ئاڭلىق مەخلۇق ئىنسانلارغا نىسبەتەن نورمال پىسخىكىلىق ھالەت يەنى روھىي ساغلاملىق ، ھەقىقىي ساغلاملىقنىڭ ئاساسى. خىتايدا جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا ئىنسانلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەم بۇ ھەقتە تەتقىقات قىلىش ۋە پىسخىكا جەھەتتىن نورمالسىزلىق كۆرۈلۈپ ياردەمگە مۇھتاج بولغان كىشىلەرنى داۋالاش يوق دېيەرلىك بىر ساھە بولۇپ كەلمەكتە. لېكىن ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا تۈرلۈك بېسىملار تۈپەيلى پىسخىك جەھەتتىن تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ ، دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە بەرداشلىق بېرەلمەي تۈرلۈك تۇيۇق يوللارنى تاللايدىغان ھەتتا ئۆلۈۋالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بارغانچە كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنداقتا ئۇيغۇر ياشلىرى پىسخىكىلىق داۋالاش ياكى ياردەمگە مۇھتاج بولسا قايسى ئورۇندىن مەسلىھەت سورايدۇ ؟ ياشلارنىڭ روھىي ھالىتىنىڭ نورمال بولۇشىغا قايسى دائىرىلەر كۆڭۈل بۆلىدۇ؟
ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خىتايدىكى زور بىر ئىجتىمائىي مەسىلە
بىز ئۆتكەن ھەپتىلىك ئاڭلىتىشىمىزدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۈمىدسىزلىككە ئىتتىرىۋاتقان ئامىللار تېمىسىدا تەييارلانغان پروگراممىمىزدا ، ئىخلاسمەنلىرىمىزگە، جەمئىيەت، تۇرمۇش ھەم ئىقتىسادىي بېسىملار تۈپەيلى روھىي جەھەتتىن ئۇچرىغان ئازاپلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆلۈۋېلىش نىيىتىگە كېلىپ كېيىن دوستلىرىنىڭ قايىل قىلىشى ۋە ياردىمى بىلەن دوزاق ئاغزىدىن قايتىپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر ياش بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدۇق.
مانا بۇ ئۆلۈم ئاغزىدىن قايتىپ كەلگەن ياش ،مۇشۇنداق ھايات مۇساپىسىدە بولۇپمۇ ھازىرقى رىقابەت ئالىمىدە پىسخىكىلىق تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ ئۆزىنى يوقاتقان ياكى ياردەمسىز يالغۇز قالغان ، روھىي دۇنياسىنى قورقۇنچ باسقان ، گاڭگىراپ قالغان بەختسىز ئۇيغۇر ياشلارنىڭ بىرى.
خىتايدا پىسخىك ساغلاملىقنىڭ بىر كەسپ سۈپىتىدە تەتقىق قىلىنىشى تېخى يېقىنقى يىللاردىن باشلاندى . خىتاي سەھىيە ۋە مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ئىنسانلارنىڭ بولۇپمۇ ياشلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشىگە خىتايدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچىلارنىڭ نىسبىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆپىيىشى سەۋەب بولدى. خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خىتايدا ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈشىدىكى بەشىنچى چوڭ ئامىل ھېسابلىنىدىكەن.
ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش بولۇپمۇ 15 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشىدىكى ئاساسلىق ئامىل ئىكەن. تولۇق بولمىغان ستاتىستىكىغا قارىغاندا خىتايدا ھەر يىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىغانلار 287 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ يەنە ئىككى مىليون كىشى ئۆلۈۋېلىش مەقسىتىگە يېتەلمەي قۇتقۇزۇپ قېلىنىدىكەن شۇنداقلا ھەر يىلى يەنە پىسخىك جەھەتتىن كرىزىسقا دۇچار بولۇش سەۋەبلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئويلاپ روھىي جەھەتتىن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدىغانلار بىر مىليون بەش يۈز مىڭدىن ئاشىدىكەن.
چەتئەللەردە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچىلارنىڭ %90 ى نېرۋىسى ئاجىز كىشىلەر بولسا ، خىتايدا ئۆلۈۋالغانلارنىڭ %63 ىلا نېرۋا ئاجىزلىق ئالامەتلىرى بار كىشىلەر ئىكەن . شۇڭا خىتايدا بۇ بىر روھىي ساغلاملىق مەسىلىسىلا بولۇپ قالماي يەنە بىر ئۆتكۈر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلانغان . شۇڭا يەنى خىتايدا تۇنجى روھىي كرىزىسنى تەتقىق قىلىش مەركىزى 2002 - يىلى -12 ئايدا بېيجىڭدا قۇرۇلدى.
نۆۋەتتە خىتاينىڭ بارلىق چوڭ - كىچىك شەھەر - يېزىلىرىدا دېگىدەك پىسخىك جەھەتتىن مەسلىھەت سوراش، روھىي ساغلاملىق ھەققىدە مەسلىھەت بېرىش، ئۆلۈۋېلىش كرىزىسىدىن قۇتۇلۇش توغرىسىدا مەسلىھەت سوراش ئورۇنلىرى قۇرۇلۇپ مەخسۇس پىسخولوگلار ، پىسخىك نورمالسىزلىق كۆرۈلگەنلەر ياردەم بەرمەكتە.
پىسخىك توسالغۇلارغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر ياشلىرى ياردەمسىز قالماقتا
ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردا ئۆلۈۋېلىش ئىلگىرى پەۋقۇلئاددە ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولسىمۇ ، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نېرۋا سىستېمىسى نورمال ياشلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى داۋاملىق كۆرۈلىدىغان بىر خىل مەسىلە بولۇپ قالماقتا. ھەمدە بۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بىر تېمىغا ئايلانغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن ئىپادە كۆرۈنمەيدۇ.
چۈنكى بىز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەركىزى بولغان ئۈرۈمچىدىنمۇ ئۇيغۇر تىلىدا پىسخىكا جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىدىغان بىرەر ئورۇن تاپالمىدۇق.
بەزى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، روھىي بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەسلىكتىن كېلىپ چىقىۋاتقان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھادىسىسىنىڭ كۆپىيىشىگە تۈرلۈك مۇرەككەپ ئامىللار سەۋەب بولسىمۇ ، ئەمما ئاساسلىقى يەنىلا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ دىنىي ئەقىدىسىنىڭ سۇسلىشىش، سىياسىي ، ئىقتىسادىي ھەم دىنىي بېسىم شۇنداقلا ئىشسىزلىق، ئۈمىدسىزلىك قاتارلىق سەۋەبلەر ئۇلاردا تۈرلۈك پسىخىكا بىنورماللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىكەن.
بىز ئۈرۈمچىدىكى خىتاي مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان مەلۇم 24 سائەت پىسخىكا ساغلاملىقى ھەققىدە ياردەم سوراش ئورنىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئۇچراۋاتقان پىسخىكىلىق مەسىلىلىرى ھەمدە بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى سورىدۇق.
مەزكۇر مەسلىھەت بېرىش ئورنىدا بۈگۈن نۆۋەتچىلىكتە تۇرغان پىسخىكاشۇناس مەزكۇر مەركەزدىمۇ ئۇيغۇر تىلىدا مەسلىھەت بېرىدىغان خادىم يوقلۇقىنى، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ يوقلۇقىنى پەقەت ئالىي مەكتەپلەردە پىسخىكا كەسپى دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا مەسلىھەت بېرىدىغانلىقىنى ئەمما، بۇ جەھەتتىكى مۇلازىمەتنىڭ تېخى جەمئىيەتكە يۈزلەنمىگەنلىكىنى ، شۇ سەۋەبتىن جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ روھىي ساغلاملىقىنىڭ يەنىلا بۇ ساھەدە نەزەردىن ساقىت قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىسخىك جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش ئورۇنلىرى ھەممىسى خىتاي تىلىدا مەسلىھەت بېرىدىغان بولۇپ ئەگەردە باشقا تىلدا سۆزلىشىدىغان ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرى ياردەم سورىماقچى بولسا ، چوقۇم خىتاي تىلى بىلىشى شەرت ئىكەن. ئۇ يەنە بۇ خىل مەسلىھەت سوراش ئورۇنلىرىغا ئاساسەن مەدەنىيەت سەۋىيىسى بىر قەدەر يۇقىرى خىتاي تىلى ھەمدە پىسخىكا پېنىدىن خەۋىرى بارلار تېلېفون قىلىدۇ، دەيدۇ .
ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەم دىنىي كىملىكى ئۇلارنىڭ روھىي ساغلاملىقىدىكى مۇھىم ئامىل
بىز بۇ خادىمدىن ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى پىسخىكا ساغلاملىق ھەمدە ئۆلۈۋېلىش ھادىسىلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىدىغانلىقىنى ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا نېمىلەرنىڭ ئاساسلىق تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى سورىدۇق.
ئۇ ئۆزىنىڭ بىر قانچە يىللىق داۋالاش تەجرىبىسىگە ئاساسەن ھېس قىلغانلىرىنى سۆزلەپ " مېنىڭ تەجرىبەمگە قارىغاندا ، ئۇيغۇرلاردا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتىنى پۈتۈن مەملىكەتكە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ تۆۋەن دېيىشكە بولىدۇ . چۈنكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇچراۋاتقان رىقابەت بېسىمى خىتاي ئۆلكىلىرىگە قارىغاندا ئېغىر ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ، دىنىي ئارقا كۆرۈنىشىمۇ ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ ،ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇلار ماددىي تۇرمۇشنى ئۇنچە مۇھىم بىلمەيدۇ ، مەنىۋىي جەھەتتىن ئۆزىنى ئاسان قاندۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار، شۇڭا روھىي جەھەتتىن ئۆزىنى باشقا مەدەنىيەت تەسىرىدىكى مىللەتلەرگە قارىغاندا خوشال تۇتالايدۇ . شۇڭا بۇ ئۇلارنىڭ پىسخىك جەھەتتىن ساغلاملىقىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەن. بەلكىم بۇمۇ ئۇيغۇرلاردا ئۆلۈۋېلىشنىڭ باشقا مىللەت كىشىلىرىگە قارىغاندا ئاز ئۇچرايدىغانلىقىنىڭ بىر سەۋەبىدۇر"دېدى.
ئۇ ئاخىرىدا يەنە ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنسان پىسخىك ساغلاملىقى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ نىسبەتەن ئارقىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: "جۇڭگوغا نىسبەتەن پىسخىك ساغلاملىقىدىن ئىبارەت كەسىپ كېيىن ئېچىلغان ھەمدە تەتقىق قىلىنىۋاتقان يېڭى بىر كەسپ بولغاچقا ، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ تېخىمۇ كېيىن باشلاندى . بىز بۇ جەھەتتە كەسپى خادىم ھەمدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىشىغا مۇھتاج . ئىنسانلاردا ساغلام پىسخىكا بولغاندىلا ساغلام جەمئىيەت يارىتالايدۇ . ساغلاملىق ساغلام قەلبتىن باشلىنىدۇ " دېدى .
ئۇيغۇر ئېلىدە پىسخىك ساغلاملىق تېخى كەمتۈك بىر ساھە
ئىنسانلارغا پىسخىك ساغلاملىق جەھەتتە مەسلىھەت بېرىش ۋە ياردەم بېرىش خەلقئارادا سىستېمىلاشقان بىر ساھە ، ئۇلار روھىي جەھەتتىن بىنورماللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مەسلىھەت بېرىش كىلىنىكىلىق داۋالاش ، پىسخىكىلىق داۋالاش تۈرلىرىنى كەڭ قوللانغان . ھەتتا مەخسۇس ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش كرىزىسىدىن قۇتقۇزۇش تارماقلىرىمۇ تەسىس قىلىنغان . ئۇلار بۇ جەھەتتە كونكرېت تەدبىر ھەم خىزمەتلەرنى ئىشلىگەندىن سىرت ، تەشۋىقاتنىمۇ كۈچەيتىپ ئېلىپ بارىدۇ.
ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە مىللەت ، ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا ئايرىغان ھالدا ئىنسانلارنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتى ھەققىدە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان ئورۇنمۇ قۇرۇلمىغان بولۇپ ، گەرچە كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا ئۇيغۇرلاردىمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆپ كۆرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇنازىرىلەر بولسىمۇ ، ئەمما بۇ جەھەتتە ئېنىق ۋە ئىلمىي بىر مەلۇماتقا ئىگە بولۇش مۇمكىن بولمىدى.
ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىغا تۈرلۈك تۈمەن خىل سەۋەبلەرنى كۆرسىتىش مۇمكىن
جەمئىيەتشۇناسلار بۇنى ئىجتىمائىي پاجىئە ، جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان ھەم ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىش جۈرئىتى ئاجىزلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان پاجىئە دېسە، بەزى پىسخىكا ئالىملىرى، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىنى ئالدىن روھىي جەھەتتىن ئۆلۈش ، ئاندىن روھتىن ئايرىلغان تىنىنىمۇ ئۈمىدسىزلىك، ئۆزىنى يېڭەلمەسلىك ۋە مەغلۇبىيەت سەۋەبلىك جېنىدىن ئايرىشتىن ئىبارەت پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلىنىشنىڭ ئاقىۋىتى دەپ باھا بېرىدۇ ، بەزى ئالىملار يەنە ، بۇنى دىنسىزلىق ، دىنغا ئاسىيلىق قىلىش شۇنداقلا روھىي گادايلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ باھا بېرىدۇ.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى پىسخىك ساغلاملىقنى بىر سەھىيە مەسىلىسى سۈپىتىدە قارايدۇ شۇنداقلا ئىنسانلارنى ئۆز روھىي ساغلاملىقىغا ئېتىبار بېرىش بىلەن تەڭ ، ئىنسانلارنىڭ بىر - بىرىگە ئىنسانىي مېھرى-مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كۆڭۈل بۆلۈشكە ،قەلب تۈگۈنلىرىنى يېشىشكە ياردەم بېرىشكە ،تەسەللى بېرىشكە ھەمدە ئۈمىدلىك ياشاشقا چاقىرىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ" جاھان ساڭا باقمىسا ،سەن جاھانغا باق..."دەيدىغان ھىكمەتلىرىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۈمىدلىك ياشاشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقى توغرىسىدىكى ھايات پەلسەپىسى بولسا كېرەك. (گۈلچېھرە)