سابىت داموللامنىڭ كىتابى تۈركىيىدە نەشىر قىلىندى

0:00 / 0:00
SabitDamollamKitawi-150.jpg
ئالىم ۋە سىياسىي ئەرباب سابىت داموللام تەرىپىدىن مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىغا بېغىشلاپ يېزىلغان مەخسۇس ئەسەر" شېرىن كالام تەرجىمىھال مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام " RFA Photo/Erkin Tarim

20 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يېتىشكەن ئاتاقلىق دىنى ئالىم ۋە سىياسىي ئەرباب سابىت داموللام تەرىپىدىن مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىغا بېغىشلاپ يېزىلغان مەخسۇس ئەسەر" شېرىن كالام تەرجىمىھال مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام " ناملىق ئەسەر ئىستانبۇلدا نەشىردىن چىقتى.

ئەسەر، ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتابنىڭ -6 قېتىم نەشىر قىلىنىشى ئىكەن. شېرىن كالام ناملىق ئەسەر ئۇيغۇر تىلىدا شۇنداقلا بىر ئۇيغۇر ئالىمى تەرىپىدىن مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ھاياتى ھەققىدە قەلەمگە ئېلىنغان بىردىن - بىر ئەسەر بولۇپ، ئەسەر تۇنجى قېتىم 1928 - يىلى مۇئەللىپنىڭ رۇخسىتى بىلەن غۇلجا شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت مەتبەئەسىدە نەشىر قىلىنغان. 1938 - يىلى بولسا ھىندىستاندا ئىككىنجى قېتىم نەشىر قىلىنغان. 3 - قېتىم 1966 -يىلى رامىزان ئېيىدا پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە ئۇيغۇر تىلىدا بېسىپ تارقىتىلغان. 1985- يىلىدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددى شەھىرىدە 4 - قېتىم، 2000 - يىلى يەنە جىددە شەھىرىدە -5 قېتىم نەشىر قىلىنغان. ئىستانبۇلدا چىققان نەشرى كىتابنىڭ 6- قېتىم نەشىردىن چىقىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ ئەسەرنى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن نەشىرگە تەييارلىغان بولۇپ ئابدۇجېلىل تۇران تەھرىرلىكىنى قىلغان.

بۇ كىتاب ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. (ئەركىن تارىم)