رۇسىيىە پارلامېنت سايلىمىدا پۇتىننىڭ پارتىيىسى غەلىبە قىلدى


2007.12.03

BushPutin-150.jpg
بۇش بىلەن پۇتىن، 2007 - يىلى 2 - ئاۋغۇستتا، بۇش ئائىلىسىدە سۆھبەتتە بولدى. AFP Photo

يەكشەنبە كۈنى رۇسىيە پارلامېنت سايلىمى ئاخىرلاشتى. دەسلەپكى مەلۇماتلاردا پرېزىدېنت پۇتىننىڭ پارتىسى " رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسىنىڭ" كۆپ ئاۋاز بىلەن غەلىبە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. ئەمما، غەرب كۆزەتكۈچىلىرى بۇ سايلامنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

پرېزىدېنتنىڭ پارتىيىسى غەلىبە قىلدى

يەكشەنبە كۈنى رۇسىيىدە پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن رۇسىيە بويىچە سايلاش ھوقۇقى بار پۇقرالار 95 مىڭ بېلەت تاشلاش ئورنىغا بېرىپ، پارلامېنت سايلىمىدا ئۆزى خالىغان پارتىيە ۋەكىللىرىگە بېلەت تاشلىغان. رۇسىيىنىڭ "نەۋسرۇ" ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت پۇتىن يەكشەنبە كۈنى ئۆزىمۇ بېلەت تاشلىغان بولۇپ، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ئۆز پارتىيىسى ھېسابلىنىدىغان " رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسى" ئۈچۈن بېلەت تاشلايدىغانلىقى ئېنىق ئىكەن. دەسلەپكى سايلام نەتىجىسىدە، بۇ پارتىيىنىڭ %64 نى ئىگىلىگەنلىكى بىلەن تولۇق غەلىبە قازىنىشى جەزىملەشتۈرۈلمەكتە.

بۇ قېتىم رۇسىيە پارلامېنت يەنى دۇماسىنىڭ 450 كىشىلىك ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن 11 پارتىيە سايلامغا قاتناشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە نۆۋەتتە، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسىنىڭ تەشۋىقات كۈچى ئەڭ زور ئىكەنلىكى ھەمدە بۇ پارتىيىنىڭ پارلامېنتتا مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. نەۋسرۇ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پارلامېنتتىكى 450 ئورۇننىڭ 300دىن كۆپ قىسىمىنى رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسىدىن بولغان ئەزالار ئىگىلىشى مۇمكىن. ھەتتا، پرېزىدېنت پۇتىننى ھىمايە قىلىدىغان ياشلارنىڭ " ناشى "دەپ ئاتىلىدىغان تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى دۈشەنبە كۈنى موسكۋادا رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسىنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزگەن.

كۆزەتكۈچىلەر سايلامنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى

بىراق، بۇ قېتىمقى پارلامېنت سايلىمى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۆزەتكۈچىلىرى تەرىپىدىن كۆزىتىلگەن بولۇپ، دۈشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر سايلامنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارلامېنت كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى لىيۇك ۋاندەن براندا بۇ سايلامنىڭ ئادىل بولمىغانلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دېموكراتىك سايلام ئۆلچىمىگە يەتمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

رۇسىيە ئۆكتىچى پارتىيە گۇرۇھلىرىمۇ ئوخشاشلا بۇ سايلامنىڭ دېموكراتىك بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىشكەن بولۇپ، ئۆكتىچى پارتىيە ھېسابلىنىدىغان رۇسىيە كوممۇنىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى زىيۇگانوۋ بۇ قېتىمقى سايلام ئارقىلىق رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ پەقەت بىر پارتىيىنىڭ ئۈستۈنلۈكى ھۆكۈم سۈرىدىغان پارلامېنتقا ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. "باشقا بىر رۇسىيە " دەپ ئاتالغان ئۆكتىچى تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا شاھمات چېمپىيونى گاررى كاسپاروۋ مەزكۇر سايلامنى "رۇسىيە ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ مەينەت سايلام بولدى "دەپ باھالىغان. چۈنكى، بىر ھەپتە ئىلگىرى كاسپاروۋ بۇ سايلامغا ھەمدە پۇتىننىڭ دېموكراتىيىگە قارشى سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، نامايىش قىلغاندا ساقچىلار تەرىپىدىن بېسىقتۇرۇلۇپ، كاسپاروۋ قاتارلىق ئۆكتىچى رەھبەرلەر بىر قانچە كۈن قاماققا ئېلىنىپ، كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

دۈشەنبە كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن غەرب كۆزەتكۈچى ۋە رۇسىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ بۇ سايلام ھەققىدىكى تەنقىدلىرىگە قارشى ئىنكاس قايتۇرغان بولۇپ، ئۇ، بۇ سايلام رۇسىيە خەلقىنىڭ رۇسىيىنى باشقا بىر قانچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ماڭغاندەك بۇزغۇنچىلىق يولىغا ماڭغۇزمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى دېگەن. بىراق، ۋلادىمىر پۇتىن ئۆزىنىڭ كېلەر يىلى 3-ئايدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا 3-قېتىملىق پرېزىدېنتلىق نامزىتىنى كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پۇتىن 3- قېتىم پرېزىدېنت بولالامدۇ؟

نۆۋەتتە، رۇسىيىدە پۇتىننىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىڭ كېلەر يىلى يەنە پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىپ، 3-قېتىم ۋەزىپە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلىش ھەرىكەتلىرىمۇ داۋاملاشماقتا. بىراق، ئۆكتىچىلەر بۇنىڭغا قارشى تۇرماقتا ھەمدە ئاساسىي قانۇنمۇ يول قويمايدۇ. ئەمما، پۇتىن بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا ئۆز پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلىشى ھەمدە پرېزىدېنتلىق مۆھلىتى توشقاندىن كېيىن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى بولسىمۇ قولغا كەلتۈرۈپ، رۇسىيىنى داۋاملىق ئىدارە قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسىنىڭ بۇ سايلامدا غەلىبە قىلىشىنىڭ پۇتىننىڭ 2008- يىلى يەنىلا رۇسىيە ئالىي سىياسىي ساھەسىدە ئۆز ئورنى ۋە رولىنى ساقلاپ قېلىش ئارزۇسىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقى ھەتتا، رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتا ئىگىلىگەن ئورنىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، پۇتىننىڭ 3-قېتىم سايلىنىشىغا شارائىت يارىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.