رۇسىيىنىڭ تاجىكىستاندىكى بازىسىدا رېئاكتىپ ئايروپىلانلىرىنى كۆپەيتىشتىكى ئىستراتېگىيىلىك مەقسىتى نېمە؟
2007.07.27
17- ئىيۇل تاجىكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، رۇسىيىنىڭ تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبە ئەتراپىغا جايلاشقان ھەربىي بازىسىغا رېئاكتىپ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى يۆتكەش پىلانىغا قوشۇلۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر كېلىشىم رۇسىيىنىڭ تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبە ئەتراپىغا جايلاشقان ئەينى ھەربىي بازىسىدىكى 201 - ماتورلاشقان دېۋىزىيىسىگە ئاۋىئاتسىيە ياردىمى بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ،2008- يىلغا قەدەر، رۇسىيە بۇ بازىدىكى كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ سانىنى 25 كە يەتكۈزىدىكەن.
ھازىرچە رۇسىيە بۇ بازىغا تۆت دانە SU-25 تىپلىق رېئاكتىپ قىرغۇچى ئايروپىلان، تۆت دانە Mi-24 ۋە تۆت دانە Mi-8 تىپلىق كۈرەشچى تىكئۇچارلارنى ئەۋەتىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، بۇنداق قىلىش موسكۋانىڭ رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ قەنت ھەربىي بازىسىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى مەلۇم جەھەتتىن كۈچەيتىش ئىستىراتېگىيىسى ئىكەن.
بۇ ھەقتە ھازىر تەيۋەندىكى چىڭيۈن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، رۇسىيىنىڭ تاجىكىستاننىڭ ھەربىي بازىسىغا رېئاكتىپ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى يۆتكەش پىلانىنىڭ ئىستراتېگىيە جەھەتتىن رۇسىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى ۋە بۇنى تارىخى نۇقتىدىن ئىسپاتلاپ ئۆتتى.
تاجىكىستان ھىندىىستان بىلەنمۇ يېقىن
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 17 - ئىيۇل ھىندىستان ۋاقتى گېزىتىدە ھىندىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ Mi-17 تىپلىق تىك ئۇچۇرلار ئېسكادرونىنى ۋە كران مەشىق ئايروپىلانىنى ئەينى ھاۋا بازىسىغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلدى. ئەمما، تاجىكىستان مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى تاھمىنا خەيرۇللايېۋا تاجىكىستاننىڭ ھىندىستان بىلەن بۇنداق كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى رەت قىلغان.
ئەمما ياۋروئاسىيا كۆزەتچىسى ژۇرنىلىنىڭ 26- ئىيۇلدىكى 4- سانىدا ھازىر ھىندىستاننىڭ تاجىكىستاندىكى ھەربىي بازىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە، روسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، روسىيە ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەربى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقان ئىكەن.
تەھلىلچىلەر: روسىيەنىڭ تاجىكىستاندىكى ھەربى تەسىرىنى كۈچەيتىشى، ئامېرىكىنىڭ ھەربي تەسىرنى چەكلەش
ياۋروئاسىيا كۆزەتچىسى ژۇرنىلىنىڭ 26- ئىيۇلدىكى 4- سانىدا تەھلىل قىلىنىشىچە، تاجىكىستان تېلېۋىزورلىرىدا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئېمامئەلى راھمانوف ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتى، ۋە تاجىكىستان رەھبەرلىرىنىڭ ھىندىستان بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەتكە ئىگە شارائىتتا ھىندىستاننىڭ تاجىكىستانغا ئەسكەر يۆتكەش ھەققىدىكى سۆزلەرنى چەتكە قېقىشى قاتارلىقلاردىن، تاجىكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ موسكۋانى رەنجىتىپ قويۇشتىن بەك ئېھتىيات قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، تاجىكىستاننىڭ قورغانتۆپە رايونىدىكى ھەربىي تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خاتلان رايونىدىكى ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلغان ئەرلەرنىڭ 46 پىرسەنتىنىڭ بەدەن ساپاسى ھەربىي ئۆلچەمگە توشمىغان. ساۋاتسىزلىق ۋە ياش ئۆلچىمى قاتارلىقلارمۇ ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرسى بولۇپ، پەقەت 2 پىرسەنت ئەرلەرلا ئالىي مەلۇماتلىق ئىكەن.
تاجىكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىدىكى بۇ خىل ئاجىزلىق موسكۋاغا مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغان بولۇپ، بۇ موسكۋانىڭ ئەسكەر يۆتكەش پىلانىنى ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىدىكەن.
تەھلىل قىلىنىشىچە، موسكۋانىڭ تاجىكىستانغا ئەسكەر يۆتكەش پىلانىنىڭ قارىماققا سىياسىي مۇددىئا ئاساستا مەيدانغا كەلگەنلىكى، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ تاجىكىستاندا ئۇلغىيىۋاتقان ھەربىي مەۋجۇتلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ چىقىش نۇقتىسى - يىپەك يولىنى قايتا قۇرۇش
- رۇسىيىنىڭ مەخپىي ئارخىپلىرى داۋاملىق ئاشكارىلانماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى قىرغىزىستاندىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقىنى ئىنكار قىلدى
- بۇش -پۇتىن سۆھبەتلىرى
- قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار بىلەن بىر قىسىم قىرغىز زىيالىلارنىڭ سۆھبىتى
- شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتمەكتە
- سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ مەخپىي ئارخىپلىرى ئاشكارىلاندى
- جورج بۇش پۇتىننى مۇداپىئە سىستېمىسىدىن قورقماسلىققا دەۋەت قىلدى
- مەركىزىي ئاسىيا ئىتتىپاقى- مۇستاپا كامالدىن نۇرسۇلتان نازاربايېفقىچە (2)
- مەركىزىي ئاسىيا ئىتتىپاقى- مۇستافا كامالدىن نۇرسۇلتان نازاربايېفقىچە ( 1)
- ستالىننىڭ ئوغلى قانداق ئۆلدى؟ (2)
- ستالىننىڭ ئوغلى قانداق ئۆلدى؟ (2)