ئىستانبۇلدا مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان خاتىرىلەندى


2005.08.03

14-ئىيۇل كۈنى تاسادىپىي قاتناش ھادىسىسى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان پېشقەدەم ئازادلىق جەڭچىسى، شائىر سابىت ئابدۇراخماننى خاتىرىلەش مەقسىتىدە، تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان ۋەھپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ۋەھپە زالىدا خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىن قاتناشقۇچىلىرى مەرھۇم سابىت ئابدۇراخماننىڭ ۋەتەن مىللەتنىڭ ھۆرىيىتى ئۈچۈن ھاياتىنىڭ ئاخىرقى نەپەسلىرىگىچە تىنماي كۈرەش قىلغانلىقى مەدھىيىلەندى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.