خىتاي - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى قەيەرگە بارىدۇ؟


2005.06.28

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ 28 - ئىيۇن كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 30 - ئىيۇن كۈنى رۇسىيە ۋە قازاقىستانغا قاراتقان زىيارىتىنى باشلايدىكەن.

مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمېر پۇتىن بىلەن خۇ جىنتاۋ 1 - ئىيۇل كۈنى رەسمىي يوسۇندا ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنى ئۆتكۈزۈپ، يادرو قوراللىرىنىڭ تەھدىتى شۇنىڭدەك ئىران مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

يۇقىرىقى مەسىلىلەر سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ ئاساسلىق توختىلىدىغان خەلقئارا مۇھىم مەسىلىلەر ھېسابلىنىدىكەن. ئىككى تەرەپ يەنە، رايون ۋە خەلقئارا بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ھەمدە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پائالىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ پىكىر ئالماشتۇردىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، پۇتىن بىلەن خۇ جىنتاۋ، ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە، ئېلېكتىر قۇۋىتى قاتارلىق تەرەپلەردە ئېلىپ بارىدىغان ھەمكارلىقلارغا ئائىت تەييارلانغان ھۆججەتلەرگە قول قويىدىكەن.

خىتاينىڭ قازاقىستان ۋە رۇسىيە مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم قەدەم

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى لى خۇينىڭ ئېيتىشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى، خىتاينىڭ تاشقى دىپلوماتىيىسىدىكى مۇھىم بىر قەدەم بولۇپ، خىتاي - رۇسىيە مۇناسىۋىتى ۋە خىتاي - قازاق مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ھىسابلىنىدىكەن.

لى خۇي سۆزىدە يەنە مۇنداق دەپ بىلدۈرگەن: قازاقىستاننىڭ ئاستانە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 5 - قېتىملىق يىغىنى بولۇپ، بۇ يىغىن ئىككى چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە. يەنى بىرىنچىدىن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەمەلىي ئىشلارنى ھەل قىلىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكتىن، ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە بۇنى مۇھىم نۇقتا قىلىش، ئىككىنچىدىن، رايون دائىرىسىدە يۈز بېرىۋاتقان چوڭ ئۆزگىرىشلەرگە مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇشتەك ۋەزىيەتكە توغرا كەلدى.

خىتاي رۇسىيە بىرلەشمە مانېۋىرى

بۇ ئارىدا ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى، بۇ يىل 9 - ئايدا خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى رۇسىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى مىخايىلوفنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ بىرلىككە كېلىشى نەتىجىسىدە خىتاي، رۇسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى ئۆتكۈزۈشنى بېكىتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ مەزكۇر قوماندانىنىڭ ئېيتىشىچە، ھاۋا ئارمىيە ئەسلىھەلىرى بىلەن بىرگە، رۇسىيە ھاۋا ئارمىيىسى تارمىقىدىكى قوشۇنلار بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا قاتناشتۇرۇلىدىكەن.

يەنە بىر قىسىم رۇس ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، رۇسىيە خىتايدا كۈندىن - كۈنگە ئەۋج ئېلىۋاتقان مىللىي روھقا زەربە بېرىش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى مانېۋىرنى ئېلىپ بېرىشنى بولۇپمۇ ھاۋا ئارمىيە ئىستراتېگىيىئىسنى ئىشقا سېلىشنى قارار قىلغان. شۇنداقلا خىتايغا، رۇسىيىنىڭ يەنىلا قۇدرەتلىك بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرماقچى بولغان.

خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن يېقىنلىشىشىدىكى ئارقا كۆرۈنۈش

رۇسىيە يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن، يەنى رۇسىيە ھەربىي باش شىتابىنىڭ باشلىقى بالىيېۋىسكى بۇ يىل 3 - ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، رۇسىيىنىڭ "بىر جوڭگو" پرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقى ھەمدە ھەرقانداق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان تەيۋەن مۇستەقىللىق ھەركەتلىرىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇ چاغدا خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۇئاڭچۈن بۇنىڭدىن ئىنتايىن مىننەتدار بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيىدە چىقىدىغان ھەربىي ئىشلار ئوبزورچىلىق ژورنىلىنىڭ باش تەھرىرى پىنكېفنىڭ تەكىتلىشىچە، تەيۋەن مەسىلىسى، خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلەشمە مانېۋىر ئېلىپ بېرىشتىكى ئاساسلىق سەۋەبلەردىن بىرى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە خىتايغا ئىشلەتكەن بېسىمى، خىتاينى نەپەس ئالالمىغىدەك دەرجىگە يەتكۈزگەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە مەجبۇرلىغان.

پىنكېفنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خىتاي بۇ قېتىم مانېۋىر ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي مۇناسىۋەت ۋە ئالاقە ئورنۇتۇش جەھەتتە تېخىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە رۇسىيىدىن قانداق قوراللارنى سېتىۋىلىش ئۈچۈن سىناق ئېلىپ بېرىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.