" پرېزىدېنت پۇتىن غەربكە قارشى تۇرۇشتا يالغۇز قىلىشى مۇمكىن "


2007.08.02

رۇسىيىدە چىقىدىغان كومىېرسانت گېزىتىنىڭ 25‏- ئىيۇل كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىز پۇتىن،ئۆتكەن ھەپتە، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاۋاتقان رۇس ياشلار ھەرىكىتىنىڭ پائالىيەتچىلىرى ۋە رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى ناھايىتى قاتتىق تەلەپپۇزدا سۆز قىلغان. ئۇ، غەرب دۆلەت مەسئۇللىرىنىڭ دېموكراتىيە توغرىسىدا رۇسىيىگە قاراتقان تەنقىدلىرىنى رەت قىلىپ، بولۇپمۇ رۇس سىياسىي ئۆكتىچىلىرىگە سىياسىي پاناھلىق بەرگەن ئەنگلىيىنى، رۇسىيىدە جىنايەت ئىشلىگەن كىشىلەرگە پاناھلىق بېرىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىگەن.

رۇسىيىنىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىرى بارغانسېرى جىددىيلىشىۋاتىدۇ

غەرب دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىرى بارغانسېرى جىددىيلىشىۋاتقان رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ، كېلەر ھەپتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ھارپىسىدا غەرب دۆلەتلىرىگە قاراتقان پوزىتىسيىسىنى قاتتىقلاشتۇرغانلىقى، مۇلاھىزىچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

پاۋەل فېلگەن ھويەرنىڭ مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى جىمىز تاۋن تەتقىقات فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىۋاتقان ياۋرۇ-ئاسىيا كۈندىلىك كۆزىتىش ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىي مانېۋىر ھارپىسىدا غەربكە قاراتقان پوزىتىسيىسىنى تېخىمۇ قاتتىقلاشتۇرغانلىقى، غەرب بىلەن مۇناسىۋەتلىرى كۈنسىېرى يىرىكلىشىۋاتقان رۇىسيە ھۆكۈمىتىنىڭ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن يېڭى ئىتتىپاقلار قۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىنىش ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى كۈچلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىرى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىرى بۇ تەشكىلات تەرىپىدىن ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ چوڭ ھەربىي مانېۋىر بولۇپ، مانېۋىرغا خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن 6500 ئەسكەر ۋە 80 ئۇرۇشچى ئايروپىلان قاتنىشىدىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت رۇسىيە پرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ قاتارلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى، بېشكەكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەت باشلىقلىرى يېغىنىدىن كېيىن، مانېۋىرنىڭ ئۈرۈمچى رايونىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىككىنچى قىسمىنى نازارەت قىلىشنى پىلانلىماقتا.

مۇتەخەسسسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، 9‏- ئاۋغۇست كۈنىدىن 17‏- ئاۋغۇست كۈنىگىچە رۇسىيىنىڭ چىليابنىسك رايونى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى رايونىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا خىتاينىڭ 1600 كىشىلىك ھەربىي قىسىم ئۇرۇشچى ئايروپىلانلىرى ۋە يېنىك ‏- ئېغىر تىپتىكى قورال-ياراقلار بىلەن قاتناشقانلىقى، بولۇپمۇ مانېۋىرنىڭ ئىككىنچى قىسمىنىڭ ئۇرۈمچى رايونىدا ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن جىددىي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى، خىتاينىڭ بۇ ھەربىي مانېۋىر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا بىر سىگنال بېرىشنى ئويلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ش ھ ت دىن ئالدىغان پايدىسى

دېمەك، خىتاي ھۆكۈمىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرۇش، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقان بولسا، رۇسىيە ھۆكۈمىتى يېڭى ئىتتىپاقلار قۇرۇش ۋە غەرب دۆلەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنماقتا.

لېكىن پاۋەل فېلگەن ھويەرنىڭ ماقالىسىدە ئەسكەرتىشىچە، گەرچە ۋلادىمىر پۇتىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا قارشى بىر ھەربىي تەشكىلاتقا ئايلاندۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشقا ئەزالىرى غەرب بىلەن دۆشمەنلىشىنى خالىمايدىكەن.

ماقالىسىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەزالىرىنىڭ بېرى بولغان خىتاينىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىسلامىي ھەرىكەتلەرنىڭ كۈچىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن پاۋەل فېلگەن ھويەر، پرېزىدېنت پۇتىن غەربكە قارشى تۇرۇشتا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلمەي يالغۇر قىلىشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتكەن . (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.