2008 - يىلىدىن كېيىنكى رۇسىيىنى كىم ئىدارە قىلىدۇ؟


2007.10.03

2008-يىلىدىن كېيىنكى رۇسىيىنى زادى كىم ئىدارە قىلىدۇ؟ پۇتىنمۇ ياكى باشقا بىر شەخىسمۇ؟ دېگەن سۇئاللار تۈرلۈك پەرەزلەر ۋە ئىنكاسلارنى مەيدانغا چىقارماقتا. ھەتتا، بىر قىسىم ۋلادىمىر پۇتىن تەرەپتە تۇرىۋاتقان رۇسىيە سىياسەتچىلىرى جۈملىدىن موسكۋا پەرەس چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى رامىزان قادىروف رۇسىيە ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، پۇتىننىڭ 3-نۆۋەت پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما، ھازىرچە پۇتىننىڭ 3-قېتىم سايلامغا چۈشۈشى ئېنىق ئەمەس بولسىمۇ، بىراق 1- ئۆكتەبىر كۈنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيىنىڭ ھاكىمىيەتتىكى پارتىيىسى " رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسى" نىڭ 8-قۇرۇلتىيىدا مەزكۇر پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالدى ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ 2008-يىلى ئۇنىڭ پرېزىدېنتلىق مۆھلىتى توشقاندىن كېيىن، باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ ھۆكۈمەتنى ئىدارە قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى.

رۇسىيە ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ۋلادىمىر پۇتىن بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، بىراق، بۇنى ئويلىشىشنىڭ ھازىرچە بالدۇر ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى شەرت يەنى رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسىنىڭ 2008-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى رۇسىيە دۆلەت دۇماسى يەنى پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىپ، سايلامدا غەلىبە قىلىشى، ئىككىنچىدىن رۇسىيىنىڭ بىر سەمىمىي، قابىلىيەتلىك، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى يۇقىرى، رېئال تەپەككۈر ۋە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشالايدىغان پرېزىدېنتى سايلاپ چىقىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.

پرېزىدېنت پۇتىن يەنە ئۆزىنىڭ رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسى بىلەن بىرلىكتە پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بىراق، ئۇ بۇ پارتىيىگە ئەزا بولۇشنى رەت قىلغان .

رۇسىيىگە كىم پرېزىدېنت بولۇشى مۇمكىن؟

ھازىرچە، پۇتىندىن كېيىن رۇسىيىگە كىمنىڭ پرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىشى ئېنىق ئەمەس، بىراق ئۆكتىچىلەر ئىككى خىل كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۇنىڭ بىرى پۇتىننىڭ ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئۆزى قايتىدىن پرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىشى ، ئىككىنچىدىن ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ يېقىن ئادىمىنى سايلامدا غەلىبە قىلدۇرۇپ، پرېزىدېنتلىققا چىقىرىپ، خۇددى سابىق خىتاي رەئىسى دېڭ شاۋپىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينى باشقۇرغاندەك پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ، داۋاملىق رۇسىيىنى ئىدارە قىلىش.

ئەمما، بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ كېلەر يىلى پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىپ، ئەگەردە غەلىبە قىلسا ھۆكۈمەتنى باشقۇرۇش ئارزۇسىنى بىلدۈرۈشىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن رۇسىيىنى داۋاملىق ئىدارە قىلىش ئىستىكى بارلىقى ئاشكارىلاندى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، پۇتىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە ئۆزىنىڭ ھېچ بولمىغاندا 2012-يىلى ۋە ياكى 2016-يىلى يەنە پرېزىدېنت سايلىمىغا چۈشۈشى مۇمكىنلىكىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پرېزىدېنتنى خەلق تاللامدۇ؟ پۇتىنمۇ؟

