رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن تۈركىيىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى
2004.12.06
رۇسىيە فېدېراتسىيىسى دۆلەت باشلىقى ۋىلادىمىر پۇتىن 12-ئاينىڭ 5-كۈنى رەسمى زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيىگە كەلدى. بۇ،1972- يىلىدىن بەرى رۇسىيىدىن تۈركىيىگە ئېلىپ بېرىلگەن تۇنجى قېتىملىق دۆلەت باشلىقى سەۋىيىسىدىكى زىيارەت بولۇپ، زىيارەتتە تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى نۇرغۇن توختامنامىلارغا قول قويۇلدى.
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەخمەت نەجدەت سەزەر، رۇسىيە دۆلەت باشلىقى پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. پۇتىننىڭ تۈركىيىدە ئېلىپ بارغان بۇ زىيارىتىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقى بايان قىلىنماقتا.
بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىشنى خالىسىڭىز تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاڭ.
©
2004 Radio Free Asia