مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۇنجى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2010.05.05
2010.05.05
1966 - يىلى تەيۋەندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، ئۇنى پادىشاھ فەيسەل تەيۋەن پايتەختى تەيبېي شەھىرىگە تەيۋەنلىك مۇسۇلمانلارنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتۇپ تەربىيىلەش ئۈچۈن ئەۋەتىدۇ. ئۇ ئىككى يىل تەيۋەندە دىنىي خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، كېلىشىم بويىچە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قايتىپ كېلىپ، مەسجىد ھەرەمدە مۇدەررىسلىك قىلغان.
مۇھەممەد نىياز مەۋلىۋى ھەققىدە كۆپرەك مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن نەشرىياتچى ئابدۇلجېلىل تۇران ئەپەندىگە مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.
ئابدۇلجېلىل تۇران بىلەن سۆھبەت
ئابدۇلجېلىل تۇران ئەپەندى مۇنداق دېدى: "مەۋلىۋى مۇھەممەد نىياز دېگەن كىشى ئەسلى خوتەنلىك بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا قەشقەردە ئوقۇيدىغان تالىپلارنىڭ كۆپىنچىسى خوتەنلىك ئىدى. مۇھەممەد نىياز مەۋلىۋى كاتتا ئالىم بولغان كىشى بولۇپ،ئۇ خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيىسىدە 1919 - يىلى ھاللىق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، 1930 - يىلى ھىندىستانغا بېرىپ مەشھۇر " دەييۇبەند" مەدرىسىدە ئوقۇشقا كىرگەن. 1937 - يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مۇپتىسى ۋە مۇدەررىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1945 - يىلى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان رەئىسلىك سايلىمىدا مۇھىم رول ئوينىغان، ئۇ 1947 - يىلىدىكى، غۇلجىدىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۈرۈمچى قورچاق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا چاقىرىلغان مىللىي قۇرۇلتايغا قاتناشقان بولۇپ، قۇرۇلتاي ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى قورچاق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن 8 ئاي تۈرمىگە ئېلىنىدۇ. تۈرمىدىن بوشىغاندىن كېيىن، خوتەندىكى ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەستىن دەرھال ھىندىستانغا چىقىپ كېتىدۇ. 1951 - يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا يېتىپ كېلىدۇ."مۇھەممەد نىياز مەۋلىۋىنىڭ ۋاپاتى
ئابدۇلجېلىل تۇران ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مەرھۇم مۇھەممەد نىياز مەۋلىۋى 1947 - يىلى ۋەتىنىدىن ۋە ئائىلىسىدىن ئايرىلغاندىن بىرى ئۆيلەنمەستىن، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر بويتاق بولۇپ ياشاپ ئۆتكەن بولۇپ، 1991 - يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن.يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.