"خىتاينىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش تېخنىكىسى يېتەرلىك ئەمەس"
2007.07.24
خىتاي ئېكىسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە كۆرۈلىۋاتقان نۇقسانلار بولۇپمۇ ، سۈپەتسىز ۋە ساختا ماللار، ئامېرىكىدا كۈچلۈك دىققەت قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بېيجىڭدىن بۇ جەھەتتىكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى مۇھىمى مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
خىتاينىڭ تەكشۈرۈش تېخنىكىسى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ خېلىلا كەينىدە
بۇ ئارىدا مۈتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىشتە بىر قەدەر ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، نۆۋەتتە خىتاينىڭ تەكشۈرۈش تېخنىكىسى بىلەن سۈپەت ئۆلچىمى قاتارلىق جەھەتلەردە تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ خېلىلا كەينىدە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئىستىمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش كومېتىتىنىڭ مەخسۇس خادىمى مېگلىنا كۇنىۋا يەكشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ ساختا مەھسۇلات ۋە بىخەتەر بولمىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت كارخانىلارغا زەربە بېرىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى. ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۈر خادىمى بېيجىڭغا قاراتقان 5 كۈنلۈك زىيارىتى داۋامىدا يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغان بولسىمۇ ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەر بۇيىچە ئىش كۆرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. چۈنكى ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەر ئىچىدە ئېلېكترونلۇق بۇيۇملار، بالىلار ئويۇنچۇقى، ماشىنا ئەسۋابلىرى ۋە باشقا نۇرغۇن مەھسۇلاتلار دا ساقلانغان مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاينىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشنى، ساختا ماللارنىڭ بازارغا كىرىشىنى قەتئىي چەكلىشىنى بىلدۈرگەن كۇنىۋا خانىم، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدىن ساختا ۋە ئۆلچەمسىز مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىشنى ھەتتا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارنىڭ ھەر بىر سېخلىرىغىچە كىرىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
زەھەرلىك ماددا بايقالغان ساختا چىش پاستىسى
خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا مېكسىكىنىڭ، ئۆتكەن ھەپتە كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدىغان ئىككى خىل چىش پاستىسىنى ئىشلىتىلىشنى قاتتىق چەكلىگەنلىكى، بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئەنگىلىيىدىمۇ زەھەرلىك ماددا بايقالغان ساختا چىش پاستىسى بايقالغانلىقى ئېلان قىلىنماقتا.
خىتاي چىش پاستىسىدا زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بايقالغانلىقى يالغۇز چەتئەللەردىلا ئاشكارىلىنىپلا قالماي ، بەلكى خىتاينىڭ ئۆزىدىمۇ ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، يېقىندا ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئالاۋتاۋ پورتىدىن چەتئەلگە ئېكىسپورت قىلىنماقچى بولغان 10 مىڭ يەشىككە يېقىن چىش پاستىسىنىڭ ئۆلچەمگە يەتمەي، قايتۇرۋىتىلگەنلىك ئەھۋالى مەيدانغا چىققان ئىدى.
خىتاي مەھسۇلاتلىرىدا مەسىلە ئېغىر كۆرۈلىۋاتقان بىر پەيتتە ، خىتاي مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ تېخنىكا خادىمى جۇ، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تېخنىكا خادىم جۇ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: "بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئورگانلىرى، بىر قاتار چارە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دۆلەت ئىچىدە مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ياخشىلاش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ كەلمەكتە. مېنىڭچە، دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكىدە ئاز - تولا مەسىلە بار ، ئامېرىكا ۋە ياپونغا ئوخشاش تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردىمۇ بۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.
مەھسۇلاتلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بارىدىغان مەزكۈر خادىم سۆزىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ": بىرىنچىدىن ، بىزنىڭ تېخنىكىمىزنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىق ئىكەنلىكىگە ئىقرار قىلىش كېرەك، بىزنىڭ پىشىقلاپ ئىشلەش، باشقۇرۇش، سۈپەتنى كونترول قىلىش جەھەتلەردىكى تېخنىكىمىزنى ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىغا ئوخشاش تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇش ھازىرچە ئانچە مۇۋاپىق بولمايدۇ. ئىككىنچىدىن ، بىزنىڭ خادىملىرىمىزنىڭ سەۋىيىسى، تېخنىكا كۈچى باشقىلاردىن خېلىلا تۆۋەن ، بۇ ئەمەلىيەت ، بىراق شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى ، بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە بولغان قاراش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش چارە - تەدبىرلىرى جەھەتتە، مېنىڭچە ھېچقانداق مەسىلە يوق."
450 مىڭ پاي چاق بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە يەتمىگەن
خىتاينىڭ ئورگان مەتبۇئاتى شىنخۇئا ئاگېنتلىقى يېقىندا، ھۆكۈمەت تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 30 شىركەت تەرىپىدىن ياسىلىۋاتقان 51 خىل يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چاقلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ سۆزىنى مۇنداق دەپ نەقىل كەلتۈردى:" بارلىق ئاپتوموبىل چاقلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلچەمگە ئۇيغۇن، تەخمىنەن 14 % لىك كامىر ئۆلچەمسىز بولۇپ، تېز سۈرئەتتە ماڭغاندا پارتلاپ كېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، بۇ خىل كامىرلار پەقەت خىتاينىڭ ئۆزىدىلا سېتىلغان."
بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى، ئامېرىكا قاتناش بىخەتەرلىك ئورگانلىرى، خىتاينىڭ ئىككىنچى چوڭ چاق ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنىڭ 450 مىڭ پاي چاقنى، بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە يەتمىگەن دەپ قاراپ يىغىۋالغان ئىدى. بىراق ، خىتاي سۈپەت تەكشۈرۈش ئورگانلىرى، چاقلارنىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ پات ئارىدا بېيجىڭدا ئېلىپ بارىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئائىت سۆھبىتى ھارپىسىدا، ئىككى خىل خىتاي مەھسۇلاتى ئامېرىكا ئىستىمالچىلار بىخەتەرلىكىنى قوغداش كومېتىتى تەرىپىدىن يىغىۋىلىندى. يىغىۋىلىنغان بۇ ئىككى خىل مەھسۇلاتنىڭ بىرى 15 مىڭ دانە راھەتلىنىش ئورۇندۇقى ، 220 مىڭ دانە ئوت كېسىش ماشىنىسى ئىكەن.
مۈتەخەسسىسلەر يەنە، خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى ئابرويىنىڭ خۇنۇكلىشىشى، ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان خىتاي ئىقتىسادىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۈقەررەر دەپ ئەسكەرتىش بىلەن بىللە ، يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىدىكى خىتاي سودا بازىرى ۋە رېستۇرانلىرىنىڭ بازىرىنىڭ ئالاھىدە كاساتلاشقانلىقىنى تەكىتلىدى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاشنى ، ساختا ماللارنى قاتتىق چەكلەشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاينىڭ بالىلار ئويۇنچۇقلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى بالىلىرى ئۈچۈن خەتەر ياراتماقتا
- شۋېتسىيىدە يۈز بەرگەن دۆلەت ئاتلىغان ئادەم ئەتكەسچىلىكى
- ئامېرىكا : ئۇيغۇر قىزلارنى ئىچكىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەش ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ بىر تۈرى
- ئامېرىكا خىتاينى ئادەم ئەتكەسچىلىك سودىسى ئېغىر دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى
- خىتاينىڭ سودىدىكى ساقتىلىقى 8 دۆلەت يىغىنىنىڭ مۇھىم تەنقىد تېمىسى
- ئۇيغۇر ئېلى بالىلىرىنىڭ قەنت- گېزەك ۋە ئويۇنچۇقلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆلچەمسىز
- ساختا پۇلغا ئالدانغان دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى كىم قوغدايدۇ؟
- كانادا ساقچى دائىرلىرى خىتايلارنىڭ ساختا پلاستىنكا سودىسىغا زەربە بەردى
- تۇرپاندا زەھەرلىك چېكىملىك ياساش زاۋۇتى پاش بولدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش جەھەتتە قانۇن چىقارماقچى
- 25 نەپەر ئۇيغۇر ئايال زەھەر يۆتكەش جەريانىدا بىراقلا تۇتۇلدى
- ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكىگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەسىلىسىگە قانداق باھا بېرىدۇ ؟
- ئامېرىكا ئادەم ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ خىتاينى تەنقىدلىدى