خىتاي بىلەن رۇسىيە ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ
2005.02.02
خىتاي دۆلەت كومىسارى تاڭ جياشۈەننىڭ سەيشەنبە كۈنى باشلانغان رۇسىيىدىكى زىيارەت كۈنتەرتىپىنىڭ ئاساسى تېمىسىنى نېفىت مەسىلىسى شۇنداقلا بىخەتەرلىك ۋە ھەربىي مەسىلىلەر ئىگىلىگەن. چارشەنبە كۈنى كرىمېل سارىيىدا ئۇچراشقان رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن خىتاي دۆلەت كومىسارى تاڭ جياشۈەننىڭ سۆھبەتتىن كېيىن ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيە بىلەن خىتاي بىخەتەرلىك مەسلىھەتلىشىش مىخانىزىمى قۇرۇپ، ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى قارار قىلغان. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، تاڭ جيا شۈەننىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتىغا "بېيجىڭ ھازىرغا قەدەر ھىچقانداق بىر دۆلەت بىلەن مەسلىھەتلىشىش مىخانىزىمى قۇرۇپ باقمىغان"، دەپ تەكىتلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. تاڭ جياشۈەن رۇسىيىنى خىتاينىڭ " مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك شېرىكى،" دەپ ئاتىغان.
ئورتاق ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەت
تاڭ جياشۈەن چارشەنبە كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشىشتىن سەل ئىلگىرى، رۇسىيە مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سېكرىتارى ئىگور ئىۋانوف بىلەن ئۇچرىشىپ، " بۇ جوڭگونىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن تۇنجى قېتىم دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتلىشىش مىخانىزىمى تەسىس قىلىشىدۇر،" دەپ تەكىتلىگەن. تاڭ جياشۈەن مۇنداق دەيدۇ: " بىزنىڭ رۇسىيە بىلەن بىخەتەرلىك مىخانىمىزىمى قۇرۇشنى قوبۇل قىلىشىمىزدىكى سەۋەپ، خەلقئارا مەسىلىلەر، خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرلىك ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەر شۇنداقلا تىنچلىق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك تەرەققىياتقا ياردەم بېرىش جەھەتتىكى مەيدانىمىز ئوخشاپ كېتىدۇ." تاڭ جياشۈئەن، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ يۇقىرىقى مەسىلىلەر بويىچە ئورتاق ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتكە ئىگىلىكىنى بىلدۈرگەن.
ھەربىي مانېۋىر ۋە مەقسەت
رۇسىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنقى تەرەققىياتىدىن مەمنۇنلىقىنى بىلدۈرگەن رۇسىيە پرېزىدېنتى، " سىياسى ، ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى شۇنداقلا ھەربىي ساھەدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىمىز كۈچەيمەكتە،" دەپ كۆرسەتكەن. رۇسىيە پرېزىدېنتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، موسكۋا بۇ يىل 5 - ئايدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنى كۈتۈۋالىدىكەن شۇنداقلا بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدىكەن. مانىۋېر بۇ يىل 8 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىشى مۈمكىن. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆزەتكۈچىلەر مانىۋېر ئۇكرائىنىيىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا غەرب ئەللىرىدىن رەنجىگەن رۇسىيىنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە قايتۇرغان ئىنكاسى، دەپ قارىغان.
رۇسىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى ۋلادىمىر مىخايلوف ، ئۆتكەن ئايدا مانىۋېرغا رۇسىيىنىڭ Tu- 22M شۇنداقلا Tu-95 بەلگىلىك بومباردىمانچى ئايرۇپىلانلىرى قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ، رۇسىيە - خىتاي ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، مانىۋېر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. موسكۋا بىلەن بېيجىڭ، مانىۋېرنىڭ مەقسىدى ھەربىي قىسىملارنىڭ تېرورچىلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، دەپ كۆرسەتمەكتە. رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۆتكەن يىلى رۇسىيىنى زىيارەت قىلغاندا، ھەر ئىككىلا دۆلەت ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى شۇنداقلا چېچەن پىدائىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى "خەلقئارا تېرورچىلىقنىڭ بىر قىسىمى،" دەپ قوبۇل قىلغان.
نېفىت مەسىلىسى
رۇسىيە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ قورال - ياراق خېرىدارى. خىتايلار 2004 - يىلى رۇسىيىدىن 6 مىليارد دوللارلىق قورال - ياراق سېتىۋالغان. تاڭ جياشۈەننىڭ موسكۋادىكى زىيارەت كۈنتەرتىپىنىڭ يەنە بىر تېمىسى ئىككى دۆلەتنىڭ نېفىت ئېنىرگىيىسى جەھەتتىكى ھەمكارلىقىغا چېتىلغان بولۇشى مۈمكىن. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەگىشىپ، خىتاينىڭ ئېنىرگىيە مەنبەئەسىگە بولغان ئىھتىياجى كۈچەيمەكتە. خىتايلار ئانگارىسكىيدىن باشلىنىدىغان سىبىرىيە نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ خىتايغا تۇتاشتۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئامما رۇسىيە مەزكۇر پىلانغا ئىھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ياپونىيىنىڭ ئانگارىسكىيدىن تىنچ ئوكيان بويىدىكى ناخۇدكىغا تۇرۇبا ياتقۇزۇش پىلانىنى قوبۇل قىلغان. بىراق خىتايلار ئوڭۇشسىزلىققا چۆن پۈتمىگەن ئىدى.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتايلار خۇسۇسىلار ئىگىدارچىلىقىدىكى رۇسىيە يۇكوس نېفىت شىركىتىنى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى رۇس نېفىت شىركىتىنىڭ سېتىۋېلىشى ئۈچۈن، رۇسىيىنى 6 مىليارد دوللار قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىگەن. بىراق رۇس نېفىت شىركىتى خىتايلاردىن ئالغان قەرزنى يۇكوس شىركىتىنى سېتىۋېلىشقا خەجلىگەنلىكىنى رەت قىلدى. بۇ ئارىدا "بېيجىڭ ئەتىگەنلىك گېزىتى" ، رۇسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى ۋىكتور كرىستىنكونىڭ سىبىرىيە نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ بىر لىنىيىسىنى خىتايغا تۇتاشتۇرۇشقا ۋەدە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋىكتور كرىستىنكو ئۆتكەن ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بېيجىڭنى مەخپىي زىيارەت قىلغان. كۆزەتكۈچىلەر، كرىستىنكونىڭ زىيارىتى خىتاينىڭ سىبىرىيە نېفىت تۇرۇبىسى پىلانىدىكى "ئۈمىدسىزلىكىنى" پەسەيتىش، دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.(ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي بىلەن رۇسىيە كىلەر يىلى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى
- رۇسىيە-خىتاي چېگرا مەسىلىسى ۋە پۇتىننىڭ بېيجىڭ زىيارىتى
- رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن تۈركىيىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى
- 32 يىلدىن كېيىن رۇسىيىدىن تۈركىيىگە ئاڭ ئالىي زىيارەت
- پۇتىننىڭ خىتاي زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيىدە پەيدا بولغان ئىنكاسلار
- غەرىپنىڭ نارازىلىقى ئاستىدىكى پۇتىن ئىسلاھاتى