
سابىق ئىراق پرېزىدېنتى سادام ھۈسەيىن 30-دېكابىر كۈنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىراق ۋە باشقا بىر قىسىم جايلاردا سادام ھۈسەيىننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى قوللىغۇچىلارنىڭ تەنتەنە قىلىشى بىلەن بۇنىڭغا قارشى چىققۇچىلارنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرىدىن ئىبارەت ئىككى خىل مەنزىرە شەكىللەندى. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، تەنتەنە قىلغۇچىلار ئاساسەن دېگۈدەك شىئە مەزھىپىگە مەنسۇپ كىشىلەر بولسا، نارازىلىق بىلدۈرگىچىلەر سۈننىيلەر ئىكەن.
31- دېكابىر كۈنى سادام ھۈسەيىننىڭ جەسىتى تىكرىتقا ئېلىپ كېلىنىپ، ئۇنىڭ جەمەتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى ھەمدە سادام ھۈسەيىن تۇغۇلغان ئائۇجا يېزىسىدىكى ئائىلىۋى قەبرىستانلىققا، ئانىسى، ئىككى ئوغلى ۋە نەۋرىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى.
سۈننىيلەرنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەردى
ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، 1-يانۋار كۈنى ئىراقنىڭ باغداد، تىكرىت قاتارلىق شەھەرلىرىدە سۈننىي مۇسۇلمانلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەردى. نامايىشچىلار سادام ھۈسەيىننىڭ سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىپ، شىئەلەر ئاساس سالماقنى ئىگىلىگەن ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ سادام ھۈسەيىننى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پەلەستىن رايونى ۋە ئىراققا قوشنا ئىئوردانىيىنىڭ ئاممان شەھرىدىمۇ نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر نامايىشقا سادام ھۈسەيىننىڭ چوڭ قىزى قاتنىشىپ، نۇتۇق سۆزلەپ نامايىشچىلارغا رەھمەت بىلدۈرگەن.
بىراق، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى مالىكى "سادامنىڭ ئۆلۈشى ئىراق تارىخىدىكى بىر قاراڭغۇ-زۇلمەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدۇر" دېگەن. ئىراق ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە سادامنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ھەققانىي بولغانلىقى، بۇ ئارقىلىق سادام دەۋرىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، چۈنكى، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشىچە، سادام ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن جەرياندا دۆلەتتە مۇستەبىتلىك تۈزۈم ئورنىتىپ، شىئەلەرنى باستۇرغان. ئۇ، 1982-يىلى ئىراقتىكى بىر شىئەلەر يېزىسىدا 148 ئادەمنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن بولۇپ، مەزكۇر ۋەقە ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشتىكى ئاساسلىق گۇناھ بولۇپ بېكىتىلگەن ئىدى.
سادامنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنكى ۋەقەلەر
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، سادام ھۈسەيىن ئۆلتۈرۈلگەن كۈنى ئىراقتىكى ئىككى شىئەلەر رايونىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 70 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان بولسا، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 2-يانۋاردىكى ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئىراقتىكى بىرلەشمە ئارمىيە سەيشەنبە كۈنى باغداد شەھىرى ئەتراپىدا بىر قېتىم ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ، ئۈچ تېررورچىنى ئۆلتۈرگەن.
ئىراق دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، سەيشەنبە كۈنى باغدادنىڭ شەرقىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، ئۈچ ئادەم ئۆلگەن، يەتتە ئادەم يارىلانغان، دۈشەنبە كۈنى باغدادنىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن مىنا پارتلاشتا بىر نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلۈپ ئۈچى يارىلانغان.
سادام ھۈسەيىن دارغا ئېسىلىش جەريانىدا ھاقارەتكە ئۇچرىغان
سادام ھۈسەيىن دارغا ئېسىلغان كۈنى، ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى جەريانى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن سىن ئالغۇ لېنتىسى تارقىلىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنى بىر قانچە ئەرەب تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ھەم ئىنتېرنېت تورلىرى كۆرسەتكەن.
سادام ھۈسەيىننىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا دۇچ كەلگەن ئەھۋال ۋە ھاقارەت سۈننىيلەرنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك نارازىلىقلىرى قوزغىلىشىغا ئوت ياققان. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىراق ھۆكۈمىتى بۇ كۆرۈنۈشنى مەخپىي سۈرەتكە ئېلىۋالغان كىشىلەرنى ئېنىقلاپ چىقىپ، جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئەسلىدە سادامنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشقا قاتناشقانلارنىڭ قول تېلېفون ئېلىشى ھەم بۇنى سۈرەتكە ئېلىشى قەتئىي چەكلەنگەن ئىكەن. رۇسىيىنىڭ "news.ru" ئۇچۇر تورىنىڭ رېيتېرس ئاگېنتلىقىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بۇ چەكلىمىگە قارىماي، مەخپىي رەۋىشتە دارغان ئېسىلىش جەريانىنى قول تېلېفونى بىلەن سۈرەتكە ئېلىۋالغان.
سىن ئالغۇ لېنتىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، سادامنىڭ بوينىغا ئارغامچىنى سەلىۋاتقان، يۈزىنى ئېتىۋالغان كىشىلەر سادامنى ھاقارەتلىگەن.بۇ چاغدا سادام ھۈسەيىن " بۇ ئىنسانىي ئالىجاناپلىقمۇ ؟ سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ باتۇرلۇقىڭلارنى مۇشۇنداق نامايىش قىلماقچىمۇ؟" دەپ سورىغان. ئىجرا قىلغۇچىلار يەنى كونا ئاتالغۇ بويىچە ئالغاندا "جاللاتلار" جاۋاب بېرىپ، "يوقالسۇن دىكتاتور !"، "دوزاققا چۈش !" "ياشىسۇن مۇھەممەد ئال باقىر سادىر !" دەپ شوئار توۋلىغان. مۇھەممەد ئەل باقىر سادىر شىئەلەرنىڭ ھازىرقى داھىيسى ئىدى.
مەيداندىكى بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن سوتچى مۇنكىد ئال –فارائون سادامنى قوغداپ، "توختىتىڭلار، ئۆتۈنۈپ قالاي، بۇ ئادەم دارغا ئېسىلىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ، مەن سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي، بولدى قىلىڭلار" دەپ ۋاقىرىغان. ئۆلۈمگە تەييار بولغان سادام " ئاللاھتىن باشقا خۇدا يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى "دەپ ۋاقىرىغان. سادامنىڭ بوينىغا ئاغامچا سېلىنىپ ئېسىلغاندا، مەيداندىكىلەرنىڭ "زالىم ھۆكۈمران ئۆلدى" دەپ ۋاقىرىغان خۇشاللىق ئاۋازلىرى ئاڭلانغان.
سىن ئالغۇ لېنتىسىدىكى كۆرۈنۈشتىن ئاشكارىلىنىشىچە، سادام ھۈسەيىن ئۆلۈم ئالدىدا قىلچە ھودۇقمىغان بولۇپ، ئۆزىنى تەمكىن تۇتقان.
سۈننىيلەر بىلەن شىئەلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتلەر ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىنمۇ؟
سادام ھۈسەيىننىڭ دارغا ئېسىلىش جەريانى ئىراق بىخەتەرلىك ئورگىنى تەرىپىدىنمۇ رەسمىي رەۋىشتە سۈرەتكە ئېلىنغان بولسىمۇ، بىراق مەخپىي رەۋىشتە تارتىۋېلىنغان بۇ لېنتا بۇرۇن سىرتقا چىقىپ كەتكەن. مەزكۇر لېنتا تەپسىلىي بولۇپ، بۇ كۆرىنىش ۋە ئېيتىلغان سۆزلەر سۈننىيلەر بىلەن شىئەلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىش رولىنى ئوينىغان.
سادام ھۈسەيىننىڭ ئوتتۇرا ئەسىرگە خاس كونا، دارغا ئېسىش ئۇسۇلى بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بۇنى " ۋەھشىيلىك ۋە قالاقلىق "دەپ تەرىپلىگەن. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر قىسىم تەنقىدچىلەر " سۈننىي مەزھىپىگە مەنسۇپ مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبىرى سادام ھۈسەيىنگە قارىتىلغان بۇ جازا بىر قېتىملىق مەزھەپلەر ھەرىكىتى" دەپ قارىغان بولۇپ، چۈنكى، سۈننىي مەزھىپىدىكى ئەرەب مۇسۇلمانلىرى مەزكۇر ئۆلۈم جازاسىنىڭ سۈننىي مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇقەددەس قۇربان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنىگە توغرىلانغانلىقىدىن غەزەپلەنگەن.
سادام ھۈسەيىننىڭ دارغا ئېسىلىشىنىڭ مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى كۆپ ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان سۈننىيلەر بىلەن شىئەلەر ئارىسىدىكى مەزھەپ توقۇنۇشلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا. (ئۈمىدۋار)