يەكشەنبە كۈنى پۈتۈن رۇسىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمى نەتىجىسىدە پرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئىزباسارى 42 ياشلىق دىمىترىي مېدۋېدېۋ غەلىبە قىلدى. رۇسىيىنىڭ " نەۋسرۇ" ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دىمىترىي مېدۋېدېۋ %70 ئاۋازغا ئېرىشكەن بولسا، قالغان %30 كە يېقىن ئاۋاز كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبىرى گېننادىي زيۇگانوۋ، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ۋلادىمىر ژىرىنوۋسكىي ھەم ئۆز ئالدىغا قاتناشقان ئاندرېي بوگدانوۋ ئالغان.
بۇ قېتىم تۆت كىشى پرېزىدېنت نامزاتى بولغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئۈچ نەپىرى رۇسىيىنىڭ سىياسىي ھاياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغان پارتىيىلەرگە مەنسۇپ كىشىلەردۇر. سايلام نەتىجىسى دەسلەپكى قەدەمدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن غالىبىيەتنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن قىزىل مەيداندا كونسېرت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا پرېزىدېنت پۇتىن ۋە مېدۋېدېۋ ھەم باشقىلار قاتناشقان. رۇسىيە مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 100 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان مەزكۇر سايلامدا مېدۋېدېۋقا 52 مىليون ئادەم بېلەت تاشلىغان.
مېدۋېدېۋ پۇتىننىڭ ئۆزىنىڭ پۇتىننىڭ ئىدىيىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتكەن. ۋلادىمىر پۇتىن نۇتۇق سۆزلەپ، مەزكۇر سايلام نەتىجىسىنىڭ ئۆزىنىڭ سەككىز يىل داۋامىدا ئىلگىرى سۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىك سىياسىتىنىڭ خۇلاسىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە "رۇسىيىنى قىزغىن سويىدىغان بارلىق كىشىلەر ئۇلۇغ ۋەتەن ئۈچۈن بەخت يارىتىش يولىدا تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك" دەپ چاقىرغان.
تەنقىد ۋە تەبرىك
دىمىترىي مېدۋېدېۋنىڭ غەلىبىسى ئۇ ئۆزى تەۋە بولغان رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسى شۇنىڭدەك پرېزىدېنت پۇتىننى ھىمايە قىلىدىغان رۇسىيىلىكلەرنىڭ قىزغىن قوللىشى ھەمدە تەبرىكلىشىگە ئېرىشكەن شۇنداقلا ئۇلارنى غەلىبە قاينام - تاشقىنلىقىغا چۆمدۈرگەن بولسا، بىراق ئۆكتىچى پارتىيە - گۇرۇھلار ھەمدە سايلامدا يېڭىلىپ قالغان كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبىرى زىيۇگانوۋ بىلەن مىللەتچىلەر ئېقىمىغا مەنسۇپ ژىرىنوۋسكىي ۋە باشقىلارنى نارازى قىلغان.
رۇسىيىنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پرېزىدېنت پۇتىن " مەزكۇر سايلام قانۇنىي نىزاملارغا قاتتىق رىئايە قىلىنىش ئاساسىدا ئۆتكۈزۈلدى" دەپ باھا بەرگەن بولسا، رۇسىيە كومپارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان نامزات گېننادىي زىيۇگانوۋ سايلامدا ساختىلىق يۈز بەرگەنلىكى، ئىلگىرى كېيىن 200 قېتىمدىن ئارتۇق قانۇنسىزلىق قىلمىشى سادىر بولغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن. يەنە بىر نامزات ژىرىنوۋسكىي بولسا، سايلام نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك بۇ سايلامدا سادىر بولغان قانۇنسىزلىق قىلمىشلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاساسىي قانۇن سوتىغا ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
رۇسىيىنىڭ " سادا" دەپ ئاتالغان مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بىلەت تاشلاش جەريانىدا كۆپ قېتىم قانۇنىي ئۆلچەملەرگە لايىق ئەمەس قىلمىشلار سادىر بولغانلىقى، ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر ئورگاننىڭ سانكتپېتېر بۇرگ، ئۇرال، ئۇفا، ئاستراخان ھەمدە روستوۋ قاتارلىق سايلام رايونلىرىدا كۆزىتىش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمىغانلىقى، موسكۋادىكى %40 سايلام رايونىدا مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر بولمىغانلىقى ھەتتا سايلام جەريانىدا مەجبۇرلاش تۈسى ئالغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەنقىدى
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاساسلىق سايلامنى كۆزىتىش ئورگىنى ھېسابلىنىدىغان ياۋروپا بىخەتەرلىكى ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇ قېتىمقى سايلامغا كۆزەتكۈچى ئەۋەتىشنى رەت قىلغان بولۇپ، پەقەت ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پارلامېنت بىرلىكىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىلا سايلامنى كۆزىتىشكە قاتناشقان. بىراق، مەزكۇر ئورگاننىڭ رەھبىرى ئاندرېئاس گروس دۈشەنبە كۈنى بۇ قېتىمقى سايلامنى تەنقىد قىلىپ، " رۇسىيىدىكى بۇ سايلامنى تولۇق دېموكراتىك ئاساستا بولدى دېيىشكە بولمايدۇ، دېموكراتىيە تولۇق جارى قىلدۇرۇلمىغان" دەپ بىلدۈرگەن.
بىراق، رۇسىيە مەركىزىي سايلام كومىتېتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پارلامېنت بىرلىكىنىڭ بۇ تەنقىدىنى ئىنكار قىلغان بولۇپ، مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئىگور بورىسوۋ " بۇ بىلدۈرۈش گروسس ئەپەندى رۇسىيىگە كېلىشتىن ئىلگىرىلا غەرب ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئىپادىلىنىپ بولغان" دەپ كۆرسىتىش بىلەن بىرگە مەزكۇر ئورگاننىڭ نازارەتچىلىرىنىڭ سايلامنى باھالاشنى بىلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. نۆۋەتتە، ئامېرىكىنىڭ ئوخايو ۋە تېكساس شىتاتلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئالدىن سايلام پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىۋاتقان ئامېرىكا پرېزىدېنت نامزاتلىرى خىللىرى كلىنتون خانىم بىلەن باراك ئوباما رۇسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر سايلام ھەققىدە توختىلىپ، ئوخشاشلا بۇنىڭ دېموكراتىك بولمىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نازارەتچىلىرى بولسا، مەزكۇر سايلامغا يۇقىرى باھا بېرىپ، بۇنىڭ "ئەركىن ۋە ئاشكارا سايلام بولغانلىقى" نى كۆرسىتىشكەن.
تەبرىكلەشلەر باشلاندى
دۈشەنبە كۈنى دىمىترىي مېدۋېدېۋنىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتلىقىغا سايلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قىسىم مەملىكەتلەر رەھبەرلىرى ئۆز تەبرىكلىرىنى ئەۋەتكەن بولۇپ، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل خانىم، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى، گوردون برائۇن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى مانۇئەل مارروزۇ، فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە باشقىلار دىمىترىي مېدۋېدېۋنى تەبرىكلەپ، ئۆزلىرىنىڭ دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىشقان.
دىمىترىي مېدۋېدېۋ رۇسىيىنى مۇستەقىل ئىدارە قىلالامدۇ ۋە ياكى ئۇ پۇتىننىڭ كۈلكىسى بولۇپ قالامدۇ؟
بۇ قېتىمقى سايلام رۇسىيە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىنكى ئۈچىنچى پرېزىدېنت سايلىمى بولۇپ، مېدۋېدېۋ رۇسىيىنىڭ 3 - پرېزىدېنتى شۇنىڭدەك 1917 - يىلىدىن بۇيانقى رۇسىيە تارىخىدىكى ئەڭ ياش پرېزىدېنت بولىدۇ. ۋلادىمىر پۇتىن بولسا، ئىككى قېتىم پرېزىدېنت بولغان بولۇپ، رۇسىيە ئاساسىي قانۇنى بويىچە بىر ئادەمنىڭ ئۈچ قېتىم پرېزىدېنت بولۇشىغا رۇخسەت يوق. 5 - ئايدا رەسمىي مۇراسىم بىلەن يېڭى پرېزىدېنت دىمىترىي مېدۋېدېۋ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرىۋالىدۇ. ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا پۇتىن مېدۋېدېۋنى ئۆزىنىڭ ئىزباسارى قىلىپ تىكلىگەن شۇنىڭدەك مېدۋېدېۋنىڭ پرېزىدېنت بولسا، ئۆزىنىڭ باش مىنىستىر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەندە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك ئىنكاسى قوزغالغان ئىدى.
رۇسىيە ۋە غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ھازىرمۇ تۈرلۈك تەھلىللەر ئەۋجى ئالغان بولۇپ، مېدۋېدېۋنىڭ خاراكتېر جەھەتتىن ناھايىتى يۇمشاق ئادەم ئىكەنلىكى، شۇ سەۋەبتىن پۇتىننىڭ ئۇنى پرېزىدېنت قىلىپ، ئۆزى باش مىنىستىر بولۇپ، يەنىلا رۇسىيىنى داۋاملىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيىسىنى بەلگىلىگەنلىكى، مېدۋېدېۋنىڭ رۇسىيىنى خۇددى ۋلادىمىر پۇتىندەك مۇستەقىل ئىدارە قىلىشىنىڭ قىيىن بولۇشى مۇمكىنلىكى جەزىملەشتۈرۈلمەكتە. لېكىن، يەنە بىر قىسىم ئىنكاسلاردا مېدۋېدېۋنىڭ قانداق پرېزىدېنت بولۇشى ھەمدە ئۇنىڭ دەۋرىدە رۇسىيىدە پۇتىننىڭ سىياسىتى داۋاملىشامدۇ ياكى مېدۋېدېۋ ئۆز سىياسىي يۆنىلىشىنى بەلگىلەمدۇ، دېموكراتىيە جەھەتلەردە ئىلگىرىلەشلەر بولامدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئالدىن گۇمانلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارالماقتا. (ئۈمىدۋار)