رۇسىيىنىڭ ئامۇر ئوبلاستىدا خىتايغا قارشى دولقۇن قوزغىلىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا

0:00 / 0:00
xitay-rusiye-chegra-200.jpg
2002 – يىلى 6 – سېنتەبىر كۈنى بىر خىتاي ئايال خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خېيھې دەرياسى بويىدا خىتاينىڭ بىلەن رۇسىيە چېگىرسىنىڭ خىتاي تەرىپىدىكى چېگرا تېشى بويىدا. ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى خېيخېدىكى شىنشى مېھمانخانىسىدا رۇسىيىنىڭ ئامۇر ئوبلاستىنىڭ تامبوۋ رايونىدىن كەلگەن ئىككى نەپەر ئايال ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. AFP

رۇسىيىنىڭ "news.ru" ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خېيلوڭجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رۇسىيە بىلەن چېگرا خېيخې شەھىرىدىكى شىنشى مېھمانخانىسىدا ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئامۇر ئوبلاستىنىڭ تامبوۋ رايونىدىن كەلگەن ئىككى نەپەر ئايال ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ بىرى نەق مەيداندا پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈلگەن، يەنە بىر نەپىرى يارىلاندۇرۇلغان شۇنىڭدەك ئۇنىڭ سومكىسى بۇلاپ كېتىلگەن. ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتى ۋە يارىلانغۇچى سەيشەنبە كۈنى بلاگاۋېشېنسك شەھىرىگە ئېلىپ كېلىنگەن.

رۇسىيە مەتبۇئاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئىككى رۇسىيىلىك ئايالنىڭ خىتايدا نېمە قىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس، لېكىن رۇسىيە تەۋەسىدىكى بلاگاۋېشېنسك شەھىرى بىلەن خىتاي تەرەپتىكى خېيخې شەھىرى پەقەت ئامۇر دەرياسى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئىككى تەرەپ ئادەملىرى بىر-بىرىگە كېلىپ سودا قىلىشىدىكەن. ئامۇر ئوبلاستىدىكىلەر دائىم خىتاينىڭ خېيخې شەھىرىگە كېلىدىكەن.

بۇ تۇنجى قېتىملىق ۋەقە ئەمەس

رۇسىيىنىڭ "خەۋەرلەر" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، رۇسىيە پۇقراسىنىڭ مەزكۇر شەھەردە ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى تۇنجى قېتىم ئەمەس، 2005-يىلى فېۋرالدا بلاگاۋېشېنسك شەھىرىدىن كەلگەن بىر توپ رۇسىيىلىك ساياھەتچى بىلەن يەرلىك خىتاي ياشلىرى خېيخېدىكى بىر تانسىخانىدا جېدەللىشىپ قېلىپ، نەتىجىدە بەش نەپەر رۇسىيىلىك پىچاق يېگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر نەپىرى نەق مەيداندا پىچاق سېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن. رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن خىتاي تەرەپ جىنايەتچىلەرنى تۇتۇپ، قاتىلغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى، قالغانلىرىغا بىر قانچە يىلدىن تۈرمە جازاسى بەرگەن ئىدى. بۇ دېلونى بىر تەرەپ قىلىش بىر يېرىم يىلغا سوزۇلغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيە ۋە قانۇن ئورگانلىرى يېقىندىن دىققەت قىلغان.

خىتايغا قارشى ئىنتىقام خاراكتېرلىق ۋەقەلەرنىڭ كۈچىيىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا

بۇ قېتىم رۇسىيىلىك ئىككى نەپەر ئايالنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراپ، بىرسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامۇر ئوبلاستلىق تەپتىش ئىدارىسى ئىچكى ئىشلار ئورگانلىرىدىن جەمىيەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە يېزىلىشىچە، تەپتىش ئىدارىسى رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىغا " خېيخې شەھىرىدە يۈز بەرگەن ۋەقەگە باغلىنىشلىق ئامۇر ئوبلاستى ئاھالىسى بىلەن بۇ يەردىكى خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە باغلىنىشلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ۋە جىنايەتچىلىكلەرنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئامۇر ئوبلاستى ئىچكى ئىشلار ئىدارىسى ۋە رۇسىيە بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ يەرلىك تارمىغا، مۇناسىپ چارىلەرنى قوللىنىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېردى" دەپ بىلدۈرۈلگەن.

ۋەقەنىڭ ئارقا قانداق ئارقا كۆرۈنىشى بار

ئامۇر ئوبلاستى دائىرىلىرىنىڭ يەرلىك رۇسىيىلىكلەر بىلەن خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ يۇقىرى دولقۇنى پەيدا بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىشىنىڭ مەلۇم ئاساسى بار بولۇپ، رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان رايونلاردا خىتاي قانۇنسىز كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپىيىپ، سودا، ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنى كونترول قىلىۋېلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەھۋاللار شۇنىڭدەك يەنە باشقا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خىتايغا قارشى ھەم "خىتاي تەھدىدى" كەيپىياتلىرى كۈنسايىن كۈچەيمەكتە.

رۇسىيىدە ھازىرغىچە زادى قانچىلىك خىتاي بارلىقى ئېنىق مەلۇم بولمىسىمۇ، لېكىن، بىر قىسىم مەنبەلەر بىر قانچە مىليون خىتاينىڭ رۇسىيىگە تارالغانلىقىنى ئېيتىشماقتا.

بۇنىڭغا يەنە ئۆتكەن يىلى ئامۇر دەرياسىنىڭ سۈيىنىڭ خىتايدىكى بىر خىمىيىلىك زاۋودنىڭ پارتلاپ، بۇلغىنىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان ئىختىلاپلارمۇ قوشۇلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تېخى يېقىندا رۇسىيىنىڭ موسكۋا، سانكىتپېتېربۇرگ، چىتا قاتارلىق شەھەرلىرىدە خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى سادىر بولغاندىن سىرت يەنە رۇسىيە ھۆكۈمىتى خىتاي قانۇنسىز پۇقرالىرىنى چەكلەش ئۈچۈن بىر قاتار چارىلەرنى قوللانغان .

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە رۇسىيىدىكى كۆچمەنلەرنى تىزىمغا ئېلىپ، ئۇلارغا تۇرۇش رۇخسىتى بېرىش بەلگىلىمىسىگە خىتايلار كىرگۈزۈلمىگەنلىكى ھەمدە چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ پارچە ۋە توپ مال سېتىشىغا چەك قويۇلغانلىقى بىلەن نۇرغۇنلىغان خىتاي پۇقرالىرى رۇسىيىدە تۇرالماي كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، رۇسىيە تەخمىنەن 100 مىڭ خىتاي پۇقراسىنى ھەيدىۋېتىشنى پىلانلىغان ئىكەن.

رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تارىختىكى ئەڭ ياخشى ۋەزىيەتتە تۇرماقتا

رۇسىيە ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى ۋەزىيەتكە كىرگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرسىمۇ، بىراق خەلق ئىچىدىكى بۇ خىل توقۇنۇش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئوخشاشلا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئەلۋەتتە، رۇسىيىلىكلەردە "خىتاي تەھدىدى" كۆز قارىشىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى سىر ئەمەس، خىتاي پۇقرالىرىدا بولسا " چار رۇسىيە بىزنىڭ بىر يېرىم مىليون كىۋادرات كىلومېتىر زېمىنىمىزنى تارتىۋالغان، ۋلادىۋوستوك، خاباروۋسك، بلاگاۋېشېنسك قاتارلىق جايلار بىزنىڭ يەرلىرىمىز ئىدى" دەيدىغان ئىدىيە تارىخ دەرسلىكلىرىدە ئۆگىتىلگەن.

خىتايچە " جۇڭخۇئا قەھرىمانلىرى " دەپ ئاتالغان بىر ئىنتېرنەت سەھىپىسىدە "رۇسىيە ئىگىلىۋالغان زېمىنلىرىمىزنى قايتۇرىۋېلىشىمىز لازىم" دەيدىغان مىللەتچىلىك مۇلاھىزىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.(ئۈمىدۋار)