9-ئاينىڭ 12-كۈنى پۇتىن تۇيۇقسىزلا دۆلەت باش مىنىستىرى مىخائىل فرادكوف رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئىستىپاسىنى قوبۇل قىلدى. بىراق، پۇتىن باش مىنىستىر فرادكوفنى ئورنىدىن قالدۇرغان بىلەن باشقا مىنىستىرلارنى داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەشكە چاقىردى ھەمدە پۇل-مۇئامىلە تەپتىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋىكتور زۇبكوۋنى باش مىنىستىرلىققا تەيىنلىدى. بۇ ئۆزگىرىشتە كىشىلەرنى ئەڭ جەلىپ قىلغىنى پۇتىننىڭ ئۆزى بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان ھەمكارلىشىپ ئىشلەۋاتقان ئىككى مۇئاۋىن باش مىنىستىرىنىڭ بىرىنى ئۆستۈرمەي، باشقا بىر كىشىنى باش مىنىستىرلىققا تەيىنلىشىدۇر.

رۇسىيە ئانالىزچىلىرىنىڭ يېزىشىچە، پۇتىننىڭ پېنسىيىگە چىقىش يېشىغا يەتكەن 66 ياشلىق زۇبكوۋنى تۇيۇقسىزدىنلا باش مىنىستىرلىققا تەيىنلىشى روشەن ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بولۇپ، زۇبكوۋ سەمىمىي ۋە ياۋاش ئادەم. شۇڭا پۇتىن زۇبكوۋنى ئۆز ئىز باسارى قىلىپ تاللىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ مەقسىتى زۇبكوۋنى ھازىردىن ئېتىبارەن كېلەر يىلىدىكى سايلامغا تەييارلاپ، بۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم ئاساس تۇرغۇزۇش ۋە ئاخىرىدا سايلامغا چۈشۈرۈپ، ئاخبارات ساھەسىنىڭ ئۆز قولىدا بولۇشىدەك ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ياخشى تەشۋىقات ئارقىلىق ئۇنىڭ پرېزىدېنتلىققا سايلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.

ھەتتا، ۋلادىمىر پۇتىن 2008-يىلى سايلامغا چۈشىدىغان پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ خېلى كۆپ ئىكەنلىكى، ھەتتا زۇبكوۋنىڭ ئەڭ لايىق بىر نامزات ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان مەزكۇر يېڭى باش مىنىستىرى زۇبكوۋمۇ ھېچ يوشۇرماستىن ئۆزىنىڭ پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىشىنى چەتكە قايرىپ قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كۆزەتكۈچىلەر پۇتىننىڭ ئۈچىنچى قېتىم پرېزىدېنتلىققا سايلىنالمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىگە يېقىن ئادەمنى پرېزىدېنت قىلىپ، ئۆزى باش مىنىستىر بولۇپ، داۋاملىق تۈردە رۇسىيىنى ئىدارە قىلماقچى ئىكەنلىكىنىڭ ئاشكارا بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

پۇتىننىڭ ئابرويى قانچىلىق؟

ۋلادىمىر پۇتىن 2000-يىلى بورىس يېلتسىن تەرىپىدىن پرېزىدېنتلىققا تەيىنلەنگەندە ئۇنىڭ خەلق ئىچىدە ھېچقانداق بىر ئابرويى يوق ئىدى. 2003-يىلىدىكى سايلامدا غەلىبە قىلىپ، پرېزىدېنتى ۋەزىپىسىنى ئاقتۇرغاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ يەتتە يىل ئىچىدە ئۇنىڭ رۇسىيىنىڭ ئىچى-تېشىدىكى تەسىرى ۋە ئابرويى زور دەرىجىدە ئاشتى.

رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرىتى تېز ئېشىش بىلەن رۇسىيىنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ھاياتىدا ھەقىقەتەن ياخشىلىنىش ۋە تەرەققىيات كۆرۈلگەچكە كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنىڭدىن رازى بولۇشسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرىۋېلىشى، دېموكراتىك كۈچلەرگە قاتتىق ۋاسىتە قوللىنىشى ھەمدە مىللەتچىلىك خاھىشلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە يول قويۇشى تەنقىدلەرگە ئۇچرىماي قالمىدى. ھەتتا، خەلقئارا ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى رۇسىيىدىكى دېموكراتىيىنىڭ ئارقىغا چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.