رۇسلار قازاقىستاندىن رۇسىيىگە كۆچۈپ كەتسە قازاقىستانغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

0:00 / 0:00

يېقىندا روسىيە پرېزىدېنتى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان رۇسلارنىڭ روسسىيە قايتىپ ئولتۇراقلىشىشى ئۈچۈن ئەۋزەل شارائىتلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ خىل سىياسەت قازاقىستاندا 30% نوپۇسنى ئىگىلىگەن، قازاقىستان رۇسلىرىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ، رۇسلارنىڭ كۆپلەپ كۆچۈپ كېتىشى قازاقىستانغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ؟ بۇ ھازىر قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم دىققەت نوقتىسى بولۇپ قالدى.

بۇ ھەقتە قازاقىستان مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلار ئاساسىدا مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ مەلۇمات يەتكۈزىدۇ.