خىتايدا كەينى - كەينىدىن يۈز بېرىۋاتقان ساختا دورا مەسىلىسى كىشىلەرنىڭ نەپرىتىنى قوزغاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەمئىيەتتە بىر خىل جىددىيچىلىكنى پەيدا قىلماقتا. بۇندىن ئىلگىرى خىتاي چىچىخار ئىككىنچى دورا ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنىڭ بىر قىسىم ساختا، جان ئالغۇ دورىلىرى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، يېقىندا يەنە ئەنخۇي دورا زاۋۇتىنىڭ "شىڭفۇ" يەنى "بەخت" ماركىلىق دورىسىمۇ كۆپلىگەن بىمارلارنى ھاياتىدىن ئايرىدى.
ئەمەلىيەت يوشۇرۇلغان
سەيشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەنخۇي خۇئايۈئەن دورا زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان "شىڭفۇ" ماركىلىق ئوكۇل دورىسى تۈپەيلىدىن ئۆلگەنلەر سانى بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا ئەسلىدىكى 4 نەپەردىن 7 نەپەرگە كۆپەيگەن شۇنداقلا 81 نەپەر بىمار مەزكۇر ئوكۇلنى ئىشلەتكەنلىكتىن كېسەل ئەھۋالى ئوخشىمىغان دەرىجىدە بىردىنلا ئېغىرلىشىپ كەتكەن.
ئەنگىلىيە ب ب س خەۋىرىدە بېرىلگەن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىڭفۇ ماركىلىق دورا ئوكۇلى ئۆلۈم ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن، خىتاي دورا بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىش ئورگىنى دەرھال بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، مەزكۇر دورا ئوكۇلىنى ئىشلەتمەسلىكنى ۋە بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن بۇ جەرياندا، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ دورا بۇيۇملارنى نازارەت قىلىش ئورگىنى ھەقىقەتنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان. خىتاي ياشلار گېزىتىدە بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى خەۋەردىمۇ، ئەنخۇي دورا بۇيۇملارنى نازارەت قىلىش ئورگىنىنىڭ مەزكۇر ۋەقەدىن خېلى بۇرۇنلا خەۋىرى بار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ، " نېمە ئۈچۈن ئەھۋالنى بىلىپ تۇرۇپ، ۋاقتىدا چارە -تەدبىر قوللانمايدۇ" دەپ مەزكۇر دورا نازارەت قىلىش ئورگىنىنى قاتتىق تەنقىدلىگەن.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە خەۋىرىدە بېرىلگەن مەلۇماتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنخۇي خۇئا يۈئەن دورا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ "شىڭفۇ " ماركىلىق بو دورا ئوكۇلىنى ئىشلەتكەنلىكتىن ۋەقە يۈز بەرگەن ئۆلكىلەر، ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا 10 دىن ئاشقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىمۇ بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ساقتا دورا يامرىماقتا
بىز ئەنخۇي دورا زاۋۇتىنىڭ "شىڭفۇ " ماركىلىق بۇ دورىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە ئېلىپ كەلگەن زىيىنى ھەققىدە مەزكۇر جايدىكى دورا نازارەت قىلىش ئورگىنى ۋە ھەر قايسى دوختۇرخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى شەھىرى دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ دورا بۆلۈمى خادىمى يېقىندىن بۇيان، مەزكۇر جايدا بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈشنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ" تېلېۋىزورلاردىمۇ بۇ ھەقتە ئۇقتۇرۇش قىلغان، شۇڭا ھازىر بىزنىڭ دوختۇرخانىدا بۇ خىل دورا ئوكۇلى پەقەت ئىشلىتىلمەيدۇ. لېكىن باشقا دوختۇرخانىلاردا قانداقكىن ؟ بۇنىڭغا ئېنىق بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ"دەپ جاۋاب بەردى.
گەرچە بىز تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتە قىلغان كۆپ ساندىكى دوختۇرخانىلار "شىڭفۇ " ماركىلىق بۇ خىل دورا ئوكۇلىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى ھەمدە ساختا دورىلارنىڭمۇ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر قىسىم پۇقرالار جەمئىيەتتە يامراپ كېتىۋاتقان ساختا دورىلاردىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ساختا دورىلارغا يولۇقۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئادەتتە ئۇششاق -چۈششەك دورا پونكىتلىرىدىن ھەرگىز دورا ئالمايدىغانلىقىنى، ھەتتا زۇكام ۋە باش ئاغرىق دورىلىرىنىمۇ مەخسۇس دوختۇرخانىلارغا بېرىپ دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئارقىلىق ئاندىن يۈرەكلىك ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
"شىڭفۇ " ماركىلىق ساختا دورىغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە شىپالىق ئەمەس بەلكى زور زىيان ئېلىپ كېلىۋاتقان دورا تۈرلىرى بىمارلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن زور تەھدىت بولۇپ، ئۇلارنىڭ روھىي كەيپىياتىغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتمەكتە. (مېھرىبان)