ئالدىنقى كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ۋە ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پراناب مۇكېرجېيلارنىڭ يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزگەن يىغىنى، خىتاي، رۇسىيە ۋە ھىندىستان سۆھبەت مىخانىزىمىنىڭ رامكىسى ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3 تەرەپلىمىلىك يىغىننىڭ 2 - قېتىم چاقىرىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چارشەنبە كۈنكى يىغىندا لى جاۋشىڭ، لاۋروۋ ۋە مۇكېرجېيلار دۇنيا ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ تېررورچىلىق، ئافغانىستان، ئىراق ۋەزىيىتى، شىمالىي كورىيە ۋە ئىران يادرو مەسىلىلىرىنى شۇنداقلا ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئۇلار، چارشەنبە كۈنى سۆھبەت ئاخىرلاشقاندا ئېلان قىلغان باياناتتا، يۇقىرىقى 3 دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ شۇنداقلا 3 دۆلەت سۆھبەت مېخانىزىمى 4 - بىر دۆلەتكە قارىتىلمىغان، دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر، ئاسىيادىكى بۇ 3 چوڭ دۆلەت كىشىلەردە ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سىياسىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىغا قارشى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى قۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى گۇمانلارنى كۈچەيتىۋاتىدۇ، دەپ ئانالىز قىلىشماقتا.
3 دۆلەت سۆھبەت مېخانىزىمى
3 دۆلەت سۆھبەت مېخانىزىمى قۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى 1 - قېتىم 1998 - يىلى ئەينى دەۋردىكى رۇسىيە باش مىنىستىرى پرىماكوۋ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، شۇ چاغدا ئۇ خىتاي، ھىندىستان ۋە رۇسىيىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە ئامېرىكىغا قارشى رىقابەتچى ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى كۈچ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
رۇسىيىلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەينى مەزگىللەر رۇسىيە ش ئا ئو ئە ت نىڭ شەرقىي ياۋروپاغا كېڭىيىشىگە شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سېستىمىسى قۇرۇش پىلانىغا ئاكتىپ قارشى تۇرۇۋاتقان مەزگىللەر ئىدى. لېكىن خىتاي بىلەن ھىندىستان ئەينى چاغدا رۇسىيىنىڭ 3 تەرەپلىمىلىك مېخانىزىم قۇرۇش تەسەۋۋۇرىغا تازا قىزىقمىغان شۇنداقلا بۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلە تۇتقان. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئامىللار 3 تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە تەرەققى قىلالماسلىقىغا سەۋەبچى بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەينى چاغدا خىتايلار ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويماسلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، رۇسىيىنىڭ غەربكە قارشى ئىتتىپاقىغا قاتنىشىشقا قىزىقمىغان بولۇشى مۇمكىن. ھىندىستان بولسا 1998-يىلى ئەمدىلا يادرو قوراللار سىنىقى ئېلىپ بارغان مەزگىللەر بولۇپ، رۇسىيە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھىندىستانغا ئىمبارگو قويۇش ھەرىكىتىنى قوللىغان ۋە رۇسىيىنىڭ بۇ سىياسىتى ھىندىستاننىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ 3 تەرەپلىمىلىك مىخانىزىمغا قارىشى
3 تەرەپلىمىلىك مىخانىزىمغا ئەزا دۆلەتلەر ئامېرىكىغا رىقابەتچى كۈچ بولۇپ ئۇيۇشۇۋاتقانلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە دېموكراتىيىلىشىش"، " كۆپ تەرەپلىمىلىك دىپلوماتىيە" ۋە خەلقئارا مەسىلىلەردە ب د ت نىڭ رولىنى كۈچەيتىشنى تىلغا ئالدى. لېكىن رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى مىخىيېۋ بولسا، بۇ 3 دۆلەتنىڭ ئامېرىكا ۋە غەربكە قارشى بىر ئىتتىپاقچى كۈچ بولۇپ ئۇيۇشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي، رۇسىيە ۋە ھىندىستانلار ئارىسىدا ئۆز ئارا بىر -بىرىگە ئىشەنمەسلىك كەيپىياتى مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ دەسلەپكى چاغلاردا بۇ 3 دۆلەت مېخانىزمىنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىخىيېۋ، ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن ئانالىزىدا " رۇسىيە، ھىندىستان ۋە خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ناھايىتى مۇرەككەپ. نۇرغۇن مەسىلىلەردە بولۇپمۇ، خەلقئارا سىياسى ۋە ئىقتىسادى ساھەلەردە ھىندىستان بىلەن خىتاي ئۆز ئارا بىر - بىرى بىلەن رىقابەتچى كۈچلەر. رۇسىيە بىلەن خىتايمۇ ئۆز ئارا رىقابەتچى كۈچلەر " دەيدۇ. ئۇنداقتا خىتاي، رۇسىيە ۋە ھىندىستان 3 تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقى ئاخىرقى يىللاردا نېمە ئۈچۈن كۈچىيىۋاتىدۇ ؟ كۆزەتكۈچىلەر، بۇنىڭدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى خىتاي بىلەن ھىندىستان 3 تەرەپلىمىلىك مىخانىزىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشكە قوللانماقچى بولىۋاتىدۇ، دەپ قارىماقتا. خىتاي بىلەن ھىندىستان ئاسىيادا تېز باش كۆتۈرىۋاتقان كۈچلەر شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيىگە مۇھتاج بولۇۋاتقان دۆلەتلەردۇر. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ، 3 تەرەپلىمىلىك سۆھبەت ھەققىدە توختۇلۇپ، " بىز ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى سۆزلەشتۇق. بۇ 3 دۆلەت، ئىقتىسادى ناھايىتى تېز تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر شۇنداقلا بۇ دۆلەتلەرنىڭ سودا ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور "دەپ كۆرسەتتى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ رۇسىيە بىلەن يېقىنلىشىشتىكى مەقسەدلىرىنىڭ بىرى، رۇسىيىنىڭ نېفىت ۋە ئېنېرگىيىسىگە ئېرىشىشتۇر. رۇسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسىدىكى مىخىيېۋ، خىتاي، ھىندىستان ۋە رۇسىيىلەرنىڭ 3 تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ 3 دۆلەتنىڭ ئامېرىكا ۋە غەربكە قارشى ئىتتىپاقداش كۈچ بولۇپ ئۇيۇشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، " بۇ 3 دۆلەت مىخانىزىمدىكى تەرەپلەرنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ مەقسىدى بىر بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ نىشانى ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداش بولۇپ، غەرب بىلەن تىركىشىش ئەمەس "دەيدۇ. (ئەركىن)