مەككىدىكى مۇھەممەد ياقۇپ بېك بەدەۋلەت ۋەخپىسى

2007-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى مۇھەممەد ياقۇب بېك ۋەخپىسى سەئۇدى ئەرەبىستانى تەۋەسىدىكى پۈتۈن ۋەخپىلەرنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ ۋەخپە ئۇيغۇر ئېلىدىن ھەج ۋە ئۆمرە ئۈچۈن كېلىدىغان ئۇيغۇرلار نىڭ يېتىپ قوپۇشى ئۈچۈن بىردىنبىر قارارگاھ بولۇپ كەلمەكتە.

مۇھەممەد ياقۇپ بېك بەدەۋلەت ۋەخپسىنى ئەتراپلىق چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن گەپنى ئالدى بىلەن بۇ ۋەخپىنى تەسىس قىلغۇچى مۇھەممەد ياقۇپ بېك بەدەۋلەتنىڭ تەرجىمىھالى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

مەككە مۇكەئەرەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇلھەكىم ھاجىم ياقۇب بېك ۋەخپىسىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دىدى: " مۇھەممەد ياقۇپ بېك بەدەۋلەت غەربى تۈركىستاننىڭ مەركىزى بولغان تاشكەنت تەۋەسىدىكى پىسكەنت رايونىدا، مەرىپەتپەرۋەر بىر ئائىلىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ پالۋانلىق بىلەن مەشھۇر بولغان.

تۈرلۈك ئىسىىق - سوغاقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن. نۇرغۇن ئۇرۇشلارغا بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلغان ۋە نۇرغۇن قېتىم تۇرمىلارغا سۇلانغان، نەتىجىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدە مەشھۇر سىياسىيون بولۇپ تونۇلغان. كىيىن ئۇ نەزىرىنى شەرقى تۈركىستان تەرىپىگە قارىتىپ، ئۇ تەرەپكە يۈرۈش قىلىش نىيىتىدە بولىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە شەرقى تۈركىستاندىن غەربى تۈركىستانغا ئەلچىلەر ئۆمىكى كېلىپ شەرقى تۈركىستاننىڭ تالانتلىق بىر قۇماندانغا موھتاج ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا شۇ ۋاقىتتىكى غەربى تۈركىستان ئەمىرلىرى تەرىپىدىن ئۇنى شەرقى تۈركىستانغا ئەۋەتىش قارار قىلىنغان.

مۇھەممەد ياقۇپ بېك قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن مەزگىلدە شەرقى تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ناھايىتى قالايمىقان ئىدى. ئۇ نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىپ شەرقى تۈركىستاندىكى چوڭ ئالتە شەھەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن شەرقى تۈركىستانغا (1863- 1877) ئەمىر بولغان. ئۇ شۇ دەۋرىدىكى تۈركىيە ۋە ھىجاز (سەئۇدى ئەرەبىستانى) قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىگە ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن."

ۋەخپىنىڭ تەسىس قىلىنىشى

ئابدۇلھەكىم ھاجىم يەنە مۇنداق دىدى: " مۇھەممەد ياقۇپ بېك سەئۇدى ئەرەبىستانىغا مەخسۇس ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ ھەرەم شېرىپكە يېقىن ئورۇندىن بىر بىنا سېتىۋېلىپ ئۇنى تۇركىستاندىن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ھەج پەرزىنى ئادا قىلىشقا كەلگەن ھاجىلار ئۈچۈن ۋەخپە قىلىشقا بۇيرىغان.

ۋەخپىنىڭ ئورنى

ۋەخپىنىڭ ئەسلىدىكى ئورنى مەككە - مۇكەررەمەدىكى مەشھۇر دارۇتتەۋھىد بىناسىنىڭ ئۇدۇلىدا يەنى ئىبراھىم خېلىل يولى بويىدا بولۇپ، ھەرەم شەرىپ بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 مېتىر ئەتراپىدا ئىدى، كىيىن بۇ ۋەخپىنى ياساش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر شىركەتكە ئون يىللىق دېگۋارغا بېرىلىپ ئۇنىڭ پايدىسىغا دەۋۋار كودەي دېگەن ئورۇندىن ئالتە قەۋەتلىك بىر بىنا سېتىۋېلىنغان، دەۋۋار كودەيدىكى بۇ ۋەخپە بىلەن ھەرەم شېرىپنڭ ئارىلىقى ئۈچ يېرىم كىلو مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. بۇ ۋەخپىگە تەخمىنەن مىڭ كىشى سىغىدۇ، بۇ ۋەخپىنىڭ يېرىمى ئۆزبېك ھاجىلىرىغا، يېرىمى ئۇيغۇر ھاجىلارغا تەقسىم قىلىنغان بولۇپ، بۇ شەرقى ۋە غەربى تۇركىستاندىن كەلگەن ھاجىلارغا ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېكلەر ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق رىشتىسىنى تۇنۇتىدىغان ئەھمىيەتلىك ۋەخپە ھېسابلىنىدۇ."

ۋەخپە ھەققىدىكى تالاش تارتىشلار

ئابدۇلھەكىم ھاجىم يەنە مۇنداق دىدى: " بۇ ۋەخپە ھەققىدە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدا بەزى تالاش تارتىشلار يۈز بەرگەن. ئۇيغۇرلار: بۇ ۋەخپىنى شەرقى تۇركىستاندىن ئېلىپ كېلىنگەن مەبلەغگە سېتىۋېلىنغان، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ۋەخپە ئۇيغۇرلارغا خاس ۋەخپە بولىشى لازىم دېسە، ئۆزبېكلەر: بۇ ۋەخپىنى تەسىس قىلغۇچى ئەمىر ئۆزبېك بولغاندىكىن بۇ ۋەخپە ئۆزبېكلەرگە خاس بولىشى لازىم دېگەن.

لېكىن سەئۇدى ئەرەبىستانى ئەۋقاپ مىنىستىرلىكى ۋە ئالى سوت مەھكىمىسىدىكى ئارخىپ بۆلۈمىدە ساقلانغان ئەسلى ھۆججەتتە: بۇ ۋەخپىدىن قەشقەر ۋە تاشكەنت ئەھلىلىرى ئىستىپادە قىلىدۇ دەپ قەيت قىلىنغانلىقتىن سوت مەھكىمىسىنىڭ: ئۇز ۋاقتىدا قەشقەر شەرقى تۈركىستاننىڭ، تاشكەنت غەربى تۈركىستاننىڭ مەركىزى بولغان، ھۆججەتتىكى "قەشقەر ۋە تاشكەنت ئەھلىلىرى" دېگەن جۈملىدىن شەرقى تۈركىستاندىن بولغان ئۇيغۇرلار ۋە غەربى تۈركىستاندىن بولغان ئۆزبېكلەر مەقسەت قىلىنغان دېگەن ھۆكمى بىلەن بۇ ھەقتىكى تالاش تارتىشلار ئاخىرلاشقان.

ۋەخپىنىڭ نازىرلىرى

بۇ ۋەخپە تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان بۇنىڭغا ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېكلەردىن تالانتلىق نۇرغۇن ئۇستازلار نازىر بولۇپ كەلگەن. بۇ ۋەخپە ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېكلەر ئوتتۇرىسىدا ئورتاق ۋەخپە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بىر نازىر، ئۆزبېكلەر تەرىپىدىن بىر نازىر تەيىنلىنىپ بىر ۋاقىتتا قوش نازىر تەيىنلىنىپ كەلگەن.

بۇ ۋەخپىگە ھازىر ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمەدىكى ئۇممۇلقۇرا ئۇنىۋېرسىتېتى تەربىيەت پاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابدۇللىتىپ مۇھەممەد بالتۇ، ئۆزبېكلەر تەرىپىدىن ئوممۇلقۇرا ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شېرىپ پاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مۇھەممەد سەئىد ھەسەن بۇخارى نازىر بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ. "

ۋەخپىنىڭ خىزمىتى

ئابدۇلھەكىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋەخپە شەرقى ۋە غەربى تۇركىستاندىن ئۆمرە ۋە ھەجگە كەلگەن مېھمانلار ئۈچۈن ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك قېرىنداشلارنىڭ ئۆمرە ۋە زىيارىتى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئوچۇق بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن ھەقسىز خىزمەت قىلىدۇ. بۇ ۋەخپىنىڭ500 دىن ئارتۇق كىشى سىغىدىغان چوڭ زالى بولۇپ خالىغانلار توي - تۆكۈن قاتارلىق ھەر خىل پائالىيەتلىرىنى شۇ زالدا ئۆتكۈزىدۇ.

رامىزان ۋە ھەج مەۋسۇملىرىدا ھاجىلارغا ھەقسىز تائام ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بېرىلىش بىلەن بىرگە ھاجىلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى، ئۆمرە ۋە ھەج پائالىيەتلىرىنى ئۆگىنىشى، دىنى چۈشەنچىلىرىنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تالانتلىق ئۆلىمالار تەكلىپ قىلىنىپ ھەر خىل تېمىلاردا دەرس ئۆتىلىدۇ. ھاجىلارغا ھەر خىل مەزمۇندىكى كىتاب ۋە لېنتىلار ھەقسىز تارقىتىلىپ بېرىلىدۇ. (ئۆمەرجان توختى)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت