ھەمكارلىق ۋە رەقىبلىك بىلەن تولغان رۇسىيە - خىتاي سودىسى
2007.12.31
2007- يىلى، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ھەمكارلىقلاردا بىر قاتار كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلگەن بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى رۇسىيىدە ئېلىپ بېرىلغان خىتاي يىلى پائالىيىتى ھەمدە رۇسىيە تەۋەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە-خىتاي بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى شۇنىڭدەك سودا ساھەسىدىكى ئىلگىرىلەشلەردە ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ. خىتاي مۇلاھىزىچىلىرى 2007- يىلىنىڭ خىتاي -رۇسىيە ھەمكارلىقلىرىغا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن ھەمدە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقى ئارىسىدىكى دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەن بىر يىل بولغانلىقىنى باھالىماقتا. بىراق، رۇسىيىدە بۇنىڭ ئەكسىچە ئىنكاسلار مەۋجۇت بولۇپ، بىر قىسىم خىتاي مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىلىرى، بولۇپمۇ، سودا-سانائەت ساھەسىدىكى ئەربابلار 2007- يىلى رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودىدا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى سودا رۇسىيە ئۈچۈن پايدىسىز تەرەپكە يۈزلەنگەن
رۇسىيە سىياسىيونلىرى ۋە بايلىق ھەم سودا ساھەسىدىكى بىر قىسىم ئەربابلار ئارىسىدا ئەزەلدىنلا رۇسىيىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز، ئاليۇمىن ۋە باشقا ئىستراتېگىيىلىك بايلىقلىرى شۇنىڭدەك خام ئەشيالىرىنى خىتايغا كۆپلەپ سېتىش، ئۇنىڭ ئەكسىچە خىتاينىڭ يېنىك سانائەت ماللىرىنى ئىمپورت قىلىشقا قارشى تۇرۇش كەيپىياتى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن ئېھتىياج تۈپەيلىدىن ئىككى دۆلەت سودىسى بەرىبىر كۈنسايىن تەرەققى قىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن ئىدى.
رۇسىيە-خىتاي ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشلىرىدا سودا مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، بۇ يىل ئىككى تەرەپ سودا مىقدارى 47 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان تەپسىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە -خىتاي كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى كىتوفنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ئىككى دۆلەت سودا مىقدارى ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر رۇسىيە-خىتاي سودىسى رۇسىيىگە پايدىسىز يۆنىلىشكە قاراپ ماڭغان بولۇپ، رۇسىيىنىڭ ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرى ۋە خام ئەشيالىرى خىتاينىڭ ھەر خىل تاۋارلىرىغا ئالماشتۇرۇش ھالىتىگە قالغان. كىتوفنىڭ قارىشىچە، بۇنداق سودا ئەمەلىيەتتە رۇسىيە ئۈچۈن ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدىغان ئەھۋال ئىكەن.
رۇسىيە يىراق شەرق ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى پوژاركوۋنىڭ قارىشىچە، خىتاي 2007- يىلى رۇسىيىگە ئۆزىنىڭ تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىشنى ئاشۇرغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئاپتوموبىللار بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالتۇن بۇيۇملارنىڭ ئېكىسپورتىمۇ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇرۇلغان. بۇ رۇسىيىنىڭ رەڭلىك مېتال سودىسى ئۈچۈن رىقابەت پەيدا قىلغان.
رۇسىيىنىڭ خىتايغا ئېكىسپورت قىلىشى يۇقىرى ئەمەس
خىتاي رۇسىيىنىڭ ئۈچىنچى سودا شېرىكى بولۇپ، بىرىنچى ئورۇندا گېرمانىيە، ئىككىنچى ئورۇندا گوللاندىيە تۇرىدۇ. خىتاي قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بىلەن بەرىبىر رۇسىيىنىڭ بىرىنچى سودا شېرىكلىك دەرىجىسىگە ئايلىنالمىغان. ئەمما، خىتاي مۇمكىن قەدەر ئۆزىنىڭ رۇسىيە قاراتقان ئېكىسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. بۇ يىل رۇسىيىنىڭ خىتاي بىلەن ئېلىپ بارغان سودىسى سەككىز مىليارد دوللارغا يەتكەن يېتىپ، ئۆتكەن يىلىدىكىدىن %8.6 ئاشقان. ئۇنىڭ ئەكسىچە،خىتاينىڭ رۇسىيىگە قاراتقان ئېكىسپورت مىقدارى ئۆتكەن يىلىدىن %81 ئاشقان.
بۇ يىل خىتاينىڭ رۇسىيىگە ساتقان ئاپتوموبىل، ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى، خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى ئاشقان بولۇپ، خىتاي بۇلاردىن باشقا يەنە رۇسىيىگە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، ئائىلە بۇيۇملىرى ۋە باشقىلارنى ئېكىسپورت قىلغان. رۇسىيە ئانالىزچىلىرى بۇ ئەھۋاللارنىڭ رۇسىيىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ۋە ئىقتىسادىي ئۈچۈن پايدىسىز ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ، خىتايغا قاراتقان سودا ۋە ئېنېرگىيە ھەم خام ئەشيا مىقدارىنى ئازلىتىشنى تەشەببۇس قىلغان.
خىتاي ئېنېرگىيە سودىسىدا كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمىدى
رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە -خىتاي ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلىرى مۇتەخەسسىسلىرى بۇ يىلقى ئىككى دۆلەت سودىسىنى خۇلاسىلەپ، 2007- يىلى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئېنېرگىيە سودىسىدا خىتاينىڭ كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكى، ئېنېرگىيە سودىسى يەنى رۇسىيىنىڭ خىتايغا ساتقان نېفىتلىرىنىڭ مىقدارىنىڭ ئۆتكەن يىلىدىكىدىن كۆپ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىراق، رۇسىيىنىڭ نېفىت سودىسى ئۆتكەن يىلىدىن ئاشقان بولۇپ، رۇسىيە ئاساسلىق نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىرىنى ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلغان.
خىتاي 2006- يىلى ياپونىيىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ نېفىت ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلانغان. خىتاينىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گازغا بولغان ئېھتىياجى يىلدىن يىلغا ئاشقان بولۇپ، كۆپىنچە كۆزەتكۈچىلەر كەلگۈسىدە خىتاينىڭ دۇنيادا ئېنېرگىيە يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاپەتلىك كۈچكە ئايلىنىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلماقتا. شۇڭا، خىتايمۇ ئۆزىنىڭ رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئېنېرگىيە سودىسىنى ئاشۇرۇشقا ئىنتىلگەن بولۇپ، رۇسىيە ئۇنىڭ مۇھىم نىشانى. بۇ نۇقتىنى ياخشى چۈشەنگەن رۇسىيىلىكلەر خىتاينى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشنى قىسقارتىش ۋە قىسىش چارىلىرىنى قوللانغان. شۇڭا، 2007- يىلى، رۇسىيە خىتايغا ساتىدىغان نېفىت مىقدارىنى ئازلاتقان ۋە ئېلېكتىر باھاسىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى ئۈچۈن خىتايمۇ بۇ يىل رۇسىيىدىن ئالدىغان ئېلېكتىرنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان.
رۇسىيە - خىتاي ئارىسىدىكى تەبىئىي گاز سودا باھاسىدا پۈتۈشۈم بولمىغانلىقى ئۈچۈن سۆھبەتتە ئىلگىرىلەش كۆرۈلمىگەن. بۇ يىل يەنە رۇسىيە تەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن خىتاي ساخالىن ئارىلىنىڭ تەبىئىي گازلىرىنى سېتىۋېلىشتىن مەھرۇم قالغان ھەم خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا ياتقۇزۇلماقچى بولغان نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشى كېچىكتۈرۈلگەن. مۇلاھىزىچىلەر، بۇ ئەھۋالدىن رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىلا تۇراقسىز ۋە ئۆزارا پايدىلىنىش ھەم بىر-بىرىنى يوشۇرۇن رەقىپ ھېسابلاش ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرمەكتە. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ كانادا مەھسۇلاتلىرىغا بولغان تەلىپى ئاشتى
- رۇسىيە، خىتاي ۋە ئىران كوسوۋا مەسىلىسىدە خەلقئارا قانۇن ۋە پرىنسىپلارنى دەپسەندە قىلماقتا
- خىتاي ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئۆز پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى كونترول قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چۈشۈپ قالدى
- " ۋال - مارت سىزگە خىتايدىن ئېلىپ كەلگەن رودژىستىۋا"
- رۇسىيىە پارلامېنت سايلىمىدا پۇتىننىڭ پارتىيىسى غەلىبە قىلدى
- شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى 10 دۆلەت بۇنىڭدىن كېيىن ئورتاق قانۇن ۋە ئۆلچەم ئىجرا قىلىدۇ
- 1937 -1938يىللىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ پاجىئەلىك بولغان ئىدى
- ستالىن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قاسسىپى
- 2008 - يىلىدىن كېيىنكى رۇسىيىنى كىم ئىدارە قىلىدۇ؟
- "خىتاينىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ھۇلىغا دەز كەتتى" ناملىق ماقالە ھەققىدە
- ئامېرىكا - خىتاي سودا تالاش - تارتىشلىرى داۋاملاشماقتا
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاسىيادىكى ناتو (NATO) بولۇپ شەكىللىنەلەمدۇ؟