سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى خىتاي چىش پاستىلىرىنى چەكلىدى

0:00 / 0:00

سەئىدى ئەرەبىستان گېزىتلىرىنىڭ 2007- يىلى 8- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى ، يەنى پەيشەنبە كۈنلۈك خەۋىرىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان سودا - سانائەت مىنىستىرلىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بارلىق شەھەر ۋە رايونلىرىدىكى بازارلاردىن خىتايدا ئىشلەنگەن 7 تۈرلۈك چىش پاستىسىنى دەرھال يىغىۋېلىش توغرۇلۇق جىددىي خەۋىرى ئېلان قىلىندى.

خىتايدا ياسالغان 7 تۈرلۈك چىش پاستىسى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سودا - سانائەت مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، خىتايدا ئىشلەنگەن ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە رايونلىرىدىكى بازارلاردا سېتىلغان مەزكۇر 7 تۈرلۈك چىش پاستىسىنىڭ تەركىبىدە، "داي ئىسىلىن گلايكول"دەپ ئاتىلىدىغان زەھەرلىگۈچى ماددا كۆپ مىقداردا ئارىلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ قوللىنىشى ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېمەك - ئىچمەكلەرنى كونترول قىلىش كومىتېتى خىتايدا ئىشلەنگەن مەزكۇر 7 خىل چىش پاستىسىدىن نەمۇنە ئېلىپ، مەركىزىي لابوراتورىيىدە تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، مەزكۇر چىش پاستىلىرىدا "داي ئىسىلىن گلايكول"دېگەن زەھەرلىك ماددىنىڭ كۆپ مىقداردا بارلىقى بايقالغان. تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، خىتايدا ياسالغان مەزكۇر 7 تۈرلۈك چىش پاستىسىدا ئىنسان ھاياتىغا خەتەرلىك بولغان زەھەرلىك ماددىنىڭ بايقالغانلىقى ۋە بۇ چىش پاستىلىرىدا سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىشلىتىلىپ كەلگەن نورمال چىش پاستىلىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك سالاھىيەت ۋە بىخەتەرلىك شەرتلىرى تېپىلمىغانلىقى سەۋەبلىك ئىشلىتىشكە قەتئىي بولمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سودا - سانائەت مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتى

بۇنىڭغا بىنائەن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سودا - سانائەت مىنىستىرلىكى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى پۈتۈن لابوراتورىيىلەر خىتايدا ياسالغان ھەر قانداق بىر چىش پاستىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كونترولدىن ئۆتكۈزمىگىچە ۋە زەھەرلىك" داي ئىسىلىن گلايكول" ماددىسىنىڭ بار يوقلۇقى تەتقىق قىلىنىپ چىقىلمىغىچە سەئۇدى ئەرەبىستان بازارلىرىغا چىقارماسلىق توغرۇلۇق پەرمان چۈشۈرگەندىن تاشقىرى، خىتاينىڭ مەزكۇر 7 تۈرلۈك زەھەرلىك چىش پاستىسىنى بازارلارغا سالغان بارلىق شىركەت ۋە ھەممە مۇئەسسەسىلەرنىڭ مەزكۇر چىش پاستىلىرىنى سېتىشنى توختىتىشىنى، بۇ زەھەرلىك پاستىلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ماسلىشىشنى، خېرىدارلارنىڭمۇ مەزكۇر 7 تۈرلۈك چىش پاستىسىنى قەتئىي ئىشلەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا، خىتايدا ئىشلەنگەن مەزكۇر 7 تۈرلۈك چىش پاستىسىنى قايسىبىر ماگىزىندا سېتىلغىنىنى كۆرگەنلەرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان سودا - سانائەت مۇپەتتىش ئورگىنىنىڭ ھەقسىز تېلېفون لېنىيىسىگە تېلېفون ئۇرۇپ دەرھال خەۋەر بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.(توختى)