سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گراژدانلىق مەسىلىسى
2007.08.23
ئۇيغۇرلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا يەرلىشىش تارىخى ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، 19- ئەسىردىن تارتىپ ئۇيغۇرلار بۇ مەملىكەتتە يەرلىشىشكە باشلىغان ئىكەن. ئەمما, ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جايغا ئەڭ كۆپ يەرلىشىش ئەھۋالى 1949- يىلدىن كېيىن بولغان ئىكەن. ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاندا، تەخمىنەن 40 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدىكەن. ئۇلاردىن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئاساسەن سەئۇدى ئەرەبىستانى گراژدانلىقىنى ئېلىپ بولغان ئىكەن. بۇ مەملىكەتنىڭ گراجدانلىقىنى ئالمىغان ئۇيغۇرلارمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتىبار بېرىشىغا ئېرىشىپ، بۇ جايدىكى باشقا چەت ئەللىكلەرگە نىسبەتەن چوڭ ئىمتىيازلارغا ئىگە بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇغۇلغان ئابدۇرەئۇپ ھاجىم سەئۇدى ئەرەبىستانىغا دەسلەپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ گراجدانلىقىنى ئالغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" تەپسىلىي تارىخىنى بىلمەيمەن. ئەمما ئۇ ۋاقىتلاردا شەرقىي تۈركىستاندىن بۇ مەملىكەتكە كېلىدىغانلارنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز ئىدى. ئۇ زامانلاردا قاتناش ئىشلىرىدا قىيىنچىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، يىلىغا 4- 5 ئادەم كېلەتتى. ئۇنىڭدىن كۆپ كەلمەيتتى. كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىدە ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ۋەسىقىسى بار ئىدى. چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا مەككە مۇكەررەمە ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھەرلىرى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ئىدى. شۇڭا بۇ جايدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ گراژدانلىقىدا ئىدى."
سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇغۇلغان ئۇيغۇرلار ئاساسەن بۇ مەملىكەتنىڭ گراجدانلىقىنى ئېلىپ بولغان
ئابدۇرەئۇپ ھاجىم سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسەن سەئۇدى ئەرەبىستان گراجدانلىقىنى ئېلىپ بولغانلىقى ۋە بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەملىكەتنىڭ گراژدانلىقىنى ئالالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مۇنداق دېدى:" بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار نىڭ كۆپىنچىسى بۇ مەملىكەتنىڭ گراجدانلىقىنى ئېلىپ بولغان. ئەمما ئالالمىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىسى ئۆزلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بۇ مەملىكەتنىڭ گىراژدانلىقىغا ئۆتۈشنى خالىمىغانلىقى ياكى بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكى، بەزىسى بىلىمسىزلىك ياكى ئاڭسىزلىقتىن بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدىن ماڭمىغان ۋە ئاتا - ئانىلىرى گراژدانلىق ئېلىش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بەرمىگەن سەۋەبلەردىن ئۇلار ئالالمىغان."
ئۆتمۈشلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى گراژدانلىق ئېلىشنى خالىمايتتى
ئۇيغۇرلاردىن بەزى پېشقەدەملەرنىڭ ئېيتىشلىرىغا ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، خېلى ئۇزۇن يىللارغىچە، بۇ مەملىكەتنىڭ گىراژدانلىقىغا ئۆتۈش ئىشلىرى بەكمۇ ئاسان بولغان ئىكەن. ھۆكۈمەت ئۆزى بۇ جايدىكى چەت ئەللىكلەرنى گراژدانلىق ئېلىشقا تەشەببۇس قىلىدىكەن.
ئەمما بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز ۋەتىنىمىزگە قايتىپ كېتىمىز دېگەن نىيەت بىلەن تۇرغانلىقتىن، كېيىنچە يۇرتىغا قايتىپ كېتەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەيدىغان بالىلارچە خىياللار بىلەن بۇ مەملىكەتنىڭ گىراژدانلىقىغا ئۆتۈشنى خالىمىغان ئىكەن. ھەتتا، بىر ۋاقىتلاردا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى شەھەرلەردىكى خەلق بازارلىرىنىڭ دەرۋازىلىرىنى تاقىۋېلىپ، بازاردىكىلەرنى قورشاپ تۇرۇپ مەجبۇرىي ھالدا گراژدانلىققا يازدۇرغان ئىشلارمۇ بولۇپ ئۆتكەن ئىكەن. شۇ ۋاقىتتىكى مەجبۇرلارشتا ئۆزلىرى خالىمىسىمۇ بۇ مەملىكەتنىڭ گىراژدانلىقىغا ئۆتۈپ قالغان ئۇيغۇرلارمۇ كۆپ ئىكەن.
ئۇيغۇرلار بۇ مەملىكەتتە ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە
ئابدۇرەئۇپ ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرغۇچىسى قرال ئابدۇلئەزىز دىن باشلاپ ھازىرغىچە كەلگەن قراللار ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە ئىكەن. بولۇپمۇ، 1949- يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىن پاناھ ئىزدەپ بۇ مەملىكەتكە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىگە سەئۇدى ئەرەبىستان گراجدانلىقىنى بەرگەن. گراژدانلىق ئېلىشنى خالىمىغان ياكى بۇ ھەقتە تەلەپ تەقدىم قىلمىغانلارغا 4 يىلدا بىر قېتىم ئۇزارتىپ تۇرىدىغان دائىمىي تۇرۇش رۇخسىتى بەرگەن .
ھەتتا قولىدا تەيۋەننىڭ ياكى خىتاينىڭ پاسپورتى بولمىغان ئۇيغۇرلارغىمۇ تۇرۇش رۇخسىتى بېرىپ بېشىنى سىلىغان ئىكەن. ئادەتتە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قانۇنى بويىچە، بۇ مەملىكەتتە تۇرغان ھەر قانداق بىر چەتئەللىكنىڭ تۇرۇش رۇخسىتى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئالماشتۇرىلىدۇ. ئەمما شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلارغا ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۇزارتىپ تۇرىدىغان دائىمىي تۇرۇش رۇخسىتى بېرىلگەنلىكى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا بولغان چوڭ غەمخورلۇق ئىدى.(توختى)