ئالىم سابىت داموللامنىڭ "ئەقائىد جەۋھەرى"ناملىق ئەسىرى ھەققىدە


2007.08.08

سابىت داموللام 1933- يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىقىپ، شۇ ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى بولغان ۋە كېيىنچە زالىم شىڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىدە شېھىد قىلىنغان مەشھۇر ئىنقىلابچى ئالىم ئىدى. سابىت داموللام خوتەندە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن ئىنقىلاب باشلاشتىن بىر يىل بۇرۇن ھەج سەپىرىگە چىقىش مۇناسىۋىتى بىلەن ھىندىستان، سەئۇدى ئەرەبىستانى، تۈركىيە، مىسىر قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولغان ۋە شۇ زىيارىتى ئەسناسىدا يېڭى ئەرەب دۇنياسىدىن "سەلەفىيە"ئەقىدىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز خەلقىگە خۇراپاتلاردىن خالىي بولغان ساپ ئىسلام ئەقىدىلىرىنى بىلدۈرۈش نىيىتى بىلەن "ئەقائىد جەۋھەرىيە" ناملىق ئەسىرىنى يازغان ۋە ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پۈتۈن رايون، شەھەر ۋە قىشلاقلىرىدىكى مەدرىسىلىرىدە دەرسلىك قىلىپ ئوقۇتۇلغان ئىكەن.

"ئەقائىد جەۋھەرىيە"ناملىق ئەسەر توغرىسىدا

سابىت داموللامنىڭ "ئەقائىد جەۋھەرىيە"ناملىق ئەسىرى ئىسلام ئەقىدىسىنى ناھايىتى ئىخچام ھالدا سوئال - جاۋاب شەكلىدە شەرھىلىگەن بولۇپ، مەدرىسە كۆرگەن ياكى كۆرمىگەن خەت ئوقۇشنى بىلىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئاسانلا چۈشىنىپ بىلىۋالىدىغان، ساپ ئۇيغۇرچە كىتابتۇر.

مەزكۇر كىتاب 53 سوئال - جاۋاب بىلەن ئاخىرلاشقان بولۇپ، بۇ 53 سوئال - جاۋاب ئىچىدە ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە مەسىلىلىرى ناھايىتى چۈشىنىشلىك ۋە ئىنتايىن ئوڭاي شەكىلدە شەرھىلەنگەندىن تاشقىرى، ناماز، روزا، زاكات، ھەج ۋە باشقىمۇ زۆرۈر بولغان ئىبادەت ۋە مۇئامىلە مەسىلىلىرىمۇ ئىخچام ھالدا شەرھىلەنگەن.

"ئەقائىد جەۋھەرىيە"ناملىق بۇ شانلىق ئەسەر 1932- يىلى ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلى شەھىرىدە خوتەن يۈرۈڭقاشلىق ئابدۇسەمىجان ئىسىملىك بىر سودىگەرنىڭ خىراجىتى بىلەن تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان. 1982- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا يەرلىشىپ قالغان خوتەن چىرىلىق ئىبراھىم ئابدۇللا ھاجىم بىلەن خوتەن قاراقاشلىق ئەلى روزى ھاجىملارنىڭ ئىقتىسادى ياردىمى بىلەن ئىككىنچى قېتىم نەشر قىلىنغان. يەنە شۇ يىلى مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى " دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى" تەرىپىدىن ئۈچىنچى قېتىم نەشر قىلىنغان.

ئالىملارنىڭ داموللام ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە ئېيتقانلىرى

مەرھۇم ئالىم مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامى سابىت داموللامنىڭ "ئەقائىد جەۋھەرىيە"ناملىق ئەسىرىنى ئىككىنچى قېتىملىق نەشرىگە تەييارلاشتا مۇنداق دەپ يازغان: " سابىت داموللام "ئەقائىد جەۋھەرىيە"دېگەن كىتابى ئارقىلىق مىللىتىمىزنى خۇراپاتلاردىن قۇتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. سابىت داموللام ئۇستازى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ھالدا، دىنىي مەدرىسىلەرنى قاتماللىقتىن، كونىلىقتىن ئازاد قىلىپ، يېڭىچە ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىتىش يوللىرىنى ئاچقان كىشىدۇر.

سابىت داموللامنىڭ يەنە " ئىبنى مالىكنىڭ ئەلفىيەسىگە شەرھى"، "شېرىن كالام"، "قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەپسىرى "، "ئىسلام قانۇنى" قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ بار ئىدى. "شېرىن كالام" پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى بايان قىلغان ئەسەر بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدە ئەڭ مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ ئەسەر سەئۇدى ئەرەبىستانىدا قايتا نەشىردىن چىققان. ئەمما "قۇرئان كەرىمنىڭ تەپسىرى" بىلەن " ئىسلام قانۇنى"دېگەن ئىككى ئەسىرى داموللامنىڭ ئۈرۈمچىدە تۈرمىدىكى ۋاقتىدا يېزىلغان بولۇپ، تېخى نەشر قىلىنمىغان.

داموللام ئۈرۈمچىدە تۈرمىدە شېھىد قىلىنغاندىن كېيىن، شىڭ شىسەي ھاكىمىيىتى يېقىلىپ، داموللامنىڭ ئوغلى ئابدۇللا ئىلىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ تۈرمىدىن بۇ ئىككى قىممەتلىك ئەسەرنى ئېلىپ كەتكەنلىكى سۆزلىنىدۇ. ئەمما بۇ ئىككى قىممەتلىك ئەسەرنىڭ ھازىر نەدە ۋە كىمنىڭ قولىدا ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

مۇھەممەد قاسىم ھاجىم سابىت داموللامنىڭ "ئىبنى مالىكنىڭ ئەلفىيەسىگە شەرھى"ناملىق ئەرەب گرامماتىكىسىنى ئۇيغۇرچە شەرھىلىگەن مەشھۇر ئەسىرى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دىدى:" سابىت داموللام ئۆزىنىڭ ئىنقىلابى ھەرىكىتىدىن تاشقىرى مىللىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى توغرا چۈشىنىشى ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر بولغان ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىشتە ئاساس بولسۇن ئۈچۈن ئەرەب گرامماتىكىسىنى بىرمىڭ بېيت شېئىر بىلەن بايان قىلغان . "ئىبنى مالىكنىڭ ئەلفىيەسى"ناملىق ئەسەرنى پۈتۈن شەرھلەپ چىققان ۋە ئۇنى ھىندىستاندا باستۇرۇپ ئەكەلگەن ئىدى."

سابىت داموللامنىڭ ئېسىل ئەخلاقى

مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي سابىت داموللام توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:" سابىت داموللام ئەرەب، پارىس ۋە تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ كاتتا ۋەكىللىرىدىن بىرى ئىدى. داموللام قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قەشقەر تەۋەسىدە نۇرغۇن بالىلارنى ئالىم قىلىپ يېتىشتۈرگەن كىشىدۇر.

داموللامنىڭ قەلەم ۋە نۇتۇق قابىلىيىتى ئالاھىدە ئۈستۈن بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم ئۇچراشقان ئالىملار ھەمىشە ئۇنى ماختايتتى. قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇستازلىرىدىن تاھىر ھەمزە ئەپەندى سابىت داموللام بىلەن مىسىردا كۆرۈشكەن ۋاقتىدىكى ئەسلىمىسىنى سۆزلەپ مۇنداق دېگەن:" مەن ئۇزۇن يىللىق ئىلمىي ھاياتىمدا تۈركىستانلىق كۆپلىگەن ئۆلىما ۋە ئەدىبلەر بىلەن ئۇچراشتىم. ئەمما سابىت داموللامدەك مەنىلىك ۋە ئەدەبىي سۆز قىلىدىغان، يىراقنى كۆرىدىغان، ھوشيار بىر كىشىنى ئۇچراتقىنىم يوق." (ئۆمەرجان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.