سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمەت مەتبەئەسىدە بېسىلغان تۇنجى ئۇيغۇرچە كىتاب


2007.12.31

Kitap-150.jpg
2007- يىلى نويابىردا سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ھۆكۈمەت مەتبەئەسىدە بېسىلغان " ناماز ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى" ناملىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان كىتاب. RFA Photo / Omerjan Tohti

يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ دىنى ۋە مىللىي مەسىلىلىرىگە ئائىت ئەسەرلىرىنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەرەب ۋە چاغاتاي تىللىرىدا نەشىر قىلدۇرۇپ كەلگەن ئىكەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، خۇسۇسەن 80- يىللاردىن كېيىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بەزى ئەسەرلەرمۇ مىسىر، پاكىستان، تۈركىيە، سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە نەشىر قىلىنىشقا باشلىدى.

كىتابنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى

2007- يىلى نويابىردا سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ھۆكۈمەت مەتبەئەسىدە بېسىلغان " ناماز ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى" ناملىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بۇ كىتاب سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھۆكۈمەت مەتبەئەسىدە بېسىلغان تۇنجى ئۇيغۇرچە كىتاب ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتابنى بېسىپ تارقىتىش ئىشلىرىنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەر شەھىرىدىكى خوتەن ۋەقىپ ئۆيىنىڭ مەسئۇلى ئۇستاز ئابدۇللا دۆلەت ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كىتابنى باستۇرۇش رۇخسىتىنى ئېلىش ۋە باستۇرۇش ئىشلىرىنى بىۋاستە ئۆزى ئورۇندىغان.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم مۇھەممەد نىياز ھاجىم بۇ ناماز كىتابىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:" بۇ كىتاب ئۇيغۇر ئېلىدە مۇسۇلمان خەلق مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بىرى قوبۇل قىلىپ كەلگەن ئىمام ئەزەمنىڭ مەزھىپى بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار داۋام قىلدۇرۇپ كەلگەن ئىبادەت سىستېمىلىرىغا تامامەن مۇۋاپىق ھالدا ھازىرلانغان. ئۇيغۇرلارغا يات مەزھەپلەرنىڭ قاراشلىرى ۋە ئىختىلاپلىق مەسىلىلەردىن يىراق بولغان. بۇ كىتابتا نامازنىڭ پەرزلىكىدىن باشلاپ، ئۇنىڭ بۇيرۇلۇشىنىڭ ھېكمەتلىرى، مەقسەت، غايىلىرى، سىر - ئەسرارلىرى، پايدىلىرى، ناماز ئوقۇشنىڭ قائىدە - تەرتىپلىرى ۋە نامازلارنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى چۈشىنىشلىك شەكىلدە ئىزاھلاپ بېرىلگەن. كىتابتا يەنە تاھارەت ئېلىش، تەيەممۇم قىلىش ۋە ناماز ئوقۇش ئۇسۇللىرى رەسىملەر بىلەن كۆرسىتىپ بېرىلگەن. ھەجمى 500 بەتكە يېقىنلىشىدۇ."

ئاپتورنىڭ مۇقەددىمىسى

مۇھەممەد نىياز ھاجىم يەنە مۇنداق دېدى: " كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە: 'ھۆرمەتلىك كىتابخان! قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب ناماز ھەققىدە تەپسىلى يېزىلغان ھەممىگە ئاممىباب ئەسەر بولۇپ، سىزنىڭ ناماز ھەققىدىكى بىلىملەرگە بولغان بارلىق ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرىدۇ، بىلمەيدىغانلارغا ئۆگىتىدۇ، بىلىدىغانلارنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى ناماز ھەققىدىكى نۇرغۇن سىر - ئەسرارلارغا ئىگە قىلىدۇ. بۇ كىتاب پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ھەققىدە ئۆگەتكەن ۋە كۆرسەتكەن ئەڭ ئىشەنچلىك ھەدىسلىرىگە يۆلەنگەن ۋە ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفەنىڭ مەزھىپىنى ئاساس قىلغان ھالدا يېزىلدى. كىتابتىكى شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ ھەممىسى مەزھەپ مۆتىۋەرلىرىنىڭ ۋە باشقا كاتتا ئۆلىمالارنىڭ ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ ئىلغار قاراشلىرىدىن تاللاپ ئېلىندى،' دەپ يېزىلغان."

مەزكۇر كىتاب "تۇرغۇن ھاجىم ۋەخپىسى"نىڭ ماددىي ياردىمى بىلەن 8000 نۇسخا بېسىلغان بولۇپ، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىن ھەجگە كەلگەن ئۇيغۇرلارغا مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىدە ھەقسىز تارقىتىلماقتا ئىكەن. (ئۆمەرجان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.