پۈتۈن بايلىقىنى خەلقى ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن باي


2007.10.15

بۇ پۈتۈن ھاياتىنى جاپا - مۇشەققەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ، بىر ئۆمۈر ئىشلەپ پۇل تاپقان ۋە تاپقان پۇلى بىلەن بۇ دۇنيانىڭ راھىتىنى تېتىشتىنمۇ، ئۆز خەلقىگە ياردەم قىلىشنى ئۈستۈن كۆرگەن ۋە پۈتۈن تاپقان، تەرگەنلىرىنى خەلقى ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن بىر پىداكار شەخسنىڭ قىسسىسىدۇر.

2006- يىلى 12- يانۋار كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ۋاپات بولغان تۇرغۇنجان ھاجىم مۇندىن 60 يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ھىجرەت قىلىپ كېلىپ يەرلىشىپ قالغان كىشى بولۇپ، تۇرغۇنجان ھاجىم ئۆز مېھنىتى بىلەن تىجارەت قىلىپ بېيىغان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا كۆزگە كۆرۈنگەن بايلاردىن سانىلاتتى.

بۇ كىشىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە ۋە مەككە مۇكەررەمە شەھەرلىرىدە كۆپلىگەن ئۆي- ئىمارەتلىرى ۋە دۇكانلىرى بولۇپ، تاپقان پۇلىنى ئۆز خەلقىنىڭ ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىشتەك ئېسىل خىسلىتى بىلەن خەلق ئارىسىدا تونۇلغان نادىر شەخسلەردىن ئىدى. مەرھۇم تۇرغۇنجان ھاجىم ۋاپات بولۇپ كېتىشى ئالدىدا پۈتۈن مال - دۇنياسىنى ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ۋەقپ قىلىپ كەتكەن.

ئابدۇللا دۆلەت بىلەن سۆھبەت

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى خوتەن ۋەقپ ئۆيىنىڭ مەسئۇلى ئۇستاز ئابدۇللا دۆلەت مەرھۇم تۇرغۇن ھاجىم توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى:" مەرھۇم تۇرغۇنجان ھاجىم شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە توغۇلغان ۋە مۇندىن 60 يىل ئىلگىرى بۇ جايغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەن كىشى بولۇپ، تىجارەت بىلەن بېيىغان. ئەمما ھاياتىدا ھېچ ئۆيلەنمىگەنلىكتىن، ئۇنىڭ بايلىقىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ۋارىسلىرى يوق ئىدى. مەرھۇم تۇرغۇنجان ھاجىم خەير - ساخاۋەت ئىشلىرىدا ناھايىتى سېخىي ۋە مەرد كىشى بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن بولغان ئاجىز - ئۇرۇق، پېقىرلارغا ھەمىشە ياردەم قولىنى سۇناتتى، مەسچىت ۋە مەدرىسە سېلىش ئىشلىرىغىمۇ ياردەم قىلاتتى. 2005- يىلى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى خوتەن ۋەقپ ئۆيىنى قايتا سېلىپ چىقىش ئىشلىرىغا 300 مىڭ رىيال سەئۇدى ئەرەبىستانى رىيالى (تەخمىنەن 80 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) ئىئانە قىلغان ئىدى. كېيىنچە مەرھۇم ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىپ قالغانلىقىنى سەزگەنمۇ، جىددە ۋە مەككە مۇكەررەمە شەھەرلىرىدىكى بارلىق يەر - زېمىنلىرى، نەق پۇلىنى ئۆز مىللىتىنىڭ ئېھتىياجى يولىدا ۋەقپ قىلىش پىكرىگە كېلىپ، باشقىلارغا بۇ ھەقتە مەسلىھەت سالغان بولدى. ھەممىنىڭ قوللىشى بىلەن بۇ ۋەقىپنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ۋەقىپنىڭ شەرتلىرىدە مەرھۇم تۇرغۇنجان ھاجىم پۈتۈن يەر - زېمىنلىرىنى كىراغا قويۇپ ئۇنىڭدىن چىققان پايدىلارنى توپلاپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېڭى ۋەقپ بىنالىرىنى سېتىۋېلىش، دىنىي كىتابلارنى نەشر قىلىش، مەكتەپ ۋە مەسچىتلەرگە ياردەم قىلىشنىمۇ قوشۇپ قويغان."

تۇرغۇنجان ھاجىمنىڭ ۋاپاتى

ئابدۇللا دۆلەتنىڭ ئېيتىشىچە، مەرھۇم تۇرغۇنجان ھاجىم قولىدىكى پۈتۈن بايلىقلىرىنى ۋەقپ قىلىۋەتكەندىن كېيىن، تىجارەت ئىشلىرىنىمۇ توختىتىپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىگە بېرىپ ئىبادەت بىلەنلا شۇغۇللانغان بولۇپ، ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەستىن 2006 - يىلى 12 - يانۋار كۈنى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ۋاپات بولغان. جىنازىسى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى پەيغەمبەر مەسچىتىدە ئوقۇلۇپ، «بەقى» قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.

ئابدۇللا دۆلەتنىڭ ئېيتىشىچە، مەرھۇم ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىن 350 مىڭ رىيال ( تەخمىنەن 95 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) غا تۆت قەۋەتلىك بىر بىنانى سېتىۋېلىپ، ئۇنىمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ۋەقپ قىلىۋەتكەن. ھازىر مەرھۇم تۇرغۇنجان ھاجىم ۋەقپىسىنىڭ ياردىمى بىلەن نەشر قىلىنىپ كەڭ ئۇيغۇرلارغا تارقىتىلغان دىنىي كىتابلارمۇ خېلى بار ئىكەن. مەرھۇمنىڭ ۋەقپ قىلىپ كەتكەن جىمى بايلىقى بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىكەن. (ئۆمەرجان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.