'رۇسلار قىرغىزىستاننى جەنۇبىي ئوسېتىيىگە ئوخشىتىپ قويماقچى'
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.05.07
2010.05.07
AFP Photo
ئۇ ئالدى بىلەن، قىرغىزلارنىڭ تارىخى ۋە ئۇلارنىڭ ئادەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىش ئارقىلىق قىرغىزىستاندىكى جەنۇب ۋە شىمال ئايرىمىچىلىقىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇ ھەر بىر قىرغىزنىڭ ئۆز قەبىلىسىنى ئىنتايىن ياخشى بىلىدىغانلىقىنى، قىرغىزلاردىكى داستانچىلىق مەدەنىيىتى ئۇلارنىڭ خاراكتېرىگىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن، قىرغىزلارنىڭ ئېغىزدىن چىققان گەپكە ئىشىنىدىغانلىقىنى، تارىختا قىرغىزلارنىڭ تۈرلۈك كېلىشىملەرنىڭ ھەممىسىنى ئاغزاكى تۈزۈپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ قىرغىزلاردىكى جەنۇب - شىمال ئايرىمىچىلىقىنىڭ تارىخى سەۋەبلىرى ھەققىدە مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:
1860 -- - يىللاردا شىمالدىكى قىرغىز قەبىلىلىرى سان پېتېرسبورگقا بېرىپ، چار پادىشاھنى زىيارەت قىلغان ۋە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن رۇسىيىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوبۇل قىلغان. جەنۇبلۇقلار بولسا، قوقان خانلىقى بىلەن بىرلەشكەن. قوقان خانلىرىدىن بىرى بولغان شىرئەلى خان ئۇلارنىڭ ئىچىدىن چىققان. ئۇلار يىللار بويىچە رۇس ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان. رۇسلار ئۇرۇشتا ئۇلارنى يېڭەلمەي، ئاخىرى قوقان خانلىقىدىكى مۇھىم كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا زىددىيەت سېلىپ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان. رۇسلار شۇندىن كېيىنلا جەنۇبقا كىرەلىگەن. قىرغىزىستاندىكى جەنۇب - شىمال ئايرىمىچىلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى مانا مۇشۇ.
قىرغىز تەتقىقاتچى نۇرلانبېك مۇسائېفنىڭ مۇلاھىزىسىدىن قارىغاندا، رۇس ھاكىمىيىتى قىرغىزلاردىكى قەبىلىچىلىكنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭدىن پايدىلانغان. ك گ ب نىڭ رايونغا بەلگىلىگەن سىياسىتىگە ئاساسەن، قىرغىزىستاندا شىماللىقلار ئاساسلىق مۇھىم ئورۇنلارغا قويۇلۇپ كەلگەن ئىكەن.
تەتقىقاتچى نۇرلانبېكنىڭ قارىشىچە، تېخى پۈتۈنلەي بىر مىللەت ۋە بىر مىللىي دۆلەت بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان قىرغىزىستان بۇنىڭدىن كېيىن رۇسىيىنىڭ تەسىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: -- ئەلۋەتتە، رۇسلار ۋە باشقا قوشنا دۆلەتلەر قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان بىر قىرغىزىستاننى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، رۇسىيە ھازىر ئاخبارات ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ ھەدەپ "جەنۇب ۋە شىمال ئۇرۇشى"،" ئىچكى ئۇرۇش" ، "ئافغانىستانغا ئوخشاپ قېلىش" ۋە "ئېشىپ بېرىۋاتقان مىللەتچىلىك" دېگەندەك ئۇقۇملارنى تارقىتىشقا باشلىدى. بۇ ئىدىيىلەرنى رۇسىيە قىرغىزىستاندىكى دىپلوماتلىرى ۋە ئالاھىدە خادىملىرىنى ئىشقا سېلىپ ھەدەپ بازارغا سېلىۋاتىدۇ. قىرغىزىستاندىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى ھەممىسى رۇسپەرەس بولغانلىقتىن بۇنداق خەۋەرلەرنى ھەدەپ ئىشلەپ، خەلقنى قاتتىق تەسىر ئاستىغا ئالماقتا. بۇنىڭدىن رۇسىيىنىڭ كۈتۈۋاتقان نەتىجىلىرىنىڭ بىرى رۇس تىلىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ رەسمىي تىلى بولۇشتەك ئورنىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەتتۇر.
ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، رۇس تىلىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ رەسمىي تىلى بولۇشىنى داۋام قىلىدىغان - قىلمايدىغانلىقى مۇشۇ قېتىملىق ئاساسىي قانۇن ئۆزگىرىشىدە قايتا بەلگىلەنمەكچى ئىدى. رۇسىيە قىرغىز تىلىنىڭ رەسمىي تىل بولۇشىنى توساش ئارقىلىق قىرغىزلارنىڭ بىر پۈتۈن مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە" :رۇسلار تېخى بىر مىللىي دۆلەت بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان قىرغىزىستاننىڭ رەسمىي تىلىنىڭ نېمە بولۇشىغا ئارىلىشىدۇ. نەتىجىدە كىشىلەر بىر مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشتە تىلنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ" دەپ بايان قىلىدۇ.
تەتقىقاتچى نۇرلانبېك قىرغىزىستاندىكى زىيالىيلارنىڭ مەنسەپ دەردىگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، قىرغىز زىيالىيلىرىنىڭ قىرغىز خەلقىنىڭ دەردىنى ھەقىقىي چۈشەنمەيدىغانلىقىنى، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ خەلقنى بۇندىن كېيىنمۇ راھەتكە ئېرىشتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ ھازىر رۇسلارنىڭ قىرغىزىستاندىكى پۈتۈن بۇ ئامىللارنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق قىرغىزىستانغا بىر "تەقدىر" بەلگىلەۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دەيدۇ:
-- رۇسىيە ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، قىرغىزىستان ھازىر نورمال ھالەتكە قايتىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلارغا نىسبەتەن ھازىر قىرغىز ئېتنىكى پارچىلىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى. ئەمدىكى قەدەم، جەنۇبىي ئوسېتىيىگە ئوخشاش، تىلى ۋە دىنىنى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان، رۇسچە سۆزلىشىدىغان، ئۆتمۈشى ۋە كېلەچىكى ئېنىق بولمىغان ۋە ئۆزىگە رۇسىيىسىز بىر كېلەچەك تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان بىر ھالغا ئەكېلىش باسقۇچىدۇر.
ئاپتور ماقالىسىنىڭ خۇلاسىسىدە، قىرغىزلاردىكى قەبىلىچىلىك مەدەنىيىتىنىڭ مىللەتلىشىش ئۈچۈن بىر توسالغۇ ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭدىن رۇسلارنىڭ پايدىلىنىپ كەلگەنلىكىنى، ھەر بىر قىرغىزنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزىنى بىر قىرغىز دەپ قارىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە، باقىيېفنىڭ قىرغىزىستاندىن كېتىشى بىلەن قىرغىزىستاندىكى "پارچىلىنىش بېسىمى" نىڭ ئازايمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.