كانادا ساقچى دائىرلىرى خىتايلارنىڭ ساختا پلاستىنكا سودىسىغا زەربە بەردى


2006.12.29

روزدېستۋو بايرىمىنىڭ ئالدى كەينى ۋە يېڭى يىلنىڭ ھارپىلىرىدا كانادادىكى خىتايلارنىڭ قانۇنسىز يول بىلەن كۆچۈرىلىدىغان پلاستىنكا سودىسى تېخىمۇ ئاۋاتلىشىپ كېتىدۇ. باشقا دۆلەتلەردىكى خىتايلارغا ئوخشاش كانادادىكى خىتايلارمۇ بۇ خىل تىز ئۈنۈمىنى كۆرگىلى ۋە تىز بېيىغىلى بولىدىغان سودا بىلەن شۇغۇللىنىشقا خۇشتار. ئامما كانادا ساقچى دائىرلىرى نۇقتىلىق ئېلىپ بېرىلغان بىر قانچە قېتىملىق تەكشۈرۈش ۋە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق، قانۇنسىز پلاستىنكا سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان خىتايلارنى قولغا ئالدى ۋە ئۇلارنىڭ دۇكانلىرى پېچەتلىدى. ناھايىتى كۆپ مىقداردىكى قانۇنسىز پلاستىنكا بۇيۇملىرىنى قولغا چۈشۈردى.

مۇتەخەسسىسلەر ساختا مال ئىشلەپچىقىرىش ۋە بۇ خىل سودا بىلەن شۇغۇللىنىش خىتايلارنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن كەلگەن، دەپ قارىماقتا.

ئەجەللىك زەربە

كانانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىكى خىتايلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان خىتاي بازارلىرى ساختا ماللار ۋە قانۇنسىز بۇيۇملار پۇلغا ئايلاندۇرۇلىدىغان دۇنيادىكى ئاساسلىق مەركەزلەرنىڭ بىرى. ئامما روزدېستۋو بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينى ۋە يېڭى يىلنىڭ ھارپىسىدا كانادا ساقچى دائىرلىرى بىر قانچە قېتىم نۇقتىلىق زەربە بېرىش ھەركىتى ئېلىپ بېرىپ، خىتايلارنىڭ بۇ قانۇنسىز سودىسىغا ئەجەللىك زەربە بەردى.

مەخسۇس قانۇنسىز پلاستىنكا سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ناھايىتى چوڭ گۇرۇھلارنى پاش قىلدى، ئۇلارنىڭ پلاستىنكا كۆپەيتىدىغان ئۈگىلىرىنى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىدى، دۇكانلىرىنى پېچەتلىدى.

ساقچى تەرەپنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ھەتتا بەزى خىتايلار دۇكانلىرىنى قانۇنسىز كۆچۈرگەن CD, VCD DVD لارغا ئوخشاش بۇيۇملارنى ئاشكارا ساتىدىغان مەركەزگە ئايلاندۇرغان بولسا، ئۇلار يەنە دۇكانلىرىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتلىرىنىمۇ كىرالاپ، بۇ يەرگە مەخسۇس كۆچۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ئورناتقان ۋە پلاستىنكا كۆپەيتىش بىلەن مەشغۇل بولغان بۇ قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنى قولغا ئالدى.

بۇ ھەركەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ساقچى ئەمەلدارى John Kelley كانادا جامائىتىگە مەلۇمات بېرىپ: بىز پلاستىنكا سانائىتى جەمئىيىتى تەمىنلىگەن تولۇق ماتېرىياللارغا ئاساسەن بۇ تەكشۈرۈش ھەرىكتىنى ئېلىپ بېرىپ، كۆپ مىقداردىكى قانۇنسىز ماددى بۇيۇمنى قولغا چۈشۈردۇق. بىر قىسىم كىشىلەرنى قولغا ئالدۇق، دېدى.

ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، روزدېستۋو بايرىمىنىڭ ئالدى كەينى ۋە يېڭى يىلنىڭ ھارپىلىرىدا خىتاي بازارلىرىدا قانۇنسىز پلاستىنكا سودىسى دائىم چاپ-چاپ بولىدىكەن.

خىتايلار قانۇنسىز تىجارەتنى تىز بېيىشنىڭ يولى قىلىۋالغان

ساقچى تەرەپ ئايال باياناتچىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە ئۇلار يېقىندا تېخىمۇ كەڭ –كۆلەمدىكى تەكشۈرۈش ۋە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "بىز بۇ رايوندىكى ئاھالىلار تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ يىپ ئۇچىغا ئىگە بولدۇق. بىز قانۇنسىز يول ئارقىلىق كۆچۈرۈلگەن پلاستىنكا ۋە ساختا مال ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ھەرىكەتلىرىگە ھەرگىزمۇ يۇمشاق قوللۇق قىلمايمىز". ئۇنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئالدىنقى يىلى، ئۇلار يېڭى يىلنىڭ ھارپىسىدا خىتايلارنىڭ سودا رايۇنىدا تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا 400 مىڭ دانىدىن ئارتۇق قانۇنسىز كۆچۈرۈلگەن پلاستىنكىنى قولغا چۈشۈرگەن ۋە بۇ ھەرىكەتتە 15 نەپەر خىتاينى قولغا ئالغانىكەن. قولغا چۈشۈرۈلگەن پلاستىنكا ۋە ئۈسكىنىلەرنىڭ قىممىتى نەچە ئون مىليون دوللارغا يېتىدىكەن.

بۇ باياناتچىنىڭ مىسالغا ئېلىشىغا قارىغاندا، بۇ بازاردا پلاستىنكا سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ليۇ چاۋ ئىسىملىك بىر نەپەر خىتاي، ئالدىنقى يىلى قانۇنسىز پلاستىنكا سودىسى جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان ۋە كېيىن ئۇنىڭغا جەرىمانە بېرىپ، قۇيۇپ بەرگەن بولسىمۇ ئامما ئۇ، بۇ يىل قانۇنسىز پلاستىنكا تىجارىتىنىڭ دائىرىسىنى نەچە ئون ھەسسە كېڭەيتكەن. ئۇ بۇ قېتىم نەچە ئون مىليون دوللارلىق كۆپەيتىش ئۈسكىنىسى ۋە قانۇنسىز پلاستىنكا بۇيۇملىرى بىلەن قولغا چۈشكەن.

ساختا مال خىتاي مەدەنىيىتىدىن كەلگەن

ساقچى دائىرلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، قولغا چۈشۈرۈلگەن بۇ پلاستىنكىلارنىڭ بىر قىسمىنى دۇكان ئىگىلىرى ئۆزلىرى كۆپەيتكەن بولسا، يەنە بىر قىسمى خىتايدىن كەلگەنىكەن. كانادا دائىرلىرى بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا.

قانۇنسىز پلاستىنكا سودىسى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان مەسىلە بولماقتا، ئۇلار بۇ مەسىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ كەلمەكتە.

كانادادا خىتاي ۋە ۋيېتنامدىن كەلگەن كۆچمەنلەر بۇ قانۇنسىز پلاستىنكا سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

كانادا گېزىتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە كانادا ھۆكۈمىتى كۆچمەن قوبۇل قىلىش شەرتلىرىنى ئاسانلاشتۇرغاندىن كېيىن، خىتايدىن بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار كاناداغا سىڭىپ كىرگەن.

مۇتەخەسسىسلەر، نۆۋەتتە خىتاي ساقتا مالنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى، ساختا مال سودىسى خىتاي مەدەنىيىتىن كەلگەن، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.