كانادا خىتايدىن كېلىدىغان ماللارغا قارىتا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتمەكچى


2007.08.22

خىتاينىڭ ساختا ۋە سۈپەتسىز ماللىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان كانادا بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس قانۇن تۇرغۇزماقچى بولماقتا. كاناداغا كىرىۋاتقان، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان زور مىقداردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ۋە يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتى شۇنداقلا بىخەتەرلىكىدە جىددىي مەسىلىلەر بارلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، كانادا دائىرىلىرى خىتاي ماللىرىغا قارىتا تاموژنىلاردىكى كونتروللۇقنى، سەھىيە ۋە بىخەتەرلىك ئۆلچەملىرى بويىچە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كانادا، كانادا دائىرىلىرى خىتايدىن كىرىۋاتقان سۈپەتسىز ۋە زەھەرلىك مەھسۇلاتلار مەسىلىسىدە خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشكەن. كانادا سەھىيە مىنىستىرى توني كلەمەنتنىڭ بىلدۈرۈشىچە،كانادا، خىتايدىن كىرىدىغان ماللارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ،ئورتاق ھەركەت ئېلىپ بارىدىكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، كانادا سەھىيە مىنىستىرلىقى كاناداغا كىرىۋاتقان چەتئەل مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت ۋە بىخەتەرلىك ئۆتكەللىرىنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن، ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان تەكشۈرۈش ئۆلچەملىرى كۆزدىن كەچۈرىدىكەن.

خىتاي ماللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئامېرىكا، كانادا، مېكسىكا رەھبەرلىرىنىڭ كۈن تەرتىپىدە

كانادا باش مىنىستىرى ستېپەن خارپەر ئامېرىكا ۋە مېكسىكا قاتارلىق شىمالى ئامېرىكا دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىتايدىن كىرىدىغان سۈپەتسىز ماللارغا قارشى بىرلىكتە تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ ساختا ۋە سۈپەتسىز ماللىرىدىن قانداق مۇداپىئە كۆرۈش مەسىلىسى كانادادا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان شىمالىي ئامېرىكا دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاساسلىق كۈن تەرتىپلىرىدىن بىرى بولغان. ستېپەن خارپەر : " كانادالىقلار دۇنيادىكى بەزى دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت مەسىلىلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا. ئويۇنچۇقلار قايتۇرۇلغىنى يوق، ئۇنىڭدىن باشقا بەزى مەھسۇلاتلارمۇ بار. ھۆكۈمىتىمىز نۆۋەتتە بۇلارغا ئىنتايىن دىققەت قىلماقتا ۋە ئىنچىكىلەپ تەكشۈرمەكتە. ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرمۇ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە. بىز شىمالى ئامېرىكا دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا بۇ ھەقتە سۆزلىشىمىز ۋە شىمالىي ئامېرىكىغا كىرىدىغان ماللار ۋە بۇ ماللارنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچەملىرى ھەققىدىكى سىياسىتىمىزنى قايتىدىن بېكىتىمىز،" دېدى.

كانادا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كانادانىڭ كۇبەك شتاتىغا جەم بولغان ئامېرىكا، كانادا ۋە مېكسىكا رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا، بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ سودا، ئېنېرگىيە جەھەتتىكى ھەمكارلىقى، يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى، شۇنداقلا خىتاي ۋە ھىندىستانغا ئوخشاش ئىقتىسادىي جەھەتتىن يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن رىقابەتلىشىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

خىتاينىڭ سۈپەتسىز ماللىرى كانادالىقلارنى قورقۇتقان

كانادادىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار كانادا ھۆكۈمەت دائىرلىرىنى چەت' ئەلدىن كىرىۋاتقان مەھسۇلاتنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋاقتى ئۆتكەن قانۇنلار بىلەن تەكشۈرۈشكە ئېسىلىۋېلىپ، ئۆز خەلقىنى باكتىرىيىلىك ماددىلاردىن قوغدىمىدى، دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان زەھەرلىك يېمەكلىكلەر ۋە ساختا ماركىلىق زەھەرلىك چىش پاستىسى قاتارلىقلار كانادادا كۆپلەپ بايقالغاندىن كېيىن كۆپلىگەن كانادالىق ئىستىمالچىلار ئۆزلىرىنىڭ سالامەتلىكى ۋە ھوقۇقلىرىنىڭ جىددىي دەخلى-تەرۈزگە ئۇچراۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان. كانادا مەتبۇئاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2006 - يىلى كانادا، خىتايدىن ئىمپورت قىلغان يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇمى قىممىتى 756 مىليون دوللار ئەتراپىدا بولغان.

يېقىندا كانادادا ئېلىپ بېرىلغان خىتاي ماللىرىغا قارىتا، پۇقرالارنىڭ رايىنى سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا،70% دىن ئوشۇق كانادالىقنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ يوقالغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان، %28 كانادالىق خىتاي ماللىرى پۈتۈنلەي بىخەتەر ئەمەس، دەپ جاۋاب بەرگەن بولسا، يەنە %33 كانادالىق خىتاي ماللىرى ئانچە بىخەتەر ئەمەس، دەپ قارىغان.

كانادانىڭ تۈزۈلمىسىدە يوچۇقلارمۇ يوق ئەمەس

كانادا خىتاينىڭ ساختا ماللىرى ۋە زەھەرلىك مەھسۇلاتلىرى زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، كانادا ئاۋام پالاتاسى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ كانادانىڭ تاموژنىلىرىدىكى نۆۋەتتە چەتئەلدىن كىرىۋاتقان ماللارنى خالىغانچە تەكشۈرەلمەيدىغان ھالەتكە خاتىمە بېرىدىغان، يېڭى تاموژنا قانۇنىنى تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلىدىغان دوكلاتنى تاپشۇرۇپ ئالغان.

"تورونتو ستار" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ساختا ۋە زەھەرلىك ماللىرىنىڭ كانادا بازارلىرىنى قاپلاپ كېتىشى كانادا ھۆكۈمىتىنى بۇ يېڭى تاموژنا قانۇنىنى تۇرغۇزۇشقا مەجبۇر قىلغان. يۇقۇرقى خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە،ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قانۇن بويىچە، كانادا تاموژنىلىرىنىڭ چېگرىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ساختا ماللارنى تۇتۇپ قېلىش ھوقۇقى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار، چەتئەلدىن كىرىۋاتقان ماللارنىڭ %3 نىلا تەكشۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغاچقا، خىتاينىڭ ساختا ماللىرى توسالغۇسىز كاناداغا ئېقىپ كىرگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا كانادا خان جەمەتى ساقچى ئەترىتى كانادا تاموژنىلىرى ئېنىقلاپ چىققان ساختا ماللارنىڭ، پەقەت تۆرتتىن بىرىنىلا تەكشۈرەلىگەن. يەنە كېلىپ، ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈش دائىرىسى بۇ ماللار ئادەم سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە زىيانلىقمۇ يوق ياكى خەلقئارادىكى جىنايەت گۇرۇھلىرى ئېلىپ كىرگەنمۇ يوق دېگەنلەر بىلەنلا چەكلەنگەن. ھازىرقى قانۇندا يەنە، ساختا ۋە سۈپەتسىز مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلغۇچىلارنى جىنايەتچى، دەپ بېكىتىلمىگەچكە بۇ كىشىلەر قانۇنىي جازانىڭ سىرتىدا قالغان.

خىتاي ماللىرىنىڭ كاناداغا كەلتۈرۈۋاتقان ئىقتىسادىي زىيىنى ئېغىر

ك ت ۋ تېلېۋىزىيىسىدىكى مۇلاھىزىگە قارىغاندا، چەت' ئەلدىن كانادا بازارلىرىغا كىرىۋاتقان ساختا ماللارنىڭ كاناداغا ئېلىپ كېلىدىغان ئىقتىسادى زىيىنى يىلىغا 20 مىليارت دوللاردىن 30 مىليارت دوللارغىچە بولۇپ، ئۇلار كانادا ئىقتىسادىغا جىددى تەھدىت شەكىللەندۈرگەن. نۆۋەتتە كانادا بازارلىرىدىكى ساختا ۋە سۈپەتسىز ماللارنىڭ 3 تىن ئىككىسى خىتايدىن كەلگەن ماللار ئىكەن.

بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، كانادا ئاۋام پالاتاسى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كومىتېت كانادالىقلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە، ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇقى -مەنپەئەتى ۋە ئىقتىسادىي زىياننى ئازايتىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر قانۇننى تۇرغۇزماقچى بولغان.

كانادا ئاۋام پالاتاسىغا سۇنۇلغان دوكلاتتا كانادا تاموژنا ئورگىنىنىڭ خىزمەت فۇنكىتسىيىسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا ھۆكۈمەتتىن ساختا ۋە سۈپەتسىز ماللارنى ئىمپورت قىلىش ۋە بۇنى توپ سېتىش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى جىنايەتچى،دەپ تونۇش ۋە كانادا پارلامېنتىنىڭ كانادا تاموژنىسىغا ساختا ۋە سۈپەتسىز ماللارنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈش ھوقۇقى بېرىشى،كانادا سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مەخسۇس خادىملارنى سەپلەپ بىخەتەر بولمىغان، ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىكلەر ۋە دورا بۇيۇملارنى تەكشۈرۈشى تەلەپ قىلىنغان.مەلۇماتلارغا قارىغاندا،بۇ قانۇن ئالدىمىزدىكى ئايلاردا تەتىلنى تاماملاپ، يېڭى خىزمەتكە كىرىشىدىغان كانادا پارلامېنتىنىڭ بىرىنچى كۈن تەرتىپىدىكى ئىش بولىدىكەن.

كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئولىمپىك مۇسابىقىسى يېقىنلىشىشى بىلەن خىتايدا ئىشلەپ چىقىرىلىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت ۋە بىخەتەرلىكى مەسىلىسى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تېخىمۇ قوزغايدىكەن.(كامىل)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.