ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاشنى ، ساختا ماللارنى قاتتىق چەكلەشنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتىنىڭ مەخسۇس خادىمى مېگلېنا كۇنېۋا خانىم، 22 ‏- ئىيۇل كۈنى بېيجىڭدا، خىتاي دائىرىلىرى مەھسۇلاتلىرىغا قاراتقان تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى ، بولۇپمۇ ساختا ماللارغا قەتئى چەكلىمە قويۇشى كېرەك دەپ جاكارلىدى.

ئىستېمالچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن سالامەتلىكى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلۇشى تەكىتلەندى

كۇنېۋا خانىم، خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان 5 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇ بېيجىڭدا يۇقىرىقى سۆزلەرنى تەكىتلىگەن. كۇنېۋانىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپانىڭ مۇناسىۋەتلىك تەلەپلىرى بۇيىچە ئىش ئېلىپ بارمىغان ، بولۇپمۇ ئېلېكتىرونلۇق ئەسۋاپلار، بالىلار ئويۇنچۇقلىرى، ئاپتوموبىل ئۈسكۈنىلىرى ۋە باشقا ئىستىمال بۇيۇملىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىغان.

كۇنېۋا خانىم، خىتاينىڭ سودىدا باسىدىغان ھەر بىر قەدىمىنى ياخشى بېسىشىنى، ئەڭ مۇھىمى ئىشلەپچىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن سالامەتلىكىنى قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە": بىز گەرچە خىتاينىڭ ئۆلچەمگە يەتمىگەن بىر قىسىم ماللىرىنىڭ ياۋرۇپا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىيەلىسەكمۇ، ئەمما خىتاي بازىرى ھەمدە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈش بىزنىڭ ئەسلى مەقسىدىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز يەنىلا ياخشى بىر نەتىجىنى كۆرۈشنى خالايمىز " دېدى.

بۇندىن ئىلگىرى، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۆلچەمسىز مەھسۇلاتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ئىدى. ياۋرۇپا دۆلەتلىرىمۇ بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىپ، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان سۈپەتسىز مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋرۇپاغا كىرىشىنى توساش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كەلدى.

ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتىنىڭ خادىمى كۇنېۋا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا سۈپەت باشقۇرۇش خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە خىتاي بىلەن بۇ جەھەتتە ئۇچۇر ئالاقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋرۇپا ئىتتىپاقى يىمەكتىن باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، 2006 ‏- يىلى خىتايدىن ئېكىسپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ %48 ئىدە مەسىلە كۆرۈلۈپ ، خىتاي سۈپەت جەھەتتە مەسىلە ئېغىر دۆلەتلەر قاتارىدا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلغان، ھالبۇكى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان گېرمانىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاران %2 ئىدە مەسىلە بايقالغان.

كۇنېۋا خانىم، خىتاينىڭ ئېكىسپورت مەھسۇلاتلىرىدا 100 دە %2 لىك ياخشىلىنىش مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتە تېخىمۇ تېز ۋە تېخىمۇ كۆپ ياخشىلىنىشلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پانامادا 100 كىشى زەھەرلىنىپ ئۆلگەن

بۇ يىل 7 ‏- ئاي ئامېرىكىدا، خىتايدا ئىشلەنگەن يۆتەل سۇيۇقلۇقى ۋە بىر قانچە دورىلاردىن مەيدانغا كەلگەن زور كۆلەملىك زەھەرلىنىش ۋەقەلىرى ۋە يېقىندىلا پانامادا يۈز بەرگەن 100 كىشىنىڭ زەھەرلىنىپ ئۆلۈش ۋەقەسى ئاشكارىلانغاندىن سىرت يەنە، خىتاي شىركەتلىرىدىن ئامېرىكىغا ئېكىسپورت قىلىنغان بۇغداي ۋە گۇرۇچتىكى زەھەرلىك ماددىلار تۈپەيلى ئاز بولمىغان ھايۋانلارنىڭ ئۆلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتى، خىتاينىڭ ئېكىسپورت مەھسۇلاتلىرىغا قاراتقان تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۈچۈن، كۇنېۋا خانىم خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى داۋامىدا ، خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ بېرىشتىن سىرت، خىتاينىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى سۈپەت تەكشۈرۈش خادىملىرى بىلەن ئۇچرىشىپ خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن. (ئەقىدە)