ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى سابىت ئابدۇراخمان ئالەمدىن ئۆتتى


2005.07.14

sabit-abduraxman.jpg
مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى (تارتىلغان يىلى نامەلۇم)

ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچى رەھبەرلىرىدىن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۆرىشىنىڭ پىشۋالىرىنىڭ بىرى بولغان سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى 14 - ئىيۇل كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ 78 يېشىدا قازا قىلدى.

قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغىنىمىزدا، مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى كوچىدا ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ يولدىن ئۆتۈۋاتقىنىدا ماشىنىغا سوقۇلۇپ كەتكەن. شۇنداقلا ماشىنا قاتتىق سوقۇۋەتكەنلىكتىن قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كېلىپ بولغۇچە جان ئۈزگەن.

ماشىنا ھەيدىگۈچى كىشى 21 ياشلىق ئەلىك ئىسىملىك رۇس بالا بولۇپ، ماشىنىدا ئۇنىڭ دادىسىمۇ بار ئىكەنتۇق. ھازىر دەسلەپكى قەدەمدە بۇ ۋەقەنىڭ بىر قاتناش ھادىسىسى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى 1928 - يىلى قازاقىستاندا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ 1930 - يىللاردا ئاتا-ئانىسى بىلەن غۇلجىغا كۆچۈپ كېلىپ، شۇ يەردە مائارىپ تەربىيىسى ئالغان. شۇنداقلا ئۇ كېيىن 1944 - يىلىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ قاتناشقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن غۇلجا شەھىرىنى ئازاد قىلىش جەڭلىرىگە قاتناشقان. شۇنداقلا شۇ سەۋەبتىن بىر قانچە قېتىم تۈرمىلەرگە تاشلانغان.

ئالماتادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا نەق مەيدان زىيارىتىدىن كېيىن، مەرھۇمنىڭ تاسادىپىي ئۆلۈمى ھەققىدە بۇ تەپسىلىي مەلۇماتلارنى سىلەرگە سۇندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.