0:00 / 0:00
ساما ئۇسۇلى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان، روزى ھېيىتلىرىدا ۋە خۇشاللىققا چۆمگەن كۈنلەردە ئوينايدىغان ئۇسۇللىرىدىن بىرىدۇر. بۇرۇن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى يەرلەردە ئوينىلىپ كېلىۋاتقان ساما، يېقىنقى يىللاردىن بېرى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىغا يېيىلىشقا باشلىغان.
سەلكىن تور بېتىدىكى رەسىملىك خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ يىل قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن ياشلار مەسچىتلەرنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ ساما ئوينىغان. بۇ نېمىنىڭ ئىپادىسى؟ بۇنداق داۋام قىلىدىغان بولسا ساما ئۇسۇلى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىغا يېيىلارمۇ؟ بۇنىڭغا ئوخشاش بىر يۈرۈش سۇئاللارغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.