ئۈرۈمچىدە ساختا ئاخباراتلارنى قەتئى توسۇش ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى


2005.07.20

يېقىندا ئۈرۈمچىدە "ساختا ئاخباراتلارنى قەتئىي توسۇش كېرەك" دېگەن مەزمۇندا مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى مەتبۇئات ئورۇنلىرىنىڭ، شۇنداقلا ئاخبارات خادىملىرىنىڭ ساختا، يالغان ئاخباراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەكلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. مەزكۇر يىغىندا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان بىر قىسىم ساختا، يالغان ئاخباراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۈنۈملۈك چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مەخسۇس تۈزۈم - بەلگىلىمە بېكىتىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە نېمە ئۈچۈن ساختا ئاخبارات يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ؟ بۇ ھەقتە نيو-يوركتىكى خىتاي دېموكراتى خۇ پىڭ ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى نېمىلەرنى دەيدۇ؟

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.