خۇجىنتاۋنىڭ موسكۋا زىيارىتى ۋە "خىتاي يىلى" پائالىيىتى
2007.03.21

رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرى كۈنسايىن كۈچەيمەكتە، رۇسىيە ۋە خىتاي ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزارا دۆلەت ئىشلىرى زىيارەتلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىش بىلەن بىرگە ئۇلار ئۆز مۇناسىۋەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، نۆۋەتتە بېيجىڭ-موسكۋا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى ھالەتتە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ 26-مارتتىن 28-مارتقىچە رۇسىيىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئېلىپ بېرىپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقلىرى ھەققىدە سۆھبەتلىشىدىغانلىقى شۇنىڭدەك بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالايدىغانلىقى بولۇپمۇ، پۇتىن بىلەن بىرگە "خىتاي يىلى " پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بۇ، خۇجىنتاۋنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغاندىن بۇيانقى رۇسىيىگە قاراتقان ئۈچىنچى قېتىملىق دۆلەت زىيارىتى بولۇپ، ئۇ ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن باشقا جايلاردىكى خەلقئارالىق سورۇنلاردىمۇ داۋاملىق ئۇچرىشىپ، خىتاي –رۇسىيە ھەمكارلىقلىرىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ھەمدە خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا تايانغاندا، خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت كۈن تەرتىپى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇ "خىتاي يىلى" پائالىيىتى ۋە خىتاي دۆلەت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلغاندىن سىرت يەنە رۇسىيە باش مىنىستىرى فرادكوپ، دۆلەت دۇماسىنىڭ باشلىقى گلېزنوپ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلار بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ. ئۇ يەنە تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىگ پايتەختى قازاننى زىيارەت قىلىپ، تاتارسىتان جۇمھۇر رەئىسى مىنتەمىر شەمىيېۋ بىلەن كۆرىشىدىكەن.
رۇسىيە يىلى ۋە خىتاي يىلى
رۇسىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرى بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئۇچراشاندا ئىككى دۆلەت ئايرىم –ئايرىم ھالدا "رۇسىيە يىلى" ۋە "خىتاي يىلى" پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشكە كېلىشكەن بولۇپ، ئالدى بىلەن خىتاي 2006-يىلى رۇسىيە يىلى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بېيجىڭدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا پۇتىن چوڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ كېلىپ قاتناشقان بولۇپ، بۇ جەرياندا خىتاي ئۈچ يۈز قېتىمدىن ئارتۇق پائالىيەت ئېلىپ باردى، رۇسىيىنىڭ 65 ئوبلاستىنىڭ باشلىقلىرى خىتايغا زىيارەتكە كەلدى. خىتاي رۇسىيە يىلى پائالىيىتىگە زور مەبلەغ چىقىم قىلغاندىن سىرت يەنە 500 مىڭ ئادەمنى پائالىيەتكە قاتناشتۇرغان ئىدى.
كېلىشىم بويىچە بۇ قېتىمقى نۆۋەت يەنى " خىتاي يىلى" ئۆتكۈزۈش رۇسىيىگە كەلگەن بولۇپ، رۇسىيە تەرەپ 200 خىلدىن ئارتۇق پائالىيەت تەشكىللەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 2007-يىلى "خىتاي يىلى" دەپ بېكىتىلگەن.
خىتاي ئوز كۈچىنى نامايەن قىلماقچى
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ قېتىمقى خىتاي يىلى پائالىيىتى جەريانىدا خىتاي دۆلەت ئەھۋالى كۆرگەزمىسى ئېچىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇنىڭدا 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شەھەرنىڭ 200 نەچچە ئورگىنى ئېنېرگىيە، ماشىنىسازلىق، ئاپتوموبىل تېخنىكىسى، ئائىلە ئېلېكتىر ساھەسىگە ئائىت 150 مىڭ خىلدىن ئارتۇق تۈرلۈك ساھەنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ، تەخمىنەن 4 مىليارت دوللار قىممىتىدە ئىقتىسادىي –سودا كېلىشىمى تۈزۈشى مۇمكىن.
خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەر
شىنخۇانىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ رۇسىيە زىيارىتى جەريانىدا ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرلىق بىر قاتار مەسىلىلەر بويىچىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق، خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئىران ۋە شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىلىسى ھەمدە ئوتتۇرا شەرق كرىزىسى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى شۇنىڭدەك ب د ت ئىسلاھاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەر بويىچە كۆز قاراش ھەم تەكلىپلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.
ئارقا كۆرۈنىشى
رۇسىيە –خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى ھەمدە خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى مۇھىم خەلقئارالىق ئارقا كۆرۈنۈشكە توغرا كەلگەن بولۇپ، يېقىندا ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا شەرقىي ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ كېلىپ چىقىپ، رۇسىيە ئامېرىكىدىن نارازى بولدى ھەمدە ۋاشىنگتون رەھبەرلىرىنى ئەيىبلەپ، ئۆزلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. رۇسىيە ئارمىيىسى باش شىتاب باشلىقى بالۇيېۋسكىي بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، بۇ يىل 7-ئايدا خىتاي-رۇسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانىۋەر ئۆتكۈزۈش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى.
رۇسىيە بىلەن خىتاي شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرققە كېڭىيىشىگە ئۈزلۈكسىز نارازى بولدى شۇنىڭدەك ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەربىي-سىياسىي تەسىر ئورنىتىشتىن داۋاملىق ئەندىشە قىلدى. ئىراق، ئىران مەسىلىسى جۈملىدىن ئىران يادرو مەسىلىسىدە ئاساسەن دېگۈدەك ئورتاق مەيداندا تۇرۇپ، غەربكە قارشى پوزىتسىيىدە بولۇپ كەلدى. رۇسىيە بىلەن خىتاي يەنە چېچىنىيە ۋە ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ھەركىتىنى خەلقئارا تېرروزىمنىڭ بىر قىسىمى دەپ بەكىتىپ، بۇلارغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىپ كەلدى ھەمدە ئوز چېگرالىرىنى تولۇق بېكىتى.
بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىي ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتلىرىدىن چىقىش قىلىپ، تۇرۇپ ئۆزارا مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بىر-بىرىدىن پايدىلىنىشنى ئاساس قىلغان. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رۇسىيە ئارمىيىسى شىتاب باشلىقىنىڭ خىتاي زىيارىتى ۋە رۇسىيە-خىتاي ھەربىي مۇناسىۋەتلىرى
- رۇسىيىنىڭ ئامۇر ئوبلاستىدا خىتايغا قارشى دولقۇن قوزغىلىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا
- خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى بېيجىڭدىكى" ئىككى يىغىن" نىڭ ئاساسى كۈنتەرتىپىنى ئىگىلىشى مۇمكىن
- دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدىكى شۇئارلار خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەنئى قىلىنماقتا
- رۇسىيە-خىتاي مەخپىي مۇناسىۋەتلىرى
- خۇ جىنتاۋ دۇچ كېلىۋاتقان ئۈچ چوڭ كرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن "ئوبراز ياخشىلاش" تەشۋىقاتىنى يولغا قويماقتا
- "كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى" خىتايغا نېمە قىلىپ بەرگەن ۋە نېمە قىلىپ بېرەلەيدۇ؟
- ھىندىستان، خىتاي بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىكىنى، خىتاي، پاكىستان بىلەن دوسلۇقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويدى
- خۇ جىنتاۋ ھىندىستاندا تىبەت سەرگەردانلىرىنىڭ قارشىلىقىغا دۈچ كەلدى
- خۇ جىنتاۋنىڭ ھىندىىستان زىيارىتىدە 1962- يىلىدىكى چېگرا ئۇرۇشىغا سەۋەبچى بولغان مەسىلە يەنە ئالدىنقى شەرت قىلىنىدىكەن
- خۇ جىنتاۋنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىدىغان يېڭى نەزىرىيىسى
- خىتاي -رۇسىيە قورال-ياراق سودىسى داۋاملاشماقتا
- خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان زىيارىتىگە قارىتا ئىنكاسلار
- رۇسىيە قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارىتا كەڭ كۆلەمدە تازىلاش ھەرىكىتىنى باشلىدى