ياۋرۇپا بىرلىكى ساختا ماللار مەسىلىسىدە خىتاينى ئاگاھلاندۇردى
2004.11.16
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىلى، ياۋرۇپا تاموژنىسىدا تۇتۇپ قېلىنغان ساختا ماللارنىڭ٪ 60 ئى خىتايدىن كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئومومىي قىممىتى بەش يېرىم مىليون ياۋرۇغا توغرا كىلىدىكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، ياۋرۇپا بىرلىكى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتكەن ھەپتە ساختا ماللارغا زەربە بېرىدىغان بولۇپمۇ ئەقلىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ پاتېنت ھوقوقىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر ھەرىكەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
پىلاننىڭ ئاساسلىق مەقسىدى
ياۋرۇپا بىرلىكى كومىتېتى ئەمەلدارىئىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت پىلانى ئاساسلىقى سودا شېرىكلىرى ئارىسىدا تېخنىكا ھەمكارلىقىنى ۋە ساختا ماللارغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ پىلانغا ئاساسەن ياۋرۇپا بىرلىكى سېستىملىق ھالدا ئەقلىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ پاتنېنت ھوقوقىغا خىلاپلىق قىلمىشلىرى بىلەن شوغۇللانغان دۆلەتلەرگە قارىتا، قىلچە ئىككىلەنمەستىن قوش تەرەپلىمە ۋە كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزىدىكەن. ھالبۇكى خىتاي بولسا بۇ پىلاننىڭ مەركىزى قىسمىغا ئايلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
خىتاي پاتېنت ھوقۇقىنى قوغداشتىكى تەدبىرلىرى ئاجىز
ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىتاي ئىشلىرى ۋە ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى ياڭ دالى ئەپەندى خىتايدا مەھسۇلاتلارنىڭ پاتېنت ھوقوقىغا خىلاپ ھالدا ماركىلارنى ئوغرىلاپ ئىشلىتىدىغان ئەھۋاللارنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇ مەسىلىسىنى ھىس قىلىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دىدى:
- خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ھازىر بۇ مەسىلىنى ھىس قىلىپ، ساختا ماللارغا زەربە بېرىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتىدۇ. خىتايدىكى ساختا ماللار ئاساسلىقى شىركەتلەر ۋە بىر قىسىم يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى قوغلاشقانلىقىدىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ.گەرچە خىتاينىڭ ھازىر ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولسىمۇ، بىراق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان دارامىتى نىسبەتەن يەنىلا تۆۋەن. بۇنداق شارائىتتا، ھۆكۈمەتنىڭ ساختا ماللارغا زەربە بېرىشتىكى ۋە ئەقلىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ پاتېنت ھوقوقىنى قوغداشتىكى تەدبىرلىرى ئاجىز كېلىۋاتىدۇ.
ساختا ماللارنىڭ خىتاي – غەرب مۇناسىۋىتىدىكى ئورنى
ئامېرىكا ئوخەيئو شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى رەن بوگۇڭ ئەپەندى، خىتاينىڭ ساختا ماللىرى مەسىلىسىنىڭ پەقەت خىتاي- ياۋرۇپا سودا مۇناسىۋىتىدىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي - ئامېرىكا سودا مۇناسىۋىتىدىمۇ بىر مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دىدى:
- خىتاينىڭ ساختا ماللىرىنىڭ كۆپلىكى ھازىر ياۋرۇپاغىلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرگىمۇ باش ئاغرىقى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ياۋرۇپادا بۇ مەسىلە ھەممىدىن ئېغىر، خىتاينىڭ ساختا ماللىرى ياۋرۇپا بازىرىدا كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. نىمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ دىگەندە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرگەن. دەسلەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى نۇقۇل ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قوغلىشىپ، ساختا ماللارغا زەربە بەرمىگەن. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلار ساختا مال ئىشلەپچىقىرىپ بېيىغان. كىيىن بولسا، ھۆكۈمەت بىر قىسىم تەدبىرلەرنى قوللانغان بولسىمۇ، بىراق كىشىلەر يوچۇق تېپىپ ساختا ماللارنى ئىشلەپچىقىرىۋەرگەن. ساختا مال ياساش خىتايدا بىر ئېقىمغا ئايلانغان.
ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئېھتىياتچانلىقى
بېيجىڭدا زىيارەتتە بولىۋاتقان ياۋرۇپا بىرلىكى ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ياۋرۇپا بىرلىكى گەرچە ئىقتىسادىي جازا قوللىنىشى مۇمكىن بولسىمۇ، بىراق ياۋرۇپا بىرلىكى بۇ خىل ۋاستىنى ئىشلىتىشتىن ساقىلىنىشنى خالايدىكەن. ئۇنىڭ يەنە كۆرسىتىشىچە، ياۋرۇپا بىرلىكى خىتاينىڭ ئىكككىنجى چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى بۇ يىل ٪ 35 كۆپەيگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، خىتاينىڭ ساختا ماللار مەسىلىسىنى ياخشى بىر يول بىلەن ھەل قىلىش، ئىككىلا تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىكەن.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئانالىزچىلار نۆۋەتتە خىتايدا سېتىلىۋاتقان داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ٪ 20 ئىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى، ساختا ماللارنىڭ نىسبىتىنىڭ يەنىمۇ ئېشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خەۋەرگە قارىغاندا، خىتايدىن ياۋرۇپا بازىرىغا ئېقىپ كىرگەن ساختا ماللار ئاساسلىقى تاماكا، CD پىلاستىنكىلىرى، كومپىيوتېر يۇمشاق دىتاللىرى ۋە DVD قاتارلىقلار ئىكەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- گېرمانىيە خىتايغا قارىتىلغان ئىمبارگۇنى بىكار قىلىشقا قارشى چىقتى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي توقۇمىچىلىق ماللىرىغا چەكلىمە قويۇش ئەرزىنى قۇبۇل قىلغانلىقى، خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى
- ئامېرىكا توقۇمىچىلىق سانائىتى ھۆكۈمەتتىن خىتاي ماللىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى
- ئامېرىكا توقۇمىچىلىق سانائىتى ھۆكۈمەتتىن خىتاي ماللىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى