ ۋاقتى سائىتى كېلىۋىدى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشقىلارنى مۇستەقىللىقتىن چەكلەشتىن ئىبارەت بۇ ئۆزگەرمەس پرىنسىپى ھېچ نېمىگە ئەسقاتمىدى."
خىتاي دۆلىتىمۇ رۇسىيىدىن قېلىشمايدۇ
دوكتور ئىسام سادىق يەنە مۇنداق دىدى:"سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ رۇسىيە فېدېراتسىيىسىگە ئايلانغان بولسىمۇ، رۇسلارنىڭ بۇ ئۆزگەرمەس پرىنسىپى داۋام قىلماقتا. ھازىرمۇ رۇسىيىنىڭ كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلماسلىقى كوسوۋا خەلقىنى مۇستەقىللىقنىڭ ھۇزۇر - ھالاۋىتىدىن توسۇپ قالالمايدۇ. قارىشى تۇرغانلار قېلىۋېرىدۇ. كارۋان ئالدىغا ئىلگىرىلەپ كېتىۋېرىدۇ. خىتايمۇ بۇ نوقتىدا رۇسىيىدىن قېلىشمايدۇ. خىتايمۇ كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلغىنىغا ئاز دېگەندە رۇسىيىدەك غەزەپلەنگەن. چۈنكى ھەر ئىككىسىنىڭ قورقىدىغىنى قول ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسى قىلىپ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىشىدۇر. لېكىن ھەر ئىشنىڭ ۋاقتى سائىتى يېتىپ كەلگەندە ئۇلارنىڭ بەرىبىر بېشى ئاغرىماي قالمايدۇ."
مۇستەملىكىچىلەرنىڭ تىلى بىر
دوكتور ئىسام سادىق يەنە مۇنداق دىدى:" ئەزەلدىن مۇستەملىكىچىلەرنىڭ تىلى بىر بولۇپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى كۆزلەش يولىدا باشقىلارنى قۇربان قىلىشتىن ئىبارەت پرىنسىپ بىرلىكى بولغانلىقى ئۈچۈن بىرىنىڭ تېمىغا چالما ئېتىلسا، يەنە بىرىنىڭ تېمىغا دەز كېتىدۇ. خۇددى'ئوغرى قورقۇنچاق كېلىدۇ' دېگەندەك،مۇستەملىكىچىلەر ھەمىشە ئەنسىزلىك ئىچىدە بولغانلىقتىن ئۆزلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولمىغان مەسىلىلەرنىمۇ ئۆزلىرىگە چېتىۋالىدۇ. رۇسىيىنىڭ كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىغا قاراتقان ھازىرقى پوزىتسىيىسى ئەنە شۇنداقتۇر. رۇسىيە باش مىنىستىرىنىڭ مۇئاۋىنى بېلگرادتا ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيىنىڭ كوسوۋا كىرىزىسى مەسىلىسىدە ھەمىشە بېلگراد ھۆكۈمىتى بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى." (ئۆمەرجان)