د ئۇ ق ۋەكىلى سەئۇدى ئەرەبىستاندا رابىيە قادىر خانىمنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى


2007.10.11

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 12 كۈنلۈك سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتى جەريانىدا بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.

10-ئاينىڭ 10-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن قايتىپ كەلگەن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇ يەردىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ رادىئومىزغا بەرگەن مەلۇماتىدا، سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شۇنداقلا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ دۇنيادا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنلىكىنى، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئەتراپلىق چۈشەندۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى يەنە سۆزىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتى جەريانىدا دۇنيا ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتىنىڭ مۇسۇلمان بولمىغان دۆلەتلەردە ئاز سانلىق مىللەت سۈپىتىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارغا مەسئۇل خادىمى ئەلى دەمىرچى ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار دۇچار بولىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك ئەھۋاللىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئەركىن تارىمنىڭ سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتى ھەققىدە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.