
قورال-ياراق سودىسى رۇسىيە-خىتاي ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى، نۆۋەتتە، خىتاي رۇسىيىنىڭ قورال -ياراق سودىسى جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ خېرىدارلىرىدىن بىرى بولۇپ، موسكۋا ھەربىي دائىرىلىرى خىتاي بىلەن ھىندىستاننى مۇھىم قورال ئېكىسپورت قىلىدىغان نۇقتىلىرىغا ئايلاندۇرغان . ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، خىتاي رۇسىيىدىن يەنە 50 دانە ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى.
خىتاي بىلەن رۇسىيە ئەزەلدىنلا ھەربىي جەھەتتىن شېرىكتۇر
رۇسىيە بىلەن خىتاي ئۇزۇن يىللىق ھەربىي مۇناسىۋەت تارىخىغا ئىگە، مەيلى 1949-يىلىدىن ئىلگىرىكى خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرى بولسۇن ۋە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى كوممۇنىستلار رەھبەرلىكىدىكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دەۋرى بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ھۆكۈمەتلىرى قويۇق ھەربىي ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ئورنىتىپ كەلگەن. بۇ ھەربىي ھەمكارلىقلاردا سوۋېت ئىتتىپاقى خىتايغا قوشۇن كىرگۈزۈپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتىلا ھەسسە قوشقان بولماستىن ، بەلكى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ناھايىتى زور مىقداردا قورال-ياراق، ھەربىي خام ئەشيا ياردەملىرىنى كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، جاڭ كەيشى رەھبەرلىكىدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن زور كۆلەمدە قورال-ياراق سودا كېلىشىملىرىنى تۈزۈپ، ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا ئىشلەتكەن بولسا، 1949-يىلىدىن كېيىن ماۋزېدۇڭ رەھبەرلىكىدىكى كوممۇنىست ھاكىمىيىتىمۇ دەسلەپكى مەزگىللەردە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ھەربىي كېلىشىملەرنى تۈزگەن، بۇنىڭ ئىچىدە. قورال-ياراق سودىسىمۇ مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن ئىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتلەر جۈملىدىن قورال-ياراق سودا مۇناسىۋەتلىرى ئەسلىگە كېلىپ، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە خىتاي رۇسىيىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قورال -ياراق سودا شېرىكىگە ئايلىنىپ قالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ئارمىيىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئۇنى ئەڭ ئىلغار قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا رۇسىيىنى ئاساسلىق ھەربىي تېخنىكا ئۆگىنىدىغان ۋە ئىمپورت قىلىدىغان ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارچىغا ئايلاندۇردى.
ھازىر، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي مۇناسىۋەتلىرى ئۆز-ئارا يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلارنى ئەۋەتىپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ھەمدە قورال-ياراق ۋە ھەربىي تېخنىكا سودىسى قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
خىتاي رۇسىيىدىن ئىلغار ئايروپىلانلارنى سېتىۋالدى
رۇسىيىدىكى " سودىگەرلەر"گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا 50 دانە " سۇ-33 " تىپلىق ئاۋىئاماتكا كۈرەشچى ئايروپىلانى سودىسى مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت داۋاملاشماقتا. بۇ سودىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى ئىككى يېرىم مىليارد دوللارغا توغرا كېلىدىكەن. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە خىتاي رۇسىيىدىن " سۇ -33 " تىپلىق ئايروپىلاندىن ئىككىنى سېتىۋېلىپ، سىناق قىلىدىكەن. رۇسىيە تەرەپ، بۇنى رۇسىيە قورال-ياراق سودا تارىخىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ سودا دەپ ھېسابلىماقتا. "سۇ-33" تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان ھازىر دۇنيادىكى ئاۋىئاماتكىلار ئېلىپ يۈرىدىغان ئەڭ ئىلغار ۋە كۈچلۈك كۈرەشچى ئايروپىلان بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
خەۋەردىن قارىغاندا، بۇ كېلىشىم 12-ئايدا ئىمزالانغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مەزكۇر ئايروپىلانلارنى بىرلىكتە ئىشلەپ چىقىرىدىكەن. خىتاي 2010-يىلى ئۆزىنىڭ تۇنجى ئاۋىئاماتكىسىنى ، 2016-يىلى ئۈچ ئاۋىئاماتكا ياساپ چىقىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، ئاۋىئاماتكا ئېلىپ يۈرىدىغان كۈرەشچى ئايروپىلان ياساش تېخنىكىسىنى رۇسىيىدىن ئۆگىنىشكە ئىنتىلمەكتە. ئەگەر خىتاي نوقۇل ھالدىلا مۇنداق ئايروپىلانلارنى سېتىۋېلىشقىلا تايانسا، بۇنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن كۆپ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. شۇڭا، خىتاي مۇمكىن قەدەر رۇسىيىدىن بۇنداق ئايروپىلانلارنى سېتىۋېلىش بىلەن بىرگە يەنە , ئۇنى ياساش تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈش ئىستراتېگىيىسىنى بەلگىلىگەن بولسىمۇ، بىراق رۇسىيە ئۆز تېخنىكىسىنى بىراقلا سېتىۋەتمەستىن ، بەلكى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش يولىنى تاللىغان .
رۇسىيىنىڭ بۇ يىللىق قورال-ياراق سودىسى ئالتە مىلياردتىن ئارتۇق
رۇسىيىدىكى سودىگەرلەر گېزىتىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، رۇسىيە بۇ يىل چەتئەلگە ئالتە يېرىم مىليارد دوللار قىممىتىدە قورال-ياراق سېتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، كېلەر يىلى يەتتە مىلياردقا يەتكۈزىلىدىكەن. بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ئاساسلىقى ئوتتۇرا شەرق، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى سودا ئوبيېكتى قىلىپ تاللانغان. كۆزەتكۈچىلەر رۇسىيىنىڭ ئاستا-ئاستا قورال-ياراق ئېكىسپورت قىلىش جەھەتتە خىتاي ۋە ھىندىستانغا تايىنىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇشقا ئىنتىلگەن بولۇپ، 2000-2005-يىللىرى ئۇنىڭ قورال سودىسىنىڭ 80% ئى خىتاي ۋە ھىندىستان بىلەن بولغان ئىدى. بۇ مەزگىلدە خىتاي رۇسىيىدىن " سۇ-30م ك" تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان، ھەمدە ئىلغار توشۇغۇچى ئايروپىلان ۋە " سوۋرېمېننىي "تىپلىق قوغلىغۇچى پاراخوت شۇنىڭدەك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تانكا قاتارلىقلارنى سېتىۋالغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ ئىلغار قوراللىرى رۇسىيە تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن.
خىتاينىڭ رۇسىيىگە تايانماي ئامالى يوق
رۇسىيە كۆزەتكۈچىلىرى خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ 2000-2005-يىللىق قورال ياراق سودا كېلىشىملىرىنىڭ بۇ يىل تاماملىنىپ، خىتاي تەرەپ ئۆزى بىر قىسىم رۇسىيە تېخنىكىسى ئاساسىدىكى قوراللارنى ئىشلەپ چىقىرىشقا شۇنىڭدەك مۇمكىن قەدەر سېتىۋەلىش سوممىسىنى ئازلىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ بۇ تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرگىچە يەنىلا رۇسىيىگە تايانماي ئامالى يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە رۇسىيىنىڭ ئىلغار قوراللىرىنىڭ تېخنىكا سەۋىيىسى داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرغان بولغاچقا، خىتاي سېتىۋالغان بۇ ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلانلار ۋە باشقىلار تېزلا كونىراپ قېلىشقا مەجبۇر بولماقتا.
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، گەرچە قورال -ياراق سودىسى رۇسىيىنىڭ مۇھىم تاشقى پېرىۋوتىغا ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيە ھۆكۈمىتى تۆۋەندىكىدەك ئىككى مەسىلىگە يولۇقماقتا؛ بىرى ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان ۋە ھىندى ئوكيان رايونىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا قورال-ياراقلىرىنىڭ ھىندى ئوكيان رايونىدىكى رۇسىيە قورال ئېكىسپورتىغا رىقابەت پەيدا قىلىشى.
يەنە بىرى بىر قىسىم رۇسىيە ئۆكتىچى سىياسىيونلىرى بولۇپمۇ، مىللەتچىلىك پىكىر ئېقىمىغا مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا مۇنداق ئىلغار قورال-ياراقلارنى سېتىپ بېرىپ، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ كۈچىيىشىنى قوللىشىنى رۇسىيىنىڭ كەلگۈسى مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن تەھدىد دەپ قاراپ، موسكۋانى تەنقىد قىلىشىدۇر. (ئۈمىدۋار